شىۋىتسارىيەدە ئۇيغۇرغا ئادالەت تەشكىلاتى قورۇلدى

شىۋىتسارىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دوستلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇيغۇرغا ئادالەت خەلقارالىق تەشكىلاتى قۇرۇلدى.

 

 

ھەبىبۇللاھ ئىزچى

 

2020-8-10

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

شىۋىتسارىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دوستلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇيغۇرغا ئادالەت خەلقارالىق تەشكىلاتى قۇرۇلدى.

 

تەشكىلات قۇرۇلۇشى شىۋىتسارىيەدە ياشاۋاتقان دوكتۇر ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت يېتەكچىلىكىدە، ئۇزۇن يىللىق كۆرەش تەجرىبىسىگە ئىگە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن روياپقا چىقتى. تەشكىلاتقا  ئۇيغۇرلاردىن باشقا بىر قىسىم ئۇيغۇر دوستى يەرلىكلەرمۇ قاتناشتى. 

 

تەشكىلاتنىڭ قورۇلۇشى ھەققىدە دوكتۇر ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى:« دۇنيا سىياسىتىنىڭ مەركىزى بولغان  شىۋىتسارىيەدە  ئۇيغۇرلارغا بولغان چۈشەنچىلەرنىڭ كەملىكى ۋە  پائالىيەتلەرنىڭ ئازلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ،ئاساسلىقى شىۋىتسارىيەدە ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش، ھەر قايسى خەلقارالىق ۋە يەرلىك تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، دۇنيا سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق يۆنىلىشكە قاراپ ماڭغان پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ۋەتەن – مىللەتكە  خىزمەت قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ . بىز بۇ جەرياندا بىتەرەپ ھالدا پايدىلىنىشقا بولىدىغانلىكى ھەر قانداق مىللەت، دۆلەتتىن پايدىلىنىپ دەردىمىزنى ئاڭلىتىپ، ھەر قايسى خەلقارالىق تەشكىلاتلار ۋە دۆلەتلەرنى تېخىمۇ جانلىق شەكىلدە پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە دەۋەت قىلىش ، لوبىچىلىق پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇش، بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىققا خاتىمە بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ»  دېدى.

 

نۆۋەتتىكى خىزمەت ھەققىدە شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر  جامائىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، شىۋىتسارىيەدىكى ھەر قايسى خەلىقئ‍ارالىق ۋە يەرلىك تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيىتىنىڭ ھەم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ دۇنيا خەلقىنىڭ مەسىلىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈش، ھەر قايسى تەشكىلاتلارنى جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق رامكىسى ئىچىدە ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە دەۋەت قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىگى، تەقدىرىنىڭ پەقەت نوقۇللا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى رامكىسى ئىچىدىلا ھەل بولمايدىغانلىقىنى ،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشى ئەسلى مەسىلىنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى، شەرقى تۈركىستاننىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر پارچىسى ئەمەسلىكى بەلكى تاجاۋۇز قىلىپ بېسىۋېلىنغان توپراق ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقى، ۋە ئۆزىگە ئائىت توپراقتا ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىشلا بىردىنبىر چىقىش يولى ئىكەنلىكىنى  ئاكادېمېك سەۋىيەدە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بىلدۈرۈش ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش  ئاساسلىق ۋەزىپىمىز.  تەبىئىيكى بىز بارلىق خىزمىتىمىزنى شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر جامائىتى، باشقا خەلقارادا ئاكتىپ پائ‍الىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر قايسى تەشكىلاتلار بىلەن ئاكتىپ ماسلىشىپ ئېلىپ بارىمىز،- دەپ چۈشەنچە بەردى.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى:بىر قسم ۋىدىئولار ھەققىدە ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىدىن بىلدۈرگۈ

دۈ ئاۋغۇست 10 , 2020
يېقىندا نۇرغۇن چەتئەل تاراتقۇلىرى، نوپۇزلۇق شەخسلەر ۋە ئۇيغۇرشۇناسلار بىر قېسم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا «ئۇيغۇر»دەپ تارقىتىۋاتقان نۇرغۇن مەزمۇنلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسۋەتسز ئىكەنلىكىنى كۆرستىپ، ۋىدىئو تارقاتقاندا ئەستايىدىل بولۇشمىزنى جىددى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.

You May Like