شىنزو ئابىنىڭ خىتاي سەپىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى

25- ئۆكتەبىر، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابى خىتايغا ئۈچ كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ يىل ياپونىيە – خىتاي تىنىچلىق كىلىشىمى ھازىرلىغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى بولۇپ، ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىنزو ئابى بېيجىڭدا خىتايغا 40 يىلدىن بۇيان بىرىپ كىلىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردەمنى توختىدىغانلىقىنى جاكارلىماقچى بولغان. دۇنيا بويىچە ئۈچىنجى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ 2- چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئىقتىسادىي ياردەم بىرىپ كىلىۋاتقانلىقى كۆپلىگەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ: «ياپونىيەنىڭ خىتايغا بەرگەن ھۆكۈمەت مەبلىغى خىتاينىڭ ئىسلاھات ئىشىكنى ئى

2018-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى

ئاپتۇر: ئەردەم

تەھرىر: تارىم ئۆتۈكەن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

   

25- ئۆكتەبىر،  ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابى خىتايغا ئۈچ كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ يىل ياپونىيە – خىتاي تىنىچلىق كىلىشىمى ھازىرلىغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى بولۇپ، ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىنزو ئابى  بېيجىڭدا خىتايغا 40 يىلدىن بۇيان بىرىپ كىلىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردەمنى توختىدىغانلىقىنى جاكارلىماقچى بولغان. دۇنيا بويىچە ئۈچىنجى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ 2- چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئىقتىسادىي ياردەم بىرىپ كىلىۋاتقانلىقى كۆپلىگەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ: «ياپونىيەنىڭ خىتايغا بەرگەن ھۆكۈمەت مەبلىغى خىتاينىڭ ئىسلاھات ئىشىكنى ئىچىۋىتىش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ئاكتىپ رول ئوينىدى  ياپونىيەمۇ ئوتتۇرىدىن ئەمەلىي مەنپەئەت كۆردى» دىدى. 1937- يىلى خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىنى بىسىۋالغان، خىتايلار تارىختىن بۇيان يامان كۆرۈپ كەلگەن ياپونلۇقلارنىڭ خىتاينى 40 يىلدىن بىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۆلەپ كىلىۋاتقانلىقى، كىشىلەرنىڭ نەزىرىنى ياپونىيە- خىتاي مۇناسىۋىۋىتىگە قايتا ئاغدۇردى.

ئىگەللىنىشچە، خىتاي رەھبىرى دىڭ شىياۋپىڭ ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋىتىشنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە ياپون كارخانىلىرىدىن قاتتىق ئىلھاملىنىپ، غەربنىڭ مەبلىغىنى جەلپ قىلىپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولغان. ياپونىيە ئەينى يىللىرى خىتايغا تاجاۋۇز قىلغانلىق تارىخى جىنايىتى بار بولغاچ، بۇ مەزگىلدە خىتايغا مەبلەغ سېلىش شەكلىدە تۆلەم بەرمەكچى، خىتاينىڭ باي بولۇپ دىموكراتلىشىشىنى تېزلەتمەكچى بولغان. خىتايمۇ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ يۈزىنى ئاياپ، ئىقتىسادىي ياردەم شەكلىدە قوبۇل قىلىشنى ماقۇل كۆرگەن، شۇنداقلا خىتاي خەلقىگە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق دەپ تەشۋىق قىلغان. ئىسلاھات ئىشىكى ئېچىۋېتىلگەندىن كىيىن، ياپونىيەنىڭ خىتايغا سالغان مەبلىغى ئومومىي چەتئەل مەبلىغىىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگەللىگەن. ياپونىيە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئىچىدە خىتايغا ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان، ئەڭ بالدۇر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان، ئەڭ بالدۇر خىتاي بازىرىغا كىرگەن، تىيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن كىيىن ئەڭ بالدۇر ئىمبارگونى بىكار قىلغان دۆلەت ھىسابلىنىدۇ. ياپونىيە مەبلىغى ئاساسىي قۇرۇلۇش، مۇھىت قوغداش، ئىنىرگىيە، سەھىيە قاتارلىق جەھەتلەردە زور رول ئوينىغان. بېيجىڭ پايتەخىت ئايرىدىرومى، شاڭخەي پۇدۇڭ ئايرىدىرومى، ۋۇخەن چاڭجىياڭ كۆۋرۈكى، جىڭ چىن تۆمۈر يولى، نۇرغۇنلىغان ئىلىكتىرلەشكەن تۆمۈريوللار ۋە بېيجىڭ تىنىچلق دوختۇرخانىسى، خىتاي- ياپونىيە دوستلۇق دوختۇرخانىسى، دوختۇرخانا ئەسلىھەلىرى، مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسىنى ياپونلار قۇرۇپ بەرگەن. ياپونىيە يەنە نۇرغۇنلىغان سانائەت تېخنىكىلىرى، يۇقىرى پەن- تېخنىكىلارنىمۇ خىتايغا ئۆگىتىپ قويغان بولۇپ، خىتاينىڭ كىيىنچە پولات- تۆمۈر ئىكىسپورت دۆلىتىگە ئايلىنىشىدا ياپونىيەنىڭ ئالاھىدە رول ئوينىغان. خىتايلار ماختىنىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تىخنىكىسىمۇ ئەمەلىيەتتە ياپونىيەنىڭ نۇرغۇنلىغان تېخنىكىلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىنىدىن كىيىنكى تەرەققىياتلار بولۇپ، خىتاي كىيىنچە بۇ تېخنىكىلار ئارقىلىق خەلقئارادا ياپونىيە بىلەن رىقابەتلىشىشكە باشلىغان.

