شىنتاڭرېن خەۋەر تورى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018- يىلى 24- دىكابىر
خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ھىدايەتۇللا
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2018-12-30
[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]
شەرقى تۈركىستانلىق ساخاۋەتچى سودىگەر ئابدۇغاپپار ئابدۇرۇسۇل ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلنىپ نەچچە يۈز مىليونلۇق مۈلۈكى مۇسادىرە قىلىندى . تور بېكەتتە دېيشىچە، خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى بېسىم سىياسىتى ئۈزلۈكسىز تاشقى دۇنياغا ئاشكارلىنىپ خەلقئارانىڭ دىققتىنى تارتتقان . شەرقى تۈركىستانلىق ساخاۋەتچى سودىگەر ئابدۇغاپپار ئابدۇروسۇل ئۆزى شەخسى ھەج پەرز ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈم مەككە مۇكەررەمگە سەپەر قىلغانلىق سەۋەپلىك يەرلىك ھۆكۈمەت ئۇنى قولغا ئېلىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى قولغا ئالغان .
ئەركىن ئاسىيا تورىنىڭ ئېنگىلىزچە قانىلىدا 23 – دېكابىر ئېلان قىلىنغان خەۋىرىگە كۆرە، ئابدۇغاپپار ئابدۇرۇسۇل بۇيىل 7 ~ 8- ئايلاردا تۇتقۇن قىلنىپ ، 11 – ئايدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان .
ئۇنىڭ چەتئەلدىكى تۇغقىنىڭ ئاشكارلىشىچە : ئابدۇغاپپار ئابدۇرۇسۇلنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەج ئۆمىكى بىلەن ھەج قىلىش ئىلتىماسى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزى ئەركىن ( خىتاينىڭ ئاتالمىش ئاتالغۇسى بىلەن – تارقاق ھەج ) ھەج ئىبادىتىگە بارغان .
تور بېكەت يەنە مۇنداق دېگەن : مەلۇم بولىشىچە ھەر يىلى ھەج مەۋسۇمى بولغاندا ھەج ئىبادىتى ئۈچۈن سەئۇدىغا كېلدىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى « بىخەتەرلىك ئۈچۈن » دېگەن نام ئاستىدا ئۆمەك تەشكىللەپ ، ئىبادەت قىلغۇچى مۇسۇلمانلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن « ھەج قوللانمىسى » تارقىتىپ ئۇلارنى نازارەت قىلىدۇ. بۇ ئىشقا نىسبەتەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىزچىل نارازى بولۇپ كىلىۋاتىدۇ .ئۇنىڭ تۇغقىنىڭ ئاشكارلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر ئابدۇغاپپارنى سوراق قىلىش جەريانىدا ئۇنىڭ ئادۇكات تۇتۇشىغا يول قويمىغان . ئۇ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ دېلوسى بېيجىڭ ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىگە يوللاپ قايتا تەكشۈرۈشكە سۇنۇلغان ياكى سۇنمىغانلىقى تېخىچە ئېنىق ئەمەسكەن . ئەمما ئۇنىڭ ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈمى ھازىرغا قەدەر كۈچكە ئېگە ئىكەن .
ئۇنىڭ تۇغقىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ جەمىيەتكە ساخاۋەت قىلىشنى ياخشى كۆرۈدىغان ساخاۋەتچى ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ تەخمىنەن 100 مىليون خىتاي پۇلى قىممىتىدىكى شەخسى مۈلىكىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئۇنىڭ باياشات، بەختلىك تۇرمىشى ۋە ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن .
خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: ئۇنىڭ 4 پەرزەنتى ، بىر قانچە دۇكىنى ، كارخانىسى ۋە كۆپلىگەن ئۆي مۈلۈكى باركەن . ئۇندىن باشقا يەنە ئۇ ئۆزى تۇرۇشلۇق رايۇندا شەخسى مەبلەغ چىقرىپ بىر مەسچىت سېلىپ بەرگەن .
ئۇنىڭ تۇغقىنىڭ دېيىشىچە : ئابدۇغاپپارنىڭ ئايالى مەرھابا ھاجىم بۇيىل 4- ئايدىلا تۇتقۇن قىلىنغان ، چوڭ ئوغلى ئەبۇزەر تۈركىيەدىكى ئۇقۇشنى تاماملاپ شەرقى تۈركىستانغا قايتىقاندىن كېىن، 2017 – يىلى تۇتقۇن قىلىنغان . سىڭلىسى ساھىبجامالنىڭ ئۇزۇندىن بېرى خەۋېرى يوق بولۇپ ، تۇتقانلىرى ساھىبجامالنى تەربىيەلەش لاگېرىدا دەپ قارايدىكەن . ئۇندىن باشقا ئابدۇغاپپارنىڭ 50 نەپەردىن ئارتۇق يېقىن دوستلىرىنى 18 يىلدىن ئارتۇق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان .
ھازىر قازاقىستاننىڭ قورغاس ناھىيەسىدە پاناھلىنىۋاتقان ، ئابدۇغاپپارپپار بىلەن ئۇزۇن يىل ئىش بىرلىكى بولغان بىركىشىنىڭ ئاشكارلىشىچە، ئۇمۇ ئابدۇغاپپارنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغان .
ئۇ مۇنداق دەيدۇ : مېنىڭ بىر دوستۇم ماڭا تېلىفون قىلىپ دوستىمىز ئابدۇغاپپارنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ، ھەتتا ئايالى مەرھابا ھاجىمنىڭ تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ دېدى .
بۇ كىشىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئابدۇغاپپارنىڭ 50 تىن ئارتۇق دوستلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى راست ئىكەن ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر قانچە نەپەر ساقچىلارمۇ بارئىكەن . ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ نېمە سەۋەب بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشى ئۈچۈن سەۋەب كەتمەيدۇ دېدى .
ھازىر تۈركىيىدە پاناھلىنىۋاتقان ئابدۇغاپپارنىڭ بۇرۇنقى قوشنىسى تۇرغۇنئايمۇ بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى بىلدۈردى . ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئابدۇغاپپار ھاجىم بۇيىل 5 ~ 6 – ئايلاردا تۇتقۇن قىلنىپ ، چوڭ ئوغلى ئەبۇزەر ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن . ئايالى مەرھابا ھاجىم بۇلاردىنمۇ بۇرۇن تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن .
تۇرغۇنئاينىڭ دېيىشىچە، ئابدۇغاپپار ھاجىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشنى ئۇنىڭ باي بولغانلىق سەۋەبلىكمۇ ياكى ھەج قىلغانلىق سەۋەبلىكمۇ مەنمۇ ئۇقمۇدۇم ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا ئېسىمنى يوقۇتۇپ قويدۇم دېدى .
تۇرغۇنئاي يەنە، مەرھابا ھاجىمنىڭ تەربىيىلەش مەركىزىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىك ئىسپاتىنى يەرلىك دائىرلەر ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ئۇقتۇرش قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ۋە ئۇلارغا نېمە ئىش بولغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ دېدى.
مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.
مەنبە:
https://www.ntdtv.com/gb/2018/12/24/a102472897.html