سىز ئالدىنىپ كېلىۋاتقان تۇرمۇش ساۋاتلىرى (1)

بىرىنچى: بۇرۇن قانىغاندا ئېڭەكنى كۆتۈرۈش بۇ ئۇسۇلنىڭ بىردىنبر پايدىلىق تەرىپى، بۇرۇندىن ئاققان قان يەرگە تېمىپ كەتمەيدۇ

بىرىنچى: بۇرۇن قانىغاندا ئېڭەكنى كۆتۈرۈش بۇ ئۇسۇلنىڭ بىردىنبر پايدىلىق تەرىپى، بۇرۇندىن ئاققان قان يەرگە تېمىپ كەتمەيدۇ، ئەمما بۇنداق قىلغاندا قان توختىمايلا قالماي ئەكسىچە، قان كېكىردەككە ئېقىپ كىرىپ ھەتتا قۇسۇشنى ۋە تۇنجۇقۇپ قېلىشنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بۇرۇن قانىغاندا بۇرۇن تۆشۈكىگە پاختا تىقىپ، بۇرۇن قانىتىنى يىنىك بېسىپ ھەمدە باشنى ئالدىغا ئىڭىشتۈرسە ياكى بويۇنغا بىر سوغۇق (ھۆل بولسىمۇ بولىدۇ) لۆڭگە ئارتىپ قويسا قان توختايدۇ. ئىككىنچى: تەر ئېقىشنى ئازلىتىش ئۈچۈن قولتۇق مويىنى ئېلىۋېتىش قولتۇق مويىنى ئېلىۋېتىشنىڭ تەرلەشكە نىسبەتەن ھېچقانداق رول يوق. ئەكسىچە، قولتۇق مويىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن بەدەن سىرتىغا ھەيدەپ چىقىرىلىغان تەرلەر يوشۇرۇنىدىغان جاي تاپالماي كىيىملەردە ئىز قالىدۇ. شۇڭا تەر پارچىلىنىشتىن ئىلگىرى قولتۇقنى پاكىز يۇيۇۋېتىش كېرەك. ئۈچىنچى: تەرنى سېسىق دەپ قاراش ئەمەلىيەتتە تەرنىڭ پۇرىقى بولمايدۇ. تەرنىڭ تەركىبىدە نۇرغۇن ئورگانىك ماددىلار بار بولۇپ، بۇ ماددىلار باكتېرىيە ئۈچۈن ئوزۇقلۇق ماددا ھېسابلىنىدۇ، ئەمما باكتېرىيەلەر تەرنى پارچىلىغاندا، سېسىق پۇراقلىق چىقىرىندىلار شەكىللىنىدۇ. تۆتىنچى: تاماقتىن كېين دەرھال چىش يۇيۇش تاماق يەپ بولۇپ دەرھال چىش يۇيغاندا، يېمەكلىك تەركىبىدىكى كىسلاتا ئىماللىق قەۋىتىنى چىرىتىۋىتىدۇ ھەمدە يېمەكلىك تەركىبىدىكى كىسلاتالىق خۇسۇسىيەتنىڭ چىشقا بولغان زىيىنىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ. شۇڭا ئالدى بىلەن ئېغىزنى چايقاپ يېرىم سائەتتىن كېيىن چىش چوتكىلاش كېرەك. بەشىنچى: دورىنىڭ ئەرلەر ۋە ئاياللارغا بولغان ئۈنۈمى ئوخشاش ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دورىنىڭ ئەرلەر ۋە ئاياللارغا بولغان ئۈنۈمى ئوخشاش بولمايدىكەن. مەسىلەن ئاسپىرىن (阿司匹林) ئەرلەرگە نىسبەتەن يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن، ئەمما ئاياللارغا نىسبەتەن ئۈنۈمى ئانچە زور بولمايدىكەن. ناركوز قىلىش دورىسى قاتارلىق دورىلارنىڭ ئاياللارغا ئىشلىتىلىدىغان مىقدارى ئەرلەرنىڭكىدىن كۆپ بولىدىكەن.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

دىئابېت بىمارلىرى بىلىشكە تېگىشلىك ساغلاملىق ئاچقۇچى

پە ئاپرېل 26 , 2018
ىئابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىقىدىن %20 ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، سېمىزلەر ھېچ بولمىغاندا تەن ئېغىرلىقىنىڭ %5~%10 ىنى ئازايتىشى كېرەك.

You May Like