سۇدۇننىسا ھاجىم: «ۋەتىنىمىز بىز ئۈچۈن تۈرمىگە ئايلاندى»

ئىلاۋە: مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسى ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىدىن ئەردەم ئەسلىدە ب ب س مۇخبىرلىرى ئۈچۈن تەييارلىغان بولۇپ، بۈگۈن ئۇ خەۋەر ئىلان قىلىندى. زىيارەت خاتىرىسى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق سۇدۇننىسا ھاجىمنىڭ تەھقىقلىشىدىن ئ‍ۆتكەن بولۇپ، بۇ خەۋەرنىڭ ئىشلىنىشىدە سۇدۇننىسا ھاجىم ئاساسلىق شاھىد قاتارىدا ئالاھىدە ئورنى بار. مەزكۇر زىيارەتنامە ئوقۇرمەنلەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىتىشى ئۈچۈن جامائەتكە سۇنۇلدى.

ئەردەم

 

2020-10-1

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

ئىلاۋە: مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسى ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىدىن ئەردەم ئەسلىدە ب ب س مۇخبىرلىرى ئۈچۈن تەييارلىغان بولۇپ، بۈگۈن ئۇ خەۋەر ئىلان قىلىندى. زىيارەت خاتىرىسى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق سۇدۇننىسا ھاجىمنىڭ تەھقىقلىشىدىن ئ‍ۆتكەن بولۇپ، بۇ خەۋەرنىڭ ئىشلىنىشىدە سۇدۇننىسا ھاجىم ئاساسلىق شاھىد قاتارىدا ئالاھىدە ئورنى بار. مەزكۇر زىيارەتنامە ئوقۇرمەنلەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىتىشى ئۈچۈن جامائەتكە سۇنۇلدى.

 

سۇدىنىسا ھاجى خېنىم شەرقىي تۈركىستان، خوتەن شەھەر توساللا يىزا جالالباغ كەنت 13- كەنت 6- مەھەللەدىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىرى ئوسمان قارىم 2006- يىلىدىن تارتىپ 2015- يىلى 3- ئايغا قەدەر شۇ مەھەللىدىكى مەسجىدتە ئىماملىق قىلغان.

 


2014- يىلى 5- ئاينىڭ 7- كۈنى تۇيۇقسىز تۇتۇلۇپ، 2014- 7- 14- كۈنى قويۇپ بەرگەندىن كىيىن ئىماملىقنى داۋاملاشتۇرغان. تۇتۇلۇش سەۋەبى: ئوسمان قارىمنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا تۆت- بەش مىھمانخانا بار بولۇپ، مىھمانخانىدا ئىشلىگىنىگە بىر يىرىم ئاي بولغان بىر ياش بالا ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئىلىنغان. شۇ بالىغا چېتىلىپ ئوسمان قارىم تۈرمىدە ياتقان ۋە تۈرمىدە تەن جازاسىغا ئۇچرىغان، خورلانغان. ئ‍وسمان قارىمنىڭ ئۆيىدىكىلەر يول مېڭىپ، 150 مىڭ كويدىن ئارتۇق پۇل خەجلەش ئارقىلىق قۇتۇلدۇرۇپ چىققان. بىراق، ئوسمان قارىم يەنە داۋاملىق خىتاي ساقچىلارنىڭ قاقتى-سوقتى قىلىشىغا، پۇل بىرىپ تۇرمىسا سولاپ قويۇش تەھدىتىگە ئۇچرىغان. ئوسمان قارىم پۇل بىرىپ تۇرسىمۇ ئۇلارنىڭ قولىدا ئامان قىلىشىغا ئىشەنمىگەنلىكىدىن ئ‍امالسىز چەتئەلگە چىقىپ بىر مەزگىل ئارام- خۇدا ياشىماقچى بولغان. ئۇ يول مىڭىپ پاسپورت بىجىرىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىشلەمچىلىك ئىقامىتىنى سېتىۋالغاندىن كىيىن، ۋىزا قويدۇرۇپ 2015-3-3- سەئۇدى ئەرەبىستانغا چىققان.

 

2016- يىلى 3-ئاينىڭ 10- كۈنى ئوسمان قارىمنىڭ ئايالى سۇدىنىسا خانىم سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئېرىنىڭ يىنىغا چىققان. ئۇلارنىڭ بەش بالىسى پاسپورتىغا پاسپورت ھەل قىلالمىغاچ، ۋەتەندە قالغان. ئۇلارنىڭ ئۈچ چوڭ بالىسىنىڭ پاسپورتى كىيىنچە ھەل قىلىنغان.

 


2016- يىلى 10-ئايدا، خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋىلىشقا باشلىغان. ئوسمان قارىم ئىككى چوڭ بالىسىنىڭ مىڭ تەستە ئىرىشكەن پاسپورتىنىڭ يەنە تارتىلىنىشىدىن ئەنسىرەپ، تېخى قۇرامىغا يەتمىگەن ئىككى بالىسىنى تۈركىيەگە چىقىشقا بۇيرىغان. يەنە ئىككى كىچىك بالىسى تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى سەۋەبلىك نوپوسقىمۇ ئىرىشەلمەي، قارا نوپوس بولغاچ كىملىك ۋە پاسپورت بىجىرىش مۇمكىن بولماي ۋەتەندە قالغان.

 

2016- يىلى 12- ئايدا، ئوسمان قارىم ئايالى سۇدىنىسا ھاجىم بىلەن بىرگە سەئۇدى ئەرەبىستاندىن تۈركىيەگە بارغان. تۈركىيەدە بىر ئائىلە كىشىلىرى قايتىدىن تۈركىيەدە جەم بولغان.

 

2017- يىلى 1- ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇلار سەئۇدى ئەرەبىستانغا قايتىپ بارغان. 2017- يىلى 2- ئايدا ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىك ئوغلى ئابدۇراھمان سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇغۇلغان.

 


2018- يىلى ئۇلار يەنە تۈركىيەگە قايتىپ كىلىپ، قىرىقلەرئەلى دىگەن شەھەردە ئولتۇراقلاشقان. ئۇ يەردە ئوسمان قارىم تاغدا يۈرۈپ قوي باققان، ۋەتەندىكى مەسجىدتە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىمام، 4-5 مىھمانخانا خوجايىنى بولۇپ ياشاپ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ گۇناھسىز تۇتقۇن قىلىشى، قاقتى سوقتى قىلىشى بىلەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ سەرگەردان بولۇشقا يۈرىكى چىدىماي جىمىغۇر بولۇپ قالغان.

 

2018- يىلى 5- ئاي رامىزاندا، ئوسمان قارىم مەككە ھەرەمگە بىرىپ ئۆمرە قىلىپ، ئىبادەت قىلىپ سۇنۇق كۆڭلىگە تەسەللىي ئىزدەش، مەككىدە قالغان ئاچىسىنى يوقلاپ كىلىش نىيىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەلگەن. ئۇنىڭ قانۇنلۇق ئىقامىتى، ئىقامىتىنىڭ مۇددىتى بار بولۇپ، ئىقامىتىنى يەنە بىر يىل ئۇزارتقان.
ئوسمان قارىم 2018- يىلى 7- ئاينىڭ 30- كۈنى تۈركىيەگە قايتىش بىلىتىنى سېتىۋالغان. بىراق، ئۇنىڭغا سەئۇدى ساقچىلىرىنىڭ ئىزدەۋاتقانلىق خەۋىرى يەتكەن. بۇنىڭدىن چۆچىگەن ئوسمان قارىم ھىچ سەۋەبسىز ساقچىلارنىڭ نېمىشقا ئۆزىنى ئىزدەيدىغانلىقىغا ئەجەبلەنگەن. چۈنكى سەئۇدى ئەرەبىستاندا كىپىللەر ئىشلەمچىلەرنى قاچقۇن ھىسابىدا قولغا ئالدۇرىۋىتەلەيتتى.

 


