شىۋىتسىيە خىتاينى ئاساسلىق تەھدىت قاتارىغا كىرگۈزدى

14- مارت، شىۋىتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى 2018- يىللىق بىخەتەرلىك دوكىلاتىدا خىتاي بىلەن روسىيەنى «شىۋىتسىيە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت كەلتۈرىدىغان ئاساسلىق ئامىل» دەپ باھالىغان.

فرانسىيە رادىئوسى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىلى 19- مارت

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئەردەم

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

2019-03-20

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

14- مارت، شىۋىتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى 2018- يىللىق بىخەتەرلىك دوكىلاتىدا خىتاي بىلەن روسىيەنى «شىۋىتسىيە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت كەلتۈرىدىغان ئاساسلىق ئامىل» دەپ باھالىغان.

مەزكۇر دوكلاتتا « خىتاينىڭ  تور ھۇجۇمى ۋە كارخانا سېتىۋىلىش قاتارلىق ئىقتىسادىي تەسىر كۆرسىتىشنى ئاساسلىق ۋاستە قىلغانلىقى، سانائەت ئىستىخباراتى ئارقىلىق سىياسەتكە تەسىر كۆرسەتمەكچى بولغان» لىقىنى قەيىت قىلغان.

دوكىلاتتا يەنە خىتاينىڭ يۇقىرى تىخنىكا ساھەسىدە ئۇچۇر توپلاش، تىخنىكىلىق مەبلەغ سېلىش ۋە سېتىۋىلىش، ئىستىرادىگىيەلىك مەبلەغ ۋە ئۇچۇر-ئالاقە، ئاۋىئاتسىيە ساھەلىرىدە خەۋىپ پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.

خىتاي ئەنە شۇنداق تېخنىكا ئوغۇرلاش، تېخنىكا ئۆتكۈزۈپ بىرىشكە مەجبۇرلاش، ئەقلى مۈلۈك  ھوقۇقىغا دەخلى تەرۈز قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ «2025-يىللىق پىلانى»نى ئىشقا ئاشۇرۇش، پەن-تىخنىكا ئارقىلىق ئىقتىساد ۋە سىياسەتتە زومىگەرلىك ئورنىغا چىقىشنى كۆزلىگەن.

ئۇندىن باشقا، تۈركىيە ئانادولو ئاگىنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىۋىتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن ئاز سانلىق مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ پاناھلىقى بىۋاستە قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى، رەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئىلان قىلغان. 2009- يىلى بابۇر مەخسۇتنىڭ ئىشپىيونلۇق بىلەن كىسىمگە ئۇچرىشىدىن 10 يىل ئۆتۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى بىۋاستە قوبۇل قىلىنىشى ھەقىقەتەن كىشىنى خۇشال قىلىدىغان خەۋەر ھىسابلىنىدۇ.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. 

 

مەنبە: فرانسىيە رادىئوسى

http://cn.rfi.fr/中国/20190319-瑞典2018国家安全报告将中国列入主要威胁

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

خارۋارد مۇدىرى بېيجىڭ ئۇنېۋرستىتىدا ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ «ھىدايەتنامە» ناملىق شېئىرىنى ئوقۇدى

پە مارت 21 , 2019
ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى، ئەردەم خەۋىرى 20- يانۋار، خارۋارد ئۇنىۋىرسىتى مۇدىرى لاۋرەنىس بەكوۋ (Lawrence S. Bacow) ئەپەندى بىيجىڭ ئۇنىۋىرسىتىدا «ھەقىقەتنىڭ مەقسىتى ۋە ئۇنىۋىرسىتنىڭ ۋەزىپىسى» ناملىق تېمىدا نۇتۇق سۆزلىگەن

You May Like