ئۆيلەنمەيمەن
تاھىر تالىپ
«سۆي» دېدى بىر پەرىزات قاراپ قويماي،
مەن ئۈچۈن چېچىنى بىر تاراپ قويماي.
«سۆي» دېدى ئۆزى ئېگىز راۋاق ئۈزرە،
بىر چۈشۈپ ئاشىقىغا قاراپ قويماي.
«سۆي» دېدى قولىنىمۇ بىر ئۇزاتماي،
«سۆي» دېدى گۈللىرىدىن بىر پۇراتماي.
سۆيدۈرمەك بوپتۇ مېنى پەملىشىمچە،
ھەتتاكى يېنىغىمۇ بىر يولاتماي.
«سۆي» دېدى جانان تەڭلەپ تاپىنىنى،
تاشلىماي سۈرلۈك بۆرە چاپىنىنى.
مۈرەممۇ، يۈرىكىممۇ بولدى يېغىر،
كۆپ سۆرەپ تەڭقىسلىقنىڭ ساپىنىنى.
سۆيمىسەم سەكرەپ چۈشۈپ چەيلىمەكچى،
تېرەمنى تەتۈر سويۇپ ئەيلىمەكچى.
«سۆيمىدىڭ تاپىنىمنى، ۋاپاسىز» دەپ،
دوزىخى قاتارىغا ھەيدىمەكچى.
مەيلىدى پەستە تۇرسا ئاز بولسىمۇ،
سۆيەتتىم يانمۇ-يان بوپ تاز بولسىمۇ.
(بوينىنى ئۇنداق ئېگىز تۇتمىسىكەن،-
دەپ قالدىم مەشۇق، ھەتتا غاز بولسىمۇ.)
«سۆي» دېدى، سۆيمىدىم مەن، سۆيەلمىدىم،
«كۆي» دېدى، مۇزلىدىمكى، كۆيەلمىدىم.
بېشىمنى بېسىپ باقتى كېنىزەكلەر،
تاپانغا تىل سوزۇشقا كۆنەلمىدىم.
ھال شۇكى، ئۇ يا مەندىن كېچەلمەيدۇ،
يا پەسلەپ ۋىسالىمغا يېتەلمەيدۇ.
مەن دەيمەن: مۇھەببەتسىز ھاجەتكىلا
بۇ نېكاھ ئىمارىتى پۈتەلمەيدۇ.
شۇڭا مەن ئۆيلەنمەيلا ئۆتەي دېدىم،
تاق ياشاپ مۇرادىمغا يېتەي دېدىم.
بويتاقلىق مىڭ ئەلاكەن «سايىملىق»تىن،
بويتاقلا ئۇ ئالەمگە كېتەي دېدىم.
ئۆيلەنگىن
روزى سايىت
راۋاققا چىقىۋېلىپ ماراپ قويماي،
نازىدا قاش ئېتىپ، چاچ تاراپ قويماي.
«سۆي» دېسە، مەشۇق ئەمەس، ئالۋاستى ئۇ،
كەتكۈلۈك پەشنى قېقىپ قاراپ قويماي.
يېنىغا تارتمىسا يا كەتكۈزمىسە،
«سۆي» دېسە، گۈلىدىن شاخ ئەگكۈزمىسە،
ئېغىزى پۇرامدىكىن كاساپەتنىڭ،
سۆيگەندە لەۋلىرىگە لەۋ تەگكۈزسە.
«تاپانغا سۆي!» دېگىنى ساراڭلىق ئۇ،
زاتىغا ئىبلىس چاپقان ھاراملىق ئۇ.
ھىدلاشما ئازاپ، نۇمۇس، سۆيۈش تۈگۈل،
نىجاسەت دەسسەپ يۈرگەن داۋاملىق ئۇ.
سۆيمىسەڭ چەيلەمدىكەن پەسكە چۈشۈپ،
تېرەڭنى ئەيلەمدىكەن قەستكە چۈشۈپ؟
قورقمىغىن، تىرەيدۇ ئۇ راۋىقىدا،
ئورنىشىپ ئولتۇرۇشمۇ تەسكە چۈشۈپ.
گېپىڭچە «تاز» بولسىمۇ، «غاز» بولسىمۇ،
سۆيدۈرسە سۆيگۈدەكسەن «ماز» بولسىمۇ.
بىلىپ قوي، بەت ئەھلىنىڭ كۆڭلى سۇيۇق،
سەن-بىزدىن گۈل قىزغىنار ياز بولسىمۇ.
گېپىڭچە كېنىزەكلەر باسقاندا باش،
تاپانغا سۆيدۈرمەككە چاغلاپ ياۋاش.
«ياق» دەپسەن، كۆنەلمەپسەن، سۆيەلمەپسەن،
سۆيگۈڭ بار، ئىشىق يۈكىنى ئېتىپ باخاش.
شۇڭا ئۇ كەچمەيدۇ، سەن كېچەلمەيسەن،
ئۇ «پەس»كە، سەن «ئېگىز»گە كۆچەلمەيسەن.
سەن دەيسەن: ئىككى قولدىن چىقسۇن چاۋاك،
ئۇ دەيدۇ: مۇزلاپ، كۆيدۈڭ، ئۆچەلمەيسەن…!
ئاڭلىسام «ئۆيلەنمەيمەن» دەپ يۈرۈپسەن،
«تاقلىق»تىن مۇراد ئىستەپ چۈش كۆرۈپسەن.
نۇرغۇنغۇ بويتاق «سايىم» يۇرتىمىزدا،
خوتۇن ئال، ئالما ئۈزگىن يەڭ تۈرۈپ سەن!
1996- يىل 20 ئۆكتەبىر . خوتەن