شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلىرى- تۇرسۇنگۈل زىياۋۇدۇن

«شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلىرى»يۈرۈشلۈك خەۋىرىمىزنىڭ ئۈچىنچىسى، لاگىردىن ھايات قۇتۇلغان بىر قانچە ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن بىرى -تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن .

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

2019-10-20

 

 

 

«شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلىرى»يۈرۈشلۈك خەۋىرىمىزنىڭ ئۈچىنچىسى، لاگىردىن ھايات قۇتۇلغان بىر قانچە ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن بىرى -تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن .

 

 

 

 

 

تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگىرلىرىدىن ئىبارەت ئالۋاستى ئۇۋىسىدىن ھايات قۇتۇلغان ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىچىدىكى بىر گۇۋاھچى. ئۆزى غۇلجىلىق ، يولدىشى خالمىرزادە خالىق شەرقىي تۈركىