ستراسبۇرگ شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنى قوللاش تېمىسىدىكى كىيىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

ستراسبۇرگ شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنى قوللاش كىيىم كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇلدى

 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 28- سېنتەبىر

ئارمان

فىرانسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە 3- قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: 9-ئاينىڭ 26- كۈنى يەكشەنبە كۈنى فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىگە جايلاشقان  «رېيىن دۆلەتلىك ئوپېراسى» ( l’Opéra national du Rhin ) نىڭ ئالدىدىكى پەلەمپەيدە بىر مەيدان مودا كىيىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە بۇ مەزكۇر شەھەردىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمە بولۇپ، ئاساسلىقى خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق ساھەسىدىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىنى ئەيىبلەشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن. 

26- سېنتەبىر يەكشەنبە كۈنى 15 نەپەر مودېل ئۇيغۇر، قازاق، تىبەت موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى بىلەن غەرب پاسونىنى بىرلەشتۈرگەن ئاساستا تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيىپ ئوپېرا بىناسىنىڭ ئالدىدا پەيدا بولغان.كىيىملەرنى ستراسبۇرگ شەھىرىدە تۇرۇشلۇق سەنئەتكار بېللا كلېۋەغ (Bella Cleever) خانىم  بۇ شەھەردىكى ياشلاردىن تەركىب تاپقان ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى Strasbourg For Uyghurs نىڭ تەشەببۇسى بىلەن  لايىھىلەپ چىققان بولۇپ، ئۇ مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: « مەن سەنئەتنى بەك ياخشى كۆرىمەن، يېقىندا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەر ماڭا بەك تەسىر قىلدى، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئىنسانلارنىڭ ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنىشى مېنى بەكمۇ ھەيران قالدۇردى، مەن بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسىغا قانداق ياردەم بېرىش توغرىسىدا كۆپ ئىزدەندىم. ئاخىرىدا بۇ كىيىملەرنى لايىھىلەپ چىقتىم، بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك تۈرمىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازابى بەدىلىگە مودا كىيىم- كېچەك ساھەسىدىكى پايدا ئېلىۋاتقان شىركەت، ماركىلارغا بولغان قارشىلىقنى ئىپادىلىدىم. ھازىر كۈندە دېگۈدەك ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېخىچە خىتايدىن كەلتۈرۈلگەن ئەرزان باھالىق كىيىم- كېچەكلىرىنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز.»

بۇ پائالىيەتنى تەشكىللگۈچىلەردىن Lucy Ruch مۇخبىرغا مۇنۇلارنى دېدى: « بىز دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان Nike, Zara, Uniqlo, Apple قاتارلىق ماركىلار ئەمەلىيەتتە خىتايدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتى بىلەن چېتىشلىق، ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالساق بۇ جىنايەتكە شېرىك بولغان بولىمىز، ئۇيغۇرلار ھازىرقى دەۋردىكى «زامانىۋى قۇللار» غا ئايلىنىپ قالدى، بىز بۇ ئۇقۇمنى كەڭ جامائەتكە بىلدۈرىدىغان پەيتىمىز كەلدى. بىز چوقۇم كەڭ تۈردە كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان دىققىتىنى تارتىشىمىز كېرەك.»

« ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» نىڭ مۇدىرى دىلنۇر رەيھان خانىم مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن: « فىرانسىيە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن ياشلار ئەڭ كۆپ سەپەرۋەر قىلىنغان بىردىنبىر دۆلەت، ئەمما فىرانسىيە ھۆكۈمىتى بولسا ھازىرغىچە بىرەر ئۈنۈملۈك ئىش قىلىپ باققىنى يوق. ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقىلى 5 يىلدىن ئاشتى، كىشىلەر ئۆلتۈرۈلىۋاتىدۇ، 3 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم جازا لاگېرلىرىغا قامالدى، مىليونلىغان ئائىلىلەر پارچىلىنىپ كەتتى، ئەمدى پەقەت ئەيىبلەش بىلەنلا باياناتلارنى بېرىش يېتەرلىك ئەمەس، ياشلار چوقۇم سەپەرۋەر قىلىنىپ سىياسەتچىلەرنىڭ بۇ ھەقتە ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك.»

خەۋەردە دېيىلىشىچە فىرانسىيە دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەپتىش مەھكىمىسى 2021- يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا توقۇمىچىلىق ساھەسىدىكى تۆت شىركەتكە « ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى يوشۇرۇش» جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈشنى باشلىغان بولۇپ، بۇلار: ياپونىيە كىيىم- كېچەك شىركىتى: Uniqlo، ئىسپانىيە كىيىم -كېچەك گۇرۇھى Inditex ( داڭلىق ماركاZara نىڭ باش شىركىتى)، فىرانسىيە توقۇمىچىلىق گۇرۇھى SMCP ۋە ئامېرىكا ئاياغ ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى Skechers لار ئىكەن.

«فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى»  بۇ يىل بېشىدا ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ماركىسى NIKE نىڭ ئۈستىدىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىقى بار دېگەن ئەيىبنامە بىلەن پارىژ يۇقىرى سوتىغا ئەرز سۇنغان بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە بۇ دېلوغا مەسئۇل ئادۋوكاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە فىرانسىيە دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەپتىش مەھكىمىسى NIKE ئۈستىدىن رەسمىي تەكشۈرۈشنى باشلىغان.

فىرانسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە 3- قانىلىنىڭ تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە: ستراسبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر پائالىيەت نەق مەيداندىن سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، پات يېقىندا تېلېۋىزىيە ۋە ئىجتىمائىي تور ۋاسىتىلىرىدە مەخسۇس فىلىم قىلىپ تارقىتىلماقچىكەن.

 

 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

قورچاقلار ئالماشتى!شۆھرەت زاكىر ئېستپا بەردى، ئەركىن تۇنياز مۇۋەققەت رەئىسلىككە تەيىنلەندى

جۈ ئۆكتەبىر 1 , 2021
شۆھرەت زاكىر ئېستپا بەردى،ئەركىن تۇنياز مۇۋەققەت رەئىسلىككە تەيىنلەندى!

You May Like