شى جىنپىڭنىڭ چاۋشىيەن زىيارىتى نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟

شىجىنپىڭ روسىيە پىرزىنتى پۇتىن بىلەن كۈرەشكەندىن كېيىن 17-چىسلا تۇيۇقسىز چاۋشىيەن زىيارىتىنى ئاشكارلىدى.شۇنداقلا ئامېرىكا پىرزىنتى دونالىد تىرامپقا تېلفۇن قىلىپ بۇ ئاينىڭ ئاخىرى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىردە ئۆتكۈزۈلدىغان G20 يىغىندا ئۆزى بىلەن كۈرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى 

2019-6-21

 

 

شىجىنپىڭ روسىيە پىرزىنتى پۇتىن بىلەن كۈرەشكەندىن كېيىن 17-چىسلا تۇيۇقسىز چاۋشىيەن زىيارىتىنى ئاشكارلىدى.شۇنداقلا ئامېرىكا پىرزىنتى دونالىد تىرامپقا تېلفۇن قىلىپ بۇ ئاينىڭ ئاخىرى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىردە ئۆتكۈزۈلدىغان G20 يىغىندا ئۆزى بىلەن كۈرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىجىنپىڭنىڭ بۇ بىر قاتار ھەركەتلىرى نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە بۇ شىجىنپىڭنىڭ ئۆزىگە گورۇھ توپلاپ ئامېرىكىغا كۈچ كۆرسىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس .تاجىكىستاندا ئېچىلغان «ئاسىيا ئۆزئارا ياردەم بىرىش ۋە تەبىر ئېلىش »يىغىنى ئارىسىدا پۇتىن شىجىنپىڭ چۈشكەن مىھمانخانىغا بېرىپ 66ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەپ 66دانە ماروژنە سوۋغا قىلىدى ۋە سوۋغات تورتنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان 66دىگەن سانلار بىلەن ھەربىر ئىشىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلىدى.

شىجىنپىڭ پۇتىن ۋە كىم بودەكنىڭ چاپىنىدا تەرلەپ دونالىد تىرامپقا قانچىلىك بېسىم بىرەلەيدۇ؟ پۇتىن ۋە كىن بودەك شىجىنپىڭنىڭ ئۇيۇنىغا كىلەمدۇ؟ ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ جاۋاپى چىقىپ بولدى. پۇتىن شىجىنپىڭ ھۇقۇق تۇتقاندىن كېيىن ئەڭ كۆپ كۈرۈشكەن دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بىرى.2013 يىلدىن بىرى 8 قېتىم روسىيەگە زىيارەتكە باردى، 6 يىلدا 30 قېتىم كۈرۈشتى.لىكىن ھېچبىر قېتىم شىجىنپىڭنىڭ ئويۇنىغا كەلمىدى.بۇ قېتىم تېخىمۇ شۇنداق بولدى . شىجىنپىڭ بىلەن كۈرشەپ ئالدىغاننى ئالدى. ئارقىدىنلا خېيلۇڭجىياڭغا يېقىن بىر چىگرا رايۇنغا ئەڭ يىڭى تانكىلارنى ئورۇنلاشتۇردى. ئادەتتە بۇ خىل تانكىلار ۋە ئالاھىدە ئەسكەرلەر ئالاھىدە ئىشلاردا قوللىنىدىكەن.

دىمەك بۇ ئامېرىكاغا بىر سىگنال بولۇپ مەن شى نىڭ ئويىنىغا كىلىدىغان ئەخمەق ئەمەس، پۇل ئەكەلسە ئالدىم لېكىن شى تۈلكىگە ئىشىنەلمىيمەن ، تىرامپ ئەپەندىم سەن بىلەنمۇ كىلىشەلەيمىز دىيىشتىن ئىبارەت بولىدى.چۈنكى پۇتىن ئۆزىمۇ ئۇستا بىر ئوچى، يەنە كىلىپ روسىيەنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادى ئەھۋالى بەك ياخشى ئەمەس شىجىنپىڭغا ياردەمچى بولغۇدەك ھالى يوق، شىجىنپىڭ بۇنى بىلگەچكە ئۆزى پۇل چىقارماي مايۈننىڭ «پىداكارلىق»نى قوللاندى.

