شىۋېتسىيە ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرمايدىغان بولدى

5- سىنتەبىر مەن مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدا «شىۋېتسىيە بىر ئۇيغۇر ئائىلىنى خىتايغا قايتۇرماقچى» ناملىق بىر پارچە ماقالە يازغان ۋە بىر ھەپتە كېيىن يېڭى تەپسىلاتلارنىقوشقان ئىدىم. ماقالىدە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ۋە كۆچمەنلەر سوتى تەرىپىدىن پاناھلىقى رەت قىلىنغان، ھەمدە شىنجاڭغا قايتۇرۇۋېتىش ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقە قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان تۆت كىشىلىك بىر ئۇيغۇر ئائىلىسى تىلغا ئېلىنغان.

2018- يىلى، 22- سىنتەبىر

ئاپتورى: لوجىي ئولسسون

تەرجىمە قىلغۇچى: ئويچان

ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

5- سىنتەبىر مەن مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدا «شىۋېتسىيە بىر ئۇيغۇر ئائىلىنى خىتايغا قايتۇرماقچى» ناملىق بىر پارچە ماقالە يازغان ۋە بىر ھەپتە كېيىن يېڭى تەپسىلاتلارنىقوشقان ئىدىم. ماقالىدە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ۋە كۆچمەنلەر سوتى تەرىپىدىن پاناھلىقى رەت قىلىنغان، ھەمدە شىنجاڭغا قايتۇرۇۋېتىش ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقە قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان تۆت كىشىلىك بىر ئۇيغۇر ئائىلىسى تىلغا ئېلىنغان. بۇ قارار شىنجاڭ رايۇنىنىڭ ۋەزىيىتىنى بەك بىلىپ كەتمەيدىغان خادىملار تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئىدى. نېمىلا بولمىسۇن، مانا ئەمدى شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىقلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى قارار قىلدى. بۇ قارار يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان پاناھلىق ئىلتىماسى ئاللىقاچان رەت قىلىنغان كىشىلەرگىمۇ تەدبىقلىنىدىغان بولۇپ، ئەمدى ئۇلار شىنجاڭغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلمايدۇ ۋە ئۇ يەردە ئۇلارنى كۆتۈپ تۇرۇۋاتقان زۇلۇمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. مەن بايىلا كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىكى يۇقۇرىي دەرىجىلىك ئۇچۇر ئانالىزچىسى پېر خەدكۋىست بىلەن تېلېفۇندا سۆزلەشتىم. بۇ قارارنى ئېلىشقا ئۇمۇ قاتناشقان ئىدى. خەدكۋىست ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەۋجۇت سىياسىي ۋەزىيىتىگە ئائىت LIPOSساندانىنى يېڭىلاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. كۆچمەنلەر ئىدارىسى پاناھلىق ئىلتىماسلىرىغا ئائىت قارارلارنى چىقىرىشتا مۇشۇ سانلىق مەلۇماتقا تايىنىدۇ (بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى ئالدىنقى يوللانمىداتىلغا ئالغان). خەدكۋىستنىڭ ئېيتىشىچە، كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئەدلىيە ئىشلىرى مۇدىرى فرېدرىك بېيجېر، رايۇندىكى ئۆزگىرىشلەرنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش مەقسىتىدە، بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى بىر كرىزىس گۇرۇپپىسى يىغىنى چاقىرغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مەلۇماتلار يېڭىلىنىپتۇ. كرىزىس گۇرۇپپىسى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، (خەدكۋىستمۇ شۇ گۇرۇپپىنىڭ ئىچىدە)، بېيجېر LIFOSتا بىر «ئەدلىيەلىك پىكىر» ئېلان قىلدى. بۇ پىكىر ۋە بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئېلان قىلىنغان يەنە بىر دوكلاتنىڭ پەقەت شىۋىتچىسىلا بار بولۇپ، مەن تۆۋەندە بېيجېرنىڭ ئەدلىيەلىك پىكىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم بۆلىكىنى تەرجىمە قىلىپ سۇنىمەن: «يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئەدلىيە ئىشلىرى مۇدىرى (فرېدرىك بېيجېر) ئۇيغۇرلار ۋە شىنجاڭدىن كەلگەن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى دەمالىققا خىتايغا قايتۇرۇشقا بولمايدۇ، دەپ ھېسابلىدى. بۇ ئاللىقاچان قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولۇپ بولغان دېلولارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ». خەدكۋىست تەكىتلىگەندەك، بۇ قارار يالغۇز ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى، يالغۇز شىنجاڭغىلا ئەمەس، خىتاينىڭ ھەر قانداق بىر يىرىگە قايتۇرماسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنداقتا، مەزكۇر قارار، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا تېزدىن خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر ئائىلىسى ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ مۇنداقلا ئېيتقاندا، مەزكۇر قارار بۇ ئائىلىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقىنى، ھەمدە يېڭى پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ بۇرۇنقىغا قارىغاندا بەكرەك قۇبۇل قىلىنىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ تەرەققىياتنى خەدكۋىسىت «تېز قارار» دەپ سۈپەتلىدى. بۇ قارارنىڭ مەزكۇر ئائىلىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا دىققەت قوزغىشى بىلەن بىرگە، بىر قانچە تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنىشى، ھەمدە تەشكىلاتلار ۋە ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ كۆچمەنلەر ئىدارىسى ۋە شىۋېتسىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكى بىلەن ئالاقە قىلىشى نەتىجىسىدە ئېلىنغان ياكى ئېلىنمىغانلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس. نېمىلا بولمىسۇن، بۇ ئائىلە شۇم تەقدىردىن قۇتۇلۇپ قالدى. ئوخشاشلا شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىمۇ خەلقئارالىق سەتچىلىككە قېلىشتىن ساقلىنىپ قالدى. بۇ بىر «تەڭ پايدا ئېلىش»  بولدى، خۇددى خىتاي كومېنىست پارتىيىسى توختىماي تەكرارلاۋاتقاندەك!   مەنبە:http://inbeijing.se/bulletin/2018/09/22/sweden-to-stop-deportations-of-all-uyghurs-to-china/

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

ئورگىنال: غۇلجا بايانداي يېڭى يەردە 16 مىڭ كىشلىك يېڭى لاگىر پۈتكۈزۈلگەن!

سە سېنتەبىر 25 , 2018
ختتاي دائىرلىرىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە بايانداي يېزىسى يېڭى يەر كەنتىدە يېڭىدىن پۈتكۈزۈلگەن سياسى تەربىيلەش لاگىرى قۇرۇلۇشى ئاشكارىلاندى.

You May Like