شىۋېتسارىيە پارلامېنتى ئەزاسى فابىيان مولىنا ئەپەندىنىڭ شىۋېتسارىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى تونۇش ھەققىدە چاقىرىلغان پارلامېنت يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

شىۋېتسارىيە پارلامېنتى ئەزاسى فابىيان مولىنا ئەپەندىنىڭ شىۋېتسارىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى تونۇش ھەققىدە چاقىرىلغان پارلامېنت يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

 شىۋېتسارىيە پارلامېنتى ئەزاسى فابىيان مولىنا ئەپەندىنىڭ شىۋېتسارىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى تونۇش ھەققىدە چاقىرىلغان پارلامېنت يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

شىۋېتسارىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى تونۇش ھەققىدە 3- ئاينىڭ 10-كۈنى چاقىرىلغان پارلامېنت يىغىنىدا سەكسەنگە قارشى توقسان توققۇز ئاۋاز بىلەن رەت قىلىنغان. بەش ئاۋاز قارارسىز قالغان، بەش ئاۋاز قاتناشمىغان، ئون ئاۋاز ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن. 

يىغىندا پارلامېنت ئەزاسى فابىيان مولىنانىڭ Fabian MOLINA يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا خىتاب قىلىپ سۆزلىگەن نۇتقىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى:

تەرجىمىدە ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىدىن  ھەبىبۇللا ئىزچى

« مەن سۆزلىگىنىمدەك ، نۇرغۇنلىغان مۇستەقىل مەنبەلەرگە قارىغاندا ، بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر جۇڭگونىڭ غەربىدىكى (شەرقى تۈركىستان)شىنجاڭ ئۆلكىسىدە جازا لاگېرلىرىدا ئىكەن. 
بۇ يەردە كىشىلەر ئەركىنلىكى ، ھوقۇقى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىدىن مەھرۇم قىلىنماقتا. ئۇلار قىيىن-قىستاققا ئېلىنىدۇ ، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىدۇ  ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قىلىشقا مەجبۇرلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل قەبىھ جىنايەت ، سىستېمىلىق ۋە ئېنىق مەقسەت بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىۋاتىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ دەۋرىدە جۇڭگودا كۆپ خىللىق ، مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىل تەرەققىياتى بولماسلىقى كېرەك دېگەن مەنتىق بىلەن سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بۈگۈنكى جۇڭگودا ، ج ك پ نىڭ مۇستەبىتلىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.

شىنجاڭدا(شەرقى تۈركىستاندا) ئېلىپ بېرىلغان مەجبۇرىي تۇغماسلىق ۋە بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىش  1948-يىل 12-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى «قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسى» نىڭ 2-ماددىسىنىڭ «Literae d» ۋە «e» ماددىسىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تەشكىل قىلىدۇ.

 نۇرغۇن دۆلەتلەر ، ھۆكۈمەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى كۆپ قېتىم ئەيىبلىدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەڭ كۈچلۈك شارائىتتا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى 41-قېتىملىق يىغىنىدا 50 دۆلەتنىڭ بىرلەشمە ئىمزالىق خېتىدە ، شىۋېتسارىيە يەنە  لاگېرلارنى دەرھال تاقاشنى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارىنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى. بۇ ، بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئاخىرى مۇشۇ ھەپتە ئېلان قىلىندى ، مەن ئۇنىڭ بالدۇرراق بۇ تەكشۈرۈشنى ئورۇندىلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
 
ئەمما بۇ يېتەرلىك ئەمەس. گەرچە خەلقئارا جەمئىيەت ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئەڭ ئېغىر جىنايەتلەردىن كېيىن قايتا تەكرارلانمىسۇن دەپ قەسەم بەرگەن بولسىمۇ ، ئىنسانىيەتكە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە جىنايەتلەر دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا يەنىلا ئېلىپ بېرىلماقتا.بۈگۈن بۇ يەردىكى ھەممەيلەننىڭ بۇنداق ۋەھشىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئورتاق مەسئۇلىيىتى بار. بىز بۈگۈن بۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمايۋاتىمىز. شىۋىتسارىيەدىكى نۇرغۇنلىغان شىركەتلەرنىڭ بۇ رايوندا يەنىلا سودا ئالاقىسى بار . شىنجاڭدىن(شەرقى تۈركىستان) مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ تۈرتكىسىدە يەنىلا تۆۋەن باھادا شىۋىتسارىيەگە ئىمپورت قىلىنماقتا.

بۈگۈن بىزنىڭ ئاخىرى ھەرىكەت قىلىش پۇرسىتىمىز بار. بەك ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ، بىز باشقا غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە «سودا ئارقىلىق ئۆزگەرتىش» دېگەن لوگىكىغا تايىنىپ ،كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۆز يۇمدۇق. كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى ، بۇ ئۇسۇل مەغلۇپ بولدى. كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندىچىلىكى چوقۇم ئاخىرلىشىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىغا يول قويغان ئادەم ، بۇ جىنايەتكە ئۆزىنى شېرىك قىلىدۇ. كىم ئۇلارغا يول قويسا ،ئۇ كېيىنكى جىنايەتنى سادىر قىلىدۇ ، بۇ تېخىمۇ چوڭ ۋە تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولىدۇ.

يەر شارىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر چوقۇم بىرلىشىپ ، ئەركىنلىك ، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قىممەت قارىشىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك. كانادا ، ئەنگلىيە ۋە گوللاندىيە پارلامېنتى ئاللىقاچان بۇ قەدەمنى باسقان ، شۇنداقلا جۇڭگو ھۆكۈمىتى سادىر قىلغان AB 2022 N 344 / BO 2022 N 344 ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە بەلگە قويغان. بۇ خىل قارار بارلىق قانۇنىي ، دىپلوماتىك ، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنى قوللىنىش ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە شىۋىتسارىيەنىڭ شېرىكچىلىكىگە خاتىمە بېرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.

جاسارەت كۆرسەت ، پوزىتسىيەنى كۆرسەت ، ئەقىل ۋە قەلبنى كۆرسەت! 
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قىلمىشىنى نېمە دەپ ئاتايمىز: ئىرقىي قىرغىنچىلىق!»

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە نامايىشنىڭ تەييارلىقلىرى جىددىي ئىشلەنمەكتە

سە ماي 10 , 2022
جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە نامايىشنىڭ تەييارلىقلىرى جىددىي ئىشلەنمەكتە

You May Like