«سىرلىق شەخىس» خوڭكوڭ ۋەزىيتىنى ئۆزگەتتى

8-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە خوڭكوڭ ۋەزىيتىنىڭ ئەڭ كەسكىن ھالىتىدە ۋاڭ چى شەن گۇۋاڭدوڭدا «مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرش »نامىدىكى خەتتاتلىق ئەسەرلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن تۇيۇقسىز پەيدا بولدى. ۋاڭ چى شەن خەتتاتلىق ئەسەرلىرىنى بىر كۆرگەنچە ئۇدا ئۈچ كۈن كۆردى.

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

2019-يىلى 8-سېنتەبىر

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

8-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە خوڭكوڭ ۋەزىيتىنىڭ ئەڭ كەسكىن ھالىتىدە ۋاڭ چى شەن گۇۋاڭدوڭدا «مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرش »نامىدىكى خەتتاتلىق ئەسەرلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن تۇيۇقسىز پەيدا بولدى. ۋاڭ چى شەن خەتتاتلىق ئەسەرلىرىنى بىر كۆرگەنچە ئۇدا ئۈچ كۈن كۆردى.

خىتاي كومپارتىيسىنىڭ غوللۇق رەھبەرلىرىنىڭ كەسكىن ۋەزىيەتتە بىر خەتتاتلىق كۆرگەزمىسىدە ئۈچ كۈن ۋاقىت سەرىپ قىلىشى ھەققىتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

ئۇنداقتا بۇ شەخىس نىمە ئۈچۈن ھالقىلىق ۋەزىيەتتە گۇۋاڭدوڭدا پەيدا بولىدۇ؟ ۋاڭ چى شەندەك خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن ئىشلىرىغا مەسئۇل بولمىغان بىر كىشىنىڭ بۇ ئىشقا مەسئۇل كىشلەرنىڭ ئۈستىدىن ھالقىپ  ئۆتۈپ تەلىمات بېرىشىگە نىمە سەۋەپ بولدى؟

يىللاردىن بېرى خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن ئىشلىرىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى مەسئۇل بولماقتا.

بۇ ئىشقا مەسئۇل كىشى سىياسىتى بىيرۇنىڭ ئەزاسى بولىشى كېرەك. ئەمما ۋاڭ چى شەن بۇنىڭ ئىچىدە يوق.  خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن ئىشلىرىغا ئەسلى جاڭ زىمىن گۇرۇھىنىڭ تەرەپدارلىدىن خەن جېڭ مەسئۇل ئىدى. ۋاڭ چى شەن گۇۋاڭدوڭدىن ئايرلىشى بىلەن خوڭكوڭ باش ئەمەلدارى كاررى لەم ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇننىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ باياناتنى ئىلان قىلىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى تېخى خەن جېڭ باشچىلىقىدىكى خوڭكوڭ تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى قاتتىق پوزىتسىيەدە  ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇننىڭ ئىجرا قىلىندىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۆتكۈزۈپ بىرىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىق جاكارلانغاندىن كېيىن خەن جېڭ قاتارلىقلار پەس كويغا چۈشۈپ ھازىرغىچە مېدىيا ۋاستىللىرىدە كۆرۈنمىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بۇ توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ سورىغان سۇئالىغا گەپ يورغۇلىتىپ خوڭكوڭ مەسىلىسى تاشقى مەسىلە ئەمەس، بۇ جۇڭگۇنىڭ ئىچكى ئىشى. مەن جاۋاپ بېرەلمەيمەن، مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەردىن سوراڭ دەپ ئۆزىنى قاچۇردى.

ۋاڭ چى شەن كاررى لام بىلەن بىۋاستە كۆرۈشتىمۇ ؟ بۇنىسى نامەلۇم ئەمما ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇننىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەلىماتنى شى جىنپىڭنىڭ پوشتىكەچلىكىنى قىلغان ۋاڭ چى شەننىڭ بەرگەنلىكى ئېنىق. بولمىسا ئۇنىڭ بۇ ۋەزىيەتتە گۇۋاڭ دوڭغا ئالاھىدە بېرىپ ئۈچ كۈن خەتتاتلىق ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ كېلىشى ئەقىلگە سىغمايدۇ. باشقا مەقسەتلىرى بار دىيىلسە ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشى ئۈچۈن جەنۇپتىكى تەرەققىيات رايۇننىڭ ئىشلەپ چىقىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش بولىشى مۇمكىن.

