شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرى قانچىلىك راست؟

خىتاي كومۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئاساسلىق خەۋەر مەركىزى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 21-نويابىر شىجىنپىڭنىڭ فىلىپپىن زىيارىتى توغرىلىق يىرىم يالغان خەۋەر تارقاتتى. خەۋەردە شىجىنپىڭ مۇنۇ سۆزلىرى نەقىل قىلىندى: -كېلىشكىنىمىز بويىچە فىلىپپىنغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن، فىلىپپىن خەلقىنىڭ قىزغىن قارشى ئالغانلىقى، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرغان چىرايى مېنى بەكمۇ تەسىرلەندۈردى. -جۇڭگو – فىلىپپىن مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇستەھكەملەپ، دوستلۇقنى كۈچەيتتۇق. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن، ئىككى دۆلەت

ئاپتۇر: ئىقبال

تەھرىر: تارىم ئۆتۈكەن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-11-23

   

ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇرئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

 

خىتاي كومۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئاساسلىق خەۋەر مەركىزى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 21-نويابىر شىجىنپىڭنىڭ فىلىپپىن زىيارىتى توغرىلىق يىرىم يالغان خەۋەر تارقاتتى. خەۋەردە شىجىنپىڭ مۇنۇ سۆزلىرى نەقىل قىلىندى: -كېلىشكىنىمىز بويىچە فىلىپپىنغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن، فىلىپپىن خەلقىنىڭ قىزغىن قارشى ئالغانلىقى، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرغان چىرايى مېنى بەكمۇ تەسىرلەندۈردى. -جۇڭگو – فىلىپپىن مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇستەھكەملەپ، دوستلۇقنى كۈچەيتتۇق. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، جۇڭگو – فىلىپپىن مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئېچىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت ئېلىپ كەلدى.

-ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو – فىلىپپىن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى قارار قىلىشى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەلىپىگە ماس كېلىدۇ. شىجىنپىڭ ئەمەلىيەتتە، راستىنلا فىلىپپىن خەلقى تەرپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنسىمۇ؟

ئوخشاش كۈندە ئامېرىكا ئاۋازى تورى خىتايچە سەھىپىدە شى جىنپىڭنىڭ فىلىپپىن زىيارىتى توغرىلىق خەۋەر بىرىلدىم. ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشچە شى جىنپىڭنىڭ فىلىپپىن زىيارىتى يەرلەك خەلقىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان. يۈزلەرچە ئامما كوچىلارغا چىقىپ شىجىنپىڭغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن.

شىجىنپىڭ زىيارىتىدە ، خىتاي-فىلىپپىن مۇناسىۋىتىنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخىت ئىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئىككى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ۋە ھەمكارلىقىنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ زىيارەت ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئارزۇسى ۋە مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلالمىغان. فىلىپوىن ۋەتەنپەرۋەرلىك جەمئىيتى ۋە يۈزلەرچە ياشنىڭ، فىلىپىننى ساتمايمىز، ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى ساتمايمىز دەپ شۇئار توۋلاشلىرى بۇنى ئىسپاتلايدۇ. شىنخۇا ئاگنىتلىقىدا فىلىپپىن زوڭتۇڭى دۇتترىتنىڭ سۆزلىرى، فىلىپپىن خەلقىنىڭ ئارزۇسى ۋە ۋىجدانى تاللىشىنى ئىپادىلەش بىلەن بىللە شىجىنپىڭنىڭ بايانلىرىنى رەت قىلىدۇ. دۇتتىرت مۇنداق دەيدۇ: «فىلىپپىن تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئىگىلىك ھوقۇقتا باراۋەر بولۇش ئاساسىدا جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى، سودا، مەبلەغ سېلىش، يېزا ئىگىلىكى، مۇداپىئە ئىشلىرى، سەھىيە، زەھەر چەكلەش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى، مائارىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى قاتارلىق ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. فىلىپپىن تەرەپ مۇشۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ نەنخەي دېڭىزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىشىنى قوللايدۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. خەلقئارا ئىشلارنى بىرتەرەپ قىلىشتا، جۇڭگو تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرىدۇ. فىلىپپىن تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدىكى ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ».

دۇتېرت بىلەن فىلىپپىن خەلقى ئوتتۇرىسدا ئوخشاش بىر ئارزۇ مەۋجۇت. دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى، نەنخەي دېڭىزىدىكى چېگرا بىخەتەرلىكى. ئەمما دۇتتىرتنىڭمۇ قەيت قىلغىنىدەك، فىلىپپىن ۋە فىلىپپىن خەلقى خالايدىغان نۇرغۇن ئىشنى.خىتاي دائىرىلىرى خالىمايدۇ. ئەگەر خالىغان بولسا ئىدى، دۇتېرت ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى ئوتتۇرغا قويماستىن، مەمنۇنلۇقنى بايان قىلغان، فىلىپپىن خەلقىمۇ نارازلىق نامايىشنىڭ ئورنىغا، شىنخۇ ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە دېيىلگەندەك قىزغىن قارشى ئالغان بولاتتى.

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

 

UT-Uyghur Reporter 14

Next Post

ئاق ساراي: خىتاينى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتەيلى

جۈ نويابىر 23 , 2018
ئامېرىكا زۇڭتۇڭ ئىقتىساد مەسلىھەتچىلىرى كومېتىتى رەئىسى كەۋىن خاسەت (Kevin Hassett) دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئەزاسى - خىتاي كومپارتىيىسنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ دۇرۇست ئەمەسلىكىنى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىشنى ئويلىشىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

You May Like