شىۋىتسارىيەدە 5- ئيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى

بۈگۈن شىۋىتسارىيەنىڭ زۈرىخ شەھرىدە 5-ئيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە 7-ئىيۇلدا ئەسكەر ۋە خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان قېرىنداشلىرىمىزنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

 

شىۋىتسارىيەدە 5- ئيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى

 

ھەبىبۇللا ئىزچى

 

 

بۈگۈن شىۋىتسارىيەنىڭ زۈرىخ شەھرىدە 5-ئيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى  ۋە 7-ئىيۇلدا ئەسكەر ۋە خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان قېرىنداشلىرىمىزنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشنى شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ نامايىش شىۋىتسارىيەنىڭ زۈرىخ شەھرىدە ئېلىپ بېرىلدى. نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن ئورۇن شىۋىتسارىيەنىڭ زۈرىخ شەھرىدىكى مەركىزى پويىز ئىستانسىسى ئالدىدىكى ئەڭ ئاۋات مەركىزى كوچىسىدا ئېلىپ بېرىلدى.

زۈرىخ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن ئۇرۇن شەھەرنىڭ ئەڭ مەركىزى ئورۇنلىرىدىن بىرى ۋە ،چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ ئەڭ كۆپ ئۆتىدىغان يېرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئادەم كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى شەرتى بىلەن ،داۋاملىق بۇ ئورۇندا نامايىش ئېلىپ بېرىشقا رۇخسەت قىلغان ئىدى.

بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئاساسلىق تېمىسى  5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش ۋە  شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ دېگىتاللاشتۇرۇلغان رەسمىنى كۆرگەزمە قىلىش بولغانلىقى ئۈچۈن نامايىشقا تەستىقلانغان ئورۇنمۇ پەۋقۇلئاددە ياخشى ئورۇن ھىساپلىناتتى.  مەركىزى سودا كوچىسىنىڭ پىيادىلەر يولىغا قاتار تىزىلغان شىنجاڭ ساقچى ھۆججىتىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ دېگىتال رەسمى يولدىن ئۆتكەن ساياھەتچىلەر ۋە يەرلىكلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.

يولدىن ئۆتكەنلەر توختاپ رەسىملەرگە قىزىقىپ سوئاللار سورىشىپ ،رەسىمدىكى كودنى سكانلاپ ساقچى ھۆججىتىدىكى تۇتقۇنلار ئارخىپى ۋە خىتاينىڭ 21 – ئەسىردىكى ۋەھشىيانە جىنايى پاكىتلىرىنى كۆردى. نامايىش جەريانىدا شىۋىتسارىيەدىكى ياشلار گېرمانچە باسقۇزۇلغان «خىتاي قارا تاشلىق كىتابى» ،ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى تونۇتقان تەشۋىقات ۋاراقلىرى ۋە خىتاينىڭ ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن ھازىرقى نوقتىغا كەلگەن  ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ تەدرىجى تەرەققىياتى ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرنى تارقاتتى.

نۇرغۇن كىشىلەر ئۇزاقتىن رەسىمنى كۆرۈپلا ئۇيغۇرلار ئىكەنغۇ دىيشتى ۋە كېلىپ خىىتاينى ئەيىپلىشىپ ، بۇ قىلغىنىڭلار توغرا ،خىتاينىڭ جىنايى پاكىتلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇتۇش، 21 – ئەسىردە ،دۇنيانىڭ كۆزۈدە يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى بىلىدۈرۈش كېرەك ،دېيىشكەن. ۋە نامايىشچىلاردىن بىز سىلەر ئۈچۈن نىمە قىلىپ بېرەلەيمىز دېگەن سوئالنى ئەڭ كۆپ سورىغان.

