شىۋىتسارىيەنىڭ فربۇرگ ئۇنۋېرسىتىتىدا شەرقى تۈركىستان تارىخى تونۇشتۇرۇلدى

شىۋىتسارىيەنىڭ فربۇرگ ئۇنۋېرسىتىتىدا شەرقى تۈركىستان تارىخى تونۇشتۇرۇلدى . بۇ پائالىيەتنى فربۇرگ ئۇنۋېرسىتىتى ۋە شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزكەن بولۇپ ، بۇ پائالىيەتكە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىگە قىزىقىدىغان فربۇرگ ئۇنۋېرسىتىتىدىكى ئوقۇغۇچىلار قاتناشقاندىن سىرت يەنە ۋە شىۋىتسارىيەدىكى باشقا ئۇنۋېرسىتىتلاردىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىدىغان باشقا ئۇقوغۇچىلارمۇ قاتناشقان

 شىۋېتسارىيەنىڭ فربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقى تۈركىستان تارىخى تونۇشتۇرۇلدى

ھەبىبۇللا ئىزچى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خەۋىرى 2022-يىلى 4-نويابېر

شىۋېتسارىيەنىڭ فربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقى تۈركىستان تارىخى تونۇشتۇرۇلدى . بۇ پائالىيەتنى فربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىگە قىزىقىدىغان فربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلار قاتناشقاندىن سىرت يەنە ۋە شىۋىتسارىيەدىكى باشقا ئۇنىۋېرسىتىتلاردىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىدىغان باشقا ئوقۇغۇچىلارمۇ قاتناشقان.

پائالىيەتنىڭ تېمىسى شەرقى تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار بولۇپ، پائالىيەت جەريانىدا شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىشغال تارىخى، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇلغان.

شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئەندىلى قاراخانلى ئەپەندىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا ئەتراپلىق جاۋاپ بېرىش بىلەن بىرگە شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىشغالدىن كېيىن قانداق قىلىپ شىنجاڭ غا ئايلىنىپ قالغانلىقى ۋە شىنجاڭ نامىنىڭ ئەسلى مەنىسىنىڭلا ئىشغال قىلىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ روشەن دەلىلىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇنازىرە بولۇپ ئۆتكەن.

ئوقۇغۇچىلارغا ھازىرقى ئىرقى قىرغىنچىلىق مەسىلى ھەققىدىمۇ تەپسىلىي تونۇشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ تېررورلۇق باھانىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە قانداق قىلىپ سەت كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغانلىقى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئورۇشى سەۋەبى بىلەن بىر مەزگىل كۈنتەرتىپتىن چۈشۈپ قېلىشى سەۋەبى بىلەن، خىتاينىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ ئاساسىنى سالغانلىقىنى، ئەگەر ئۇيغۇر تارىخىنى تەپسىلىي تەتقىق قىلغاندا ھەر نۆۋەتلىك خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئەسىرلەردىن بېرى شەرقى تۈركىستاندا قىرغىنچىلىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى دەلىللەر ۋە رەسىملىك ھۆججەتلەر ئارقىلىق تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان.

پائالىيەت ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلار بىز ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلەيمىز­ دېگەن تېمىدا مۇنازىرە ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئەندىلى ئەپەندىم : « بۇ بىر ياخشى باشلىنىش، خىتاي ۋىرۇسىدىن بورۇنمۇ بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىدۇق، بىر توختاپ قالغان بۇ خىل پائالىيەتنى يەنە باشلىۋالدۇق، شەرقى تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ قىزىقىشى تولىمۇ مۇھىم، بىز بۇندىن كېيىنمۇ بۇ خىل پائالىيەتنى داۋاملىق ئۆتكۈزىمىز» دەيدۇ. 

UT-Uyghur Reporter 3

Next Post

ياۋروپادىن گېرمانىيە خەلقئارا بېسىمغا قارىماي جاللات شى جىن پىڭنىڭ ئالدىغا سالامغا باردى

جۈ نويابىر 4 , 2022
ياۋروپادىن گېرمانىيە خەلقئارا بېسىمغا قارىماي جاللات شى جىن پىڭنىڭ ئالدىغا سالامغا باردى

You May Like