ئۇنداقتا ۋاڭ چى شەن نىمە ئۈچۈن خەن جېڭنىڭ ئۈستىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ گۇۋاڭدوڭغا بېرىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ شى جىنپىڭ خوڭكوڭ، تەيۋەن ئىشلىرىغا مەسئۇل گۇرۇپقا بولغان نارازىلىقى ۋە خىتاي كومپارتىيسىنىڭ ئىچكى ھوقۇق تۇقۇنىشىنىڭ بىر ئىپادىسى،  شى جىنپىڭ قولىدىكى قارتلارنى قانداق ئويناش مەسلىسىدە قاتتىق ئويلىنىۋاتقانلىقنىڭ ئىپادىسى بولىشى مۇمكىن.

9-ئاينىڭ 3-كۈنى خىتايدا «ئۇلۇغۋار غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم ئۇلۇغۋار كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىش لازىم» تېمىسىدا بىر ماقالە ئىلان قىلىندى.

ئۇنداقتا كىم بىلەن كۈرەش قىلىدۇ؟ ئامېرىكا، خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە خىتاينىڭ ئىچكى سىياسىتى بىلەن كۈرەش قىلىدۇ. بۇ ماقالە شى جىنپىڭنىڭ سىياسى مەيدانىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە خىزمەت بولسا  ئۇچىرىغان قېيىنچىلىقلارغا قارشى كۈرەش قىلىش، ئۇنىڭ بىلەن تىركىشىش دەپ تەدبىر بىرىلگەن.

ماقالىدە  يەنە تىركىشىشكە جۈرئەتلىك بولۇش ، ماھىر بولۇش، چوڭقۇر زىدىيەتلىك مەسىللەرنى ۋاقتىنچە تاشلاپ تورۇش، خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ يېڭى كەيپىيات يارتىش،تىركىشىشتىن پارلاق كەلگۈسى يارتىش دەپ كۆرسىتىلگەن.

بۇ ماقالە ئىلان قىلىنغاندىن كېيىن خوڭكوڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش  جاكارلىدى.ئارقىدىن ئامېرىكا بىلەن سودا ئۇرۇشى توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتقان ئۈستەلدە «يۇمشاش»، كېلىشىپ قېلىش قاتارلىق بىر قاتار ھالەتلەر كۆرۈندى.

ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيسىنىڭ ئىش بىجىرىش پىرىنسىپى زىدىيەتلىك سىنىپلارنى پەيدا قىلىپ ئوتتۇردىن نەپ ئېلىش بولۇپ كەلگەن.باشقىلارغا زىيان سالمىسام مەن پايدائالالمايمەن، باشىقىلارنىڭ ياشىشى ماڭا تەھدىت دىگەن قاراش بىلەن ئاياقتا يۈرۈپ كەلگەن بولۇپ «پارتىيە ئىستىلى» مائارىپى خىتايدا مىسلى كۆرۈلمىگەن «باشقىلارغا زىيان سېلىپ ئۆزى پايدا ئېلىش» نەزىريەسىدىكى ئەۋلاتلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. بۇ كاللىدا يېتىشكەن خىتاي رەھبەرلىرىمۇ بۇ ئاسارەتتە قالايمىقان تىركىشىش، ھاماقەتلەرچە تىركىشىش قاتارلىق ئەخماقانە ھەركەتلەردىن قۇتۇلالمىغان. چۈنكى ئۇلارنىڭ كاللىسىدىكى سېستىما باشقا نەرسىلەرنى قۇبۇل قىلىش دەرىجىسىگە مەڭگۈ يېتەلمەيدۇ.پاقا سوزۇلۇپ يىلان بولالمايدۇ.

خىتاي رەھبەرلىرىدە كۈچلۈك ئىمپىراتولاردەك ۋاقتى كەلسە مۇرەسسە قىلالايدىغان ئىقتىدار يوق.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئون مىڭ كىشىلىك فىستىۋالدا «تۈركىستان كىچىسى» يۈرەكلەرنى يىغلاتتى

دۈ سېنتەبىر 9 , 2019
16_قېتىملىق خەلىقئارالىق ئانادولۇ تۈركلىرى مەدەنىيەت سەنئەت فېستىۋالى 30_ئاۋغۇسىت تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە باشلىنىپ ،9_ سىنتەبىر ئاياغلاشتى. فېستىۋالغا شەرقىي تۈركىستان ،قازاقىستان ،قىرغىزىستان ،ئۆزبەكىستان ،تۈركمەنىستان ،ئەزەربەيجان ،قىبرىس قاتارلىق تۈرۈك دۆلەتلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن گۇرۇپپىلار قاتناشتى.

You May Like