نامايىش جەريانىدا كىشىلەرنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتقان بىر كۆرۈنۈش ،شىۋىتسارىيەدە ياشايدىغان كىچىك ئۇيغۇر قىزى ئەسما ئىدى. ئۇ بېشىدا ئۇيغۇرچە گىلەم دوپپا بىلەن چۈچۈك گېرمان تىلىدا، بۇنى كۆرۈپ باقامسىز­­ دەپ يولدىن ئۆتكەنلەرگە تەشۋىق ۋارىقى تارقىتۋاتاتتى. ئۇ خىتاينىڭ جازا لاگېرىدىكى ئۆزىمۇ ئەسلىيەلمەيدىغان ھاممىسىنىڭ رەسمىنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، سورىغانلارغا ، بۇ مېنىڭ ھاممام، ئۇنى مەن كۆرۈپ باقمىدىم، ئەمما ئۇ خىتاينىڭ جازا لاگېرىدا دەيتتى.

نامايىش ھەققىدە شىۋىتسارىيەلىك تەتقىقاتچى رائىل خانىم  ، شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى بۈگۈن زۈرىخنىڭ ئەڭ ئاۋات كوچىلىرىدىن بىرى بولغان مەركىزى پويىز ئىستانسىسى كوچىسىدا ،ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 13- يىلىنى خاتىرىلەش ۋە خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى شىۋىتسارىيە جامائەتچىلىكىگە تونۇتۇش ئۈچۈن، رەسىم كۆرگەزمىسى نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇيغۇرلارنى تونۇدى ۋە تونۇتتۇق. نامايىش ناھايىتى ياخشى ئېلىپ بېرىلدى دەيدۇ .

شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى رەئىسى ئەندىلى ئەپەندىم شۇنداق دەيدۇ، بۈگۈن 7- ئىيۇل شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى شىۋىتسارىيەنىڭ زۈرىخ شەھرىدە خىتاي ئىشغالچىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن 13 يىل بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش ،ۋە بۇ قىرغىنچىلىقىنى شۇنداقلا ، ئۈچ مىليۇندىن ئارتۇق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئىكەنلىكىنى  شىۋىتسارىيە خەلقىگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ،شىۋىتسارىيەنىڭ زۈرىخ شەھرىنىڭ ئەڭ ئاۋات كوچىلىرىدا نامايىش ئېلىپ باردۇق. نامايىش جەريانىدا تەشۋىقات ۋاراقلىرى ،كىتاپلار ۋە ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى تەسۋىرلىگەن رەسىملىك چۈشەندۈرۈشلەرنى تارقاتتۇق. نامايىش گەرچە ئادەم ئاز بولسىمۇ ئەمما ئۈنۈمى ناھايىتى زور ۋە بۇرۇنقى نامايىشلاردىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بىر نامايىش بولدى دەيدۇ. 

ئەندىلى ئەپەندىم يەنە ،بۇ نامايىشنى بۈگۈنگە ئورۇنلاشتۇرۇشىمىزدىكى سەۋەپلەردىن بىرى. پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا قېرىنداشلىرىمىز 5. ئىيۇل نامايىش قىلدى ،ئەمما بىز خىتاينىڭ ئەڭ ئېغىر قىرغىنچىلىق قىلغان 7- ئىيۇل كۈنىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىق ۋە بۇ دەھشەتلىك قارا كۈننى خاتىرىلەش  ۋە شۇنداقلا ئەتە،  يەنى 8- ئىيۇل كۈنى تايلاندتىن 145 قېرىندىشىمىزنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ ، بۇلاردىن 21 قېرىندىشىمىز تايلاندنىڭ باڭكوك خەلقارا ئايرۇپورتىدا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشكە قارشىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تايلاندتىن ئايرىلماستا ئېتىپ تاشلىنىپ شېھىت قىلىنغان كۈن ، بىز بۇ بىر قاتار قىرغىنچىلىقلارنى خەلقئارا جامائەتچىلىككە بىلدۈرۈش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ قارا قىسمەتلەرگە كۆز يۇمماسلىققا چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن، بۇ نامايىشنى بۈگۈن ئېلىپ باردۇق دەيدۇ.

 

UT-Uyghur Reporter 3

Next Post

64%دىموكراتلار 2024-يىلى بايدىننىڭ قايتا سايلىنىشنى خالىمايدۇ.

دۈ ئىيۇل 11 , 2022
64%دىموكراتلار 2024-يىلى بايدىننىڭ قايتا سايلىنىشنى خالىمايدۇ. تۇرسۇنجان،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 11-ئېيۇل

You May Like