ئامرىكا -خىتاي سودا ئۇرۇشى باشلانغاندىن كىيىن، خىتاي يېقىندىكى قوشنا بىلەن ئەپلىشىپ، يىراقتىكى دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ياپونىيە بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشلىماقچى بولغان. خىتاي بىلەن ياپونىيە مۇناسىۋىتىدە ئۈچ نازۇك نۇقتا بولۇپ، بىرى تالاشتا قالغان سېنكاكو ئارىلى، بىرى شىنزو ئابىنىڭ سىياسىي ئورنى، يەنە بىرى ئامرىكا- ياپونىيە مۇناسىۋىتى. خىتاي شىنزو ئابى  كىلىش ھارپىسىدا، ئۇنى ياخشى كۈتىۋىلىش ئۈچۈن ھەرقايسى زور تاراتقۇلارنى ياپونىيەنىڭ خىتايغا بەرگەن ئىقتىسادىي ياردەملىرى ۋە ئۇنىڭ خىتايغا كەلتۈرگەن پايدىلىرى توغرىسىدا كەڭ تەشۋىق قىلىشقا بۇيرىغان.  شىنزو ئابى كەلگەندە بولسا ھەشەم- دەرەم بىلەن كۈتىۋالغان. ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا زور كۆلەملىك ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت بار بولۇپ، ياپونىيە خام ماتىرىيال، ئىقتىسادى، چەتئەل سودىسى، ساياھەتچىلىك جەھەتتىن خىتايدىن زور كىرىم قىلىدۇ. شۇڭا ياپونىيەمۇ ئىتقىسادى ئىلگىرلەش توختاپ قالغان شارائىتتا خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىشنى خالىمايدۇ. ئەمما 25- ئۆكتەبىر ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو  ئابىنىڭ خىتايغا زىيارەتكە بىرىشى ھارپىسىدا، ياپونىيە پارلامىنتىدا «ئەركىن ھىندى – تىنىچ ئوكيان ئىتتىپاقى» قۇرۇلۇپ  ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ رەئىسلىككە سايلانغانلىقى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. مەزكۇر ئىتتىپاق شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، جەنۇبى موڭغۇلىيە، تەيۋەن، خوڭكوڭ، ياپونىيە، ھىندىستان، ۋىتنام قاتارلىق 8 مىللەت ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن قۇرۇلغان.

ياپونىيە كىيودو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 26- ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىنزو ئابى خىتاي باش مىنىستىرى لى كىچىياڭ بىلەن كۆرۈشكەندە شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگىرلار مەسىلىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تىلغا ئالغان.

  كىيودو ئاگىنتلىقى 50 مىلىيون مۇشتەرىگە ئىگە داڭلىق خەۋەر ئاگىنتلىقى بولۇپ، ئەگەر خەۋەر راست بولسا  شىنزو ئابى لاگىرلار مەسىلىسىنى خىتايغا بىۋاستە ئوتتۇرىغا قويغان ئەڭ ئالىي رەھبەر ھىسابلىنىدۇ.

https://www.voachinese.com/a/voaweishi-20181025-io-the-ending-of-japan-s-aid-to-china-why-the-surprising-reactions-in-china/4628893.html https://www.voachinese.com/a/voaweishi-20181026-pc-will-trade-war-with-the-us-bring-china-and-japan-closer/4630503.html https://www.facebook.com/100006712249111/posts/2266452530255133

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

تەرجىمە:بېيجىڭ يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن ناتسىست تەشۋىقات ئۇسۇللىرىنى قانداق قوللىنىۋاتىدۇ؟

سە ئۆكتەبىر 30 , 2018
خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا يىغىۋىلىش لاگىرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نەچچە ئايغىچە كۈچلۈك ئىنكار قىلغاندىن كىيىن، ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا تۇيۇقسىزلا ئىتراپ قىلدى. ئەمما ، ئۇلار جەمىيەت مۇقىملىقىغا خەۋىپلىك تونۇلغان كىشىلەرگە قانداق تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى " تەتىللىك تەربىيەلەش مەركەزلىرى" نىڭ يىقىملىق تەشۋىقات رەسىملىرى بىلەن نامايەن قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ.

You May Like