شىۋىتسىيە پارلامېنت بىناسى ئالدىدا «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلدۇرۇش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

شىۋىتسىيە پارلامېنت بىناسى ئالدىدا «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلدۇرۇش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 9- مارت خەۋىرى
ئارمان

 

يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان كانادا ۋە گوللاندىيە پارلامېنتلىرىدا ئۇيغۇر ئېرقىي قىرغىنچىلىقى ئارقىمۇ ئارقىدىن ئېتراپ قىلىنغاندىن كېيىن ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە ئاكتىپ ھەرىكەتكە كېلىپ شۇ دۆلەت پارلامېنت ياكى ھۆكۈمەتلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتراپ قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە كىرىشتى. شۇلارنىڭ قاتارىدا شىۋىتسىيە ئۇيغۇر كومىتىتىمۇ 8-مارتتىن ئېتىبارەن ستوكھولىمدا ئۇزۇن مۇددەتلىك نامايىش پائالىيىتىينى باشلىدى.

 

ئاگېنتلىقىمىز شىۋىتسىيەدە باشلانغان بۇ نامايىشنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، شىۋىتسىيە ئۇيغۇر كومىتىتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇشۈكۈر سامساق ئەپەندى بىلەن تېلفۇن زىيارىتى ئېلىپ باردى. ئۇ نامايىش توغرىسىدا توختۇلۇپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:<< ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر مەسلىسىنڭ مەزكۇر دۆلەتتىكى ھۆكۈمەت، پارلامېنت دائىرلىرىنىڭ خىزمەت كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كىرىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلىپ كەلدۇق، بولۇپمۇ كانادا ۋە گوللاندىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتراپ قىلغاندىن كېيىن شىۋىتسىيەدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش قانۇن لاھىيەلەرنى ماقۇللىشى ئۈچۈن ۋە شۇنداقلا ھۆكۈمەت تەرەپتىن بىۋاسىتە خىتتايغا بېسىم ئىشلىتىپ كونكېرت تەدبىرلەرنى قوللىنىشىنى تەلەپ قىلىپ مەزكۇر نامايىشنى ئۇيۇشتۇردۇق. مەقسىتىمىز: شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پىكىر تەكلىپلىرىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئېرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتراپ قىلىشىنى ۋە بىۋاستە تەدبىر قوللىنىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنى قولغا كەلتۈرۈش. شۇ نىشانىمىزغا يەتمىگۈچە نامائىشىمىزنى قەتئىي توختاتمايمىز>>. ئۇ يەنە نامايىشنىڭ پىلانلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى يۈزلىنىشى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: <<دەسلەپتە <شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى>نىڭ پىلانلىنىشى بىلەن ۋۇجۇدقا چىققان بۇ نامايىش بۇلتۇر يازدىن باشلاپ بېلگىيەدىكى ياۋروپا پارلامىنت بىناسىنىڭ ئالدىدا باشلىنىپ ھازىرغا قەدەر قەرەللىك ھالدا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلدى.ھەمدە ياۋروپا پارلامېنتىدىن مەلۇم دەرىجىدە ئىجابىي ئىنكاسلارنى قولغا كەلتۈردى. شۇ سەۋەبتىن كومىتىتىمىز <شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى> بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇ قېتىمقى نامايىشنى پىلانلىدۇق، كەلگۈسىدە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى تەشكىلاتلارنىڭمۇ ھەركەتكە كېلىپ ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى ھەمدە شۇنى مەقسەت قىلغان ھالدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز>>.

 

نامايىش شۇجاي ۋاقتى سائەت 14 بىلەن ستوكھولىمغا جايلاشقان شىۋىتسىيە پارلامېنت بىناسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئادەم سانىغا چەكلىمە قويۇلغانلىق سەۋەبىدىن ستوكھولىم ۋە ئەتراپىدا ياشايدىغان 20گە يېقىن ئۇيغۇرلار قاتناشقان. ئىگەللىنىشچە نامايىش جەريانىدا پارلامىنت بىناسىغا كىرىپ چىقىۋاتقان بىر قىسىم خىزمەتچى خادىملار ۋە بىرقىسىم پارلامىنت ئەزالىرى تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. بۇنىڭدىن سىرت ئېلخەت ئارقىلىق يوللانغان خەتلەردىنمۇ تاپشۇرۇپ ئالغانلىق توغرىسىدا جاۋابلار كەلگەن.

 

بېلگىيەدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان <<شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى>> مەسئۇلى نەجمىدىن شېرىف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: << ياۋروپا پارلامىنتى ئالدىغا جايلاشقان ليۇكسىمبۇرگ مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىش بۇلتۇر 24- ئىيۇلدىن ئېتىبارەن ھازىرغا قەدەر قەرەللىك ھالدا داۋاملىشىۋاتىدۇ.ھەر قېتىمقى نامايىشىمىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كومىتىتلىرى كىشىلىك ھوقۇق، خەلقارا ئالاقە قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان ۋاقىتتا بولىۋاتىدۇ، مەقسىتىمىز ياۋروپا پارلامىنتىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىق ۋە خىتاينىڭ دۇنيانىڭ كەلگۈسىگە سالىدىغان تەھدىتىگە قارشى بالدۇرراق تەدبىر ئېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش>> . زىيارەتنىڭ ئاخىرىدا نەجمىدىن شېرىف ئەپەندى بارلىق ئۇيغۇرخەلقىگە خىتاب قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:<<قېرىنداشلارنىڭ ئىچىدە سىياسىي مەسىلىلەر ۋە دۆلەتنىڭ قۇرۇلمىسىغا مۇناسىۋەتلىك ساھەدە ئىزدىنىدىغان ئادەملەرنىڭ كۆپىيىشىنى ، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرنىڭ كىتاب ئوقۇش، سىياسىي نەزەرىيىۋى بىلىملەر ھەققىدە ئىزدىنىش روھىنىڭ باش كۆتۈرىشىنى ، ھەربىر شەخسنىڭ، تەپەككۈر، ئادىمىلىك، سىياسىي بىلىم، چۈشەنچە، ۋە كەسپى ئىقتدار قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنستايىن ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىزنىڭ كەلگۈسىمىز بىر ئىككى ئادەمنىڭ ئەمەس، بارلىق ئۇيغۇرنىڭ ئۆز تەقدىرى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتىدىغان پوزىتسىيەگە ئىگە بولۇشىنى شەرت قىلىدۇ>>.

 

 

 

 

 

 

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

خىتاي ئادرىئان زېنىستىن ئۆچ ئېلىشقا باشلىدى

سە مارت 9 , 2021
خىتاي ئادرىئان زېنىستىن ئۆچ ئېلىشقا باشلىدى

You May Like