2018- يىلى 7- ئاينىڭ 26- كۈنى، پۇقراچە كىيىنگەن سەئۇدى ساقچىلىرى مەككە شەھرى مىسفەلە مەھەللىسىدە ئوسمان قارىمنى سۈرۈشتە قىلغان. ئۇلار باشقىلارغا ئوسماننى پەقەتلا بىر ۋاراق قەغەزگە قول قويۇپ بىرىش ئۈچۈن ئىزدىدۇق، دىگەن. بۇنىڭغا ئىشەنگەن قوشنىلار ساقچىلارنى ئوسماننىڭ ئاچىسىنىڭ ئۆيىگە باشلاپ بارغان، مىسفەلە مەھەللىسىدىكى دوراخانا ئالدىدا ئۇلار ئوسماننى ئۇچرىتىپ، شۇئان قولغا ئالغان. ئوسماننىڭ پۇت- قولىنى كىشەنلەپ، ئۇنى تۇرۇشلۇق ئۆيىگە ئىلىپ كىرىپ، ئۇنىڭ بارلىق كىنىشكىلىرى، پۇل- پۈچەكلىرىنى مۇسادىرە قىلغان.
15 كۈندىن كىيىن، ئوسمان قارىم جىددەدىكى تۈرمىدە تۇرۇپ ئاچىسىغا تىلىفۇن قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى، باشقا يەرگە يۆتكىلىپ كېتىش ئىھتىمالى زورلۇقى، شۇڭا قانچە پۇل كېتىشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم يول مېڭىپ، ئۆزىنى قۇتۇلدۇرىشى كىرەكلىكىنى ئىيىتقان. بىراق، ئوسمان قارىمنىڭ ئاچىسى ئەرەب تىلىنى ئۇقمايدىغان ئايال كىشى بولغاچ، ھىچقانداق يول مېڭىشقا قادىر بولالمىغان.
ئوسمان قارى تۇتۇلۇپ، ئۇلار بىر نەچچە قىتىم تۈرمىگە ئىزدەپ چىققان بولسىمۇ، ساقچىلار ئۇلارنى قۇرۇق گەپ بىلەن يولغا سالغان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئوسمان قارىم سىياسىي جىنايەتچىلەرگە ئوخشاش قاتتىق مۇئامىلە قىلىنغان. كىيىنچە ساقچىلار ئوسمان قارىمنىڭ سەپەر ئېيىدا يەنى تۇتۇلۇپ ئىككى ئايدىن كىيىن خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتقان.
بىر مەزگىلدىن كىيىن، تۇدىنىسا خانىم ئېرىنىڭ خوتەن شەھەر بازىرىدا قۇراللىق ساقچىلار تەرىپىدىن كوزۇولۇق ماشىنىغا سېلىنىپ، شەھەر چۆگلەپ سازايى قىلىنغانلىقى، خەلققە ياڭراتقۇلاردا:« بىز چەتئەلگە چىقىۋالغانلارنىمۇ تۇتۇپ ئېلىپ كىرەلەيمىز» دەپ ھەيۋە قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغان.

 

تۇدىنىسا خانىم ھازىر ئىستانبۇل شەھرى سافاكۆيدە ئۈچ بالىسى بىلەن بىلەن تۇرىۋاتىدۇ. ئۇ يەنە ۋەتەندە پاسپورتسىز قالغان ئىككى كىچىك بالىسى 12 ياشلىق ئوغلى ۋە 9 ياشلىق قىزىنى تۈركىيەگە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن يول مىڭىۋاتىدۇ. تۈركىيە دائىرىلىرى سۇدىنىسا خانىمغا تۈركىيە ۋەتەنداشلىقى ئالغاندا، خىتاي ئەلچىخانىسىدىن تۇغقان جەملەش نامىدا تەلەپ قىلالايدىغانلىقىنى ئىيتقان. سۇدىنىسا خانىم خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئىككى كىچىك بالىسىنى قايتۇرۇپ بىرىش توغرىسىدا ئىلخەت يازغان بولسىمۇ، ھىچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن.

 

—–

 

ئايىغىدا، سۇدۇننىسا ھاجىم ھىلىھەم ۋەتەندە قالغان ئېرى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن كۆرەش قىلماقتا! ئاگىنتلىقىمىز، ياردەم بىرىشكە قادىر بارلىق ئورگان ۋە شەخسلەرنىڭ سۇدۇننىسا ھاجىم ئۈچۈن ياردەمدە بولۇشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز! كۆپ رەھمەت!

 

 

 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

1- ئۆكتەبىر ئىستانبۇل بەيازىت مەيدانىدا چوڭ كۆلەمدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى

پە ئۆكتەبىر 1 , 2020
1- ئۆكتەبىر خىتاينىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلۋالغانلىقىنىڭ 71- يىلى، بۇ كۈندە خىتايغا بايرام، شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارغا ماتەمدۇر. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ يىللاردىن بىرى، بۇ كۈندە ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە.

You May Like