ئامېرىكىدىكى چوڭ مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىنىڭ بىرى بولغان سائوندۋىژىن (SoundVision) شىركىتى چىكاگو شەھىرىدە ئىككى چوڭ پائالىيەت ئۆتكۈزدى

ئامېرىكىدىكى چوڭ مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىنىڭ بىرى بولغان سائوندۋىژىن (SoundVision) شىركىتى 12- ۋە 13-ئاپرېل كۈنلىرى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان چىكاگو شەھىرىدە ئىككى چوڭ پائالىيەت ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەتلەرنى ئەشۇ تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ۋە «بېرما ھەرىكەت قوشۇنى» دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر تەشكىلاتنىڭمۇ رەئىسى دوكتور ئابدۇل مالىك مۇجاھىد ئورۇنلاشتۇردى. ب

تەييارلىغۇچى: در. ئەركىن سىدىق

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-04-16

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

ئامېرىكىدىكى چوڭ مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىنىڭ بىرى بولغان سائوندۋىژىن (SoundVision) شىركىتى 12- ۋە 13-ئاپرېل كۈنلىرى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان چىكاگو شەھىرىدە ئىككى چوڭ پائالىيەت ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەتلەرنى ئەشۇ تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ۋە «بېرما ھەرىكەت قوشۇنى» دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر تەشكىلاتنىڭمۇ رەئىسى دوكتور ئابدۇل مالىك مۇجاھىد ئورۇنلاشتۇردى. بۇ پائالىيەتكە ئابدۇل مالىك سىڭلىمىز مىھرىگۈل تۇرسۇننى ئىسپات بېرىشكە، ۋە مۇستەقىل پائالىيەتچى سىڭلىمىز ئايدىن ئەنۋەرنى تەرجىمانلىق قىلىپ بېرىشكە، شۇنداقلا زۆرۈر بولغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە تەكلىپ قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ چىقىمىنى ئابدۇل مالىكنىڭ تەشكىلاتلىرى چىقىرىپ بەردى.

بىرىنچى پائالىيەت لېكسىيە سۆزلەش ۋە ئىسپات بېرىش پائالىيىتى بولۇپ، ئۇ چىكاگودىكى ئەڭ چوڭ مەسچىتتە ئۆتكۈزۈلدى. ئىككىنچى كۈندىكى پائالىيەت ئىئانە توپلاش زىياپىتى بولۇپ، ئۇنىڭغا كەلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىمۇ چىكاگودىكى مۇسۇلمانلار بولدى. چىكاگو ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار ئەڭ كۆپ توپلاشقان شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ھەم سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ يۇرتى بولىدۇ.

كىشىنى ئىنتايىن خۇشال قىلىدىغان ئىش، ۋە مېنىڭ بۇ خەۋەرنى يېزىشىمگە تۈرتكە بولغان ئىش «ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش» نامىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئىككى پائالىيەتتە جەمئىي 145 مىڭ دوللار ئىئانە پۇلنىڭ توپلىنىشىدۇر. ئابدۇل مالىك ھازىر كۈچىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلارغا ئاجراتقان بولۇپ، ئۇ بۇ پائالىيەتنىمۇ ئۆزىنىڭ ۋە ئۆز تەشكىلاتلىرىنىڭ 30 يىللىق تەجرىبىلىرىنى ئىشقا سېلىپ تۇرۇپ ئېلىپ باردى. ئۇ «ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش» نامى بىلەن ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقىلى 4 – 5 ئايدەك ۋاقىت بولغان بولۇپ، ئۇ يىغىلغان ئىئانە پۇللارنى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەرنى مۇسۇلمان دۇنياسىدىكىلەرگە ئاڭلىتىپ، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يېڭى ياردەملەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى.

بىر قېتىملىق پائالىيەت ئارقىلىق 145 مىڭ دوللار ئىئانە توپلاش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئانچە يۈز بېرىپ باقمىغان بىر ۋەقە بولۇپ، بىز بۇنىڭدىن ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىش قىلسا، ياكى ئىشنى توغرا قىلسا، ھەمدە توغرا ئىشلارنى تاللاپ تۇرۇپ قىلسا، شۇنداقلا قىلغان ئىشىنىڭ مۇۋاپىق ۋە يېتەرلىك ئاممىۋى ئاساسى بار بولسا، قىلغان ئىشتىن زور ئۈنۈم قازانغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

قورغاس تۈرمىسىدىكى مۇشەققەتلىك بىر ئاي

سە ئاپرېل 16 , 2019
مېنىڭ ئىسمىم ئاسان، بۈگۈن مېنىڭ تۈرمىدىن چىققىنىمنىڭ ئۈچۈنجى كۈنى، ئەمما يەنىلام قورغاستا تۇرىۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ ئادىتى بويىچە ماڭا ئوخشىغانلارنىڭ قايتىدىن سولىنىشىنىڭ ئېھتىماللىقى يۇقىرى، شۇڭلاشقا مەن بۇ بىر ئاي جەريانىدىكى كەچۈرمىشلىرىمنى سىلەرگە دەپ بېرىشنى ئويلىدىم.

You May Like