ئەمدى كىم بودەككە كەلسە بۇ ئادەتتىكى «شاكىچىك»بودەك ئەمەس، شىجىنپىڭ چاۋشىيەن زىيارىتىنى ئىلان قىلىش بىلەن تەڭ خىتاي -چاۋشىيەن چىگراسىدا كىچىك كۆلەملىك پارتلاشتىن سۈنئىي يەر تەرۋەش پەيدا قىلدى. بۇمۇ ئامېرىكا ئۈچۈن بىر سىگنال دەپ پەرەز قىلىنماقتا. شىجىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى 14يىلدىن بىرى خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى ھىساپلىنىدىكەن.

شىجىنپىڭ پۇتىن ۋە جىن بودەكنى ئۆزىنىڭ جەڭ ھارۋىسىنىڭ چاقىغا يۆگىمەكچى بولغان بولسىمۇ ئىككى «يېقىن قوشنا» ناھايىتى سەزگۈر بولغاچقا شى نىڭ ئويىنىغا كىلىدىغاندەك ئەمەس، ئىككىلىسى پۇل بەرسەڭ ئالىمىز لېكىن يەنىلا يولىمىزغا ماڭىمىز دەۋاتىدۇ. چۈنكى چوشقا شامال ئېغىزدا تۇرغاندا كۈچلۈك شامالدا بىر ئاز ئۇچۇشى مۇمكىن ،لىكىن چوشقا بۇ ئۇچۇشتا ئۆزىنى بۈركۈت ھىساپلاپ ئۆزىنى چاغىلىيالماي قالىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىگە لايىق بولمىغان خۇي، قىلىقلارنى چىقىرىدۇ. خىتاينىڭ ھازىرقى ئەھۋالى دەل مۇشۇ چوشقىنىڭ مىسالىدۇر . خىتاينىڭ پۇلغا سېتىۋالغان نەچچە كۈچۈك مىجەز دۆلەتتىن باشقا دوستىمۇ يوق ،ئۇ كۈچۈك دۆلەتلەرمۇ مەنپەئەت تۈگىگەن ھامان يۈز ئۆرىيدۇ. بۇ ئىككى يېقىن قوشنىسى سەزگۈر «دوستلاردۇر» .شۇڭا خىتاينىڭ بۇ بىر قاتار ھەرىكەتلىرى ئۈنۈم بەرمەسلىكى ئېنىق.

ئۆزىنىڭ نەچچە يىللىق تەرەققىياتتىغا تاينىپ دۇنيانىڭ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان خىتاي دۆت چوشقىنىڭ مىسالىدۇر،بۇ چوشقا بىردىنلا پۈتۈن دۇنيانى ئۆزىگە دۈشمەن قىلىدى.شىجىنپىڭنىڭ ئۇلۇغ جۇڭگۇ چۈشى شامالدا ئۇچۇپ ئۆزىنى چاغلىمىغان چوشقىنىڭ چۈشىدۇر. ئۇنىڭدا دۇنياغا باشچىلىق قىلغۇدەك نە سەۋىيە بولسۇن نە ئىقتىداربولسۇن؟ ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى چۈشىنىڭ قارا چۈش ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئىسپاتلاپ بەردى.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ياپونىيە ھۆكۈمىتى ختتاينىڭ قارشىلىقىغا قارىماستىن رابىيە قادىرنىڭ 20 دۆلەت يېغىنى مەزگىلىدە ياپونىيەگە كىرىشگە يول قويدى.

جۈ ئىيۇن 21 , 2019
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇخبىرلارغا بىلدۈرۈشچە، بيجىڭ تەرەپنىڭ قاتتىق بېسمغا قارىماي ،ياپونيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رابىيە قادىرنىڭ ياپونيەگە كىرىشى ئۇچۇن ۋېزا بەردى ،رابىيە قادىرنىڭ زىيارىتى ختتاي رەئىسى شى جىن پىڭنىڭ ئوساكاغا G20يېغىنىغا قاتنىشىشغا توغرا كەلگەن بولۇپ ،رابيە قادىر بۇ يەردە ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سياستىگە قارشى نامايىش قىلىدۇ.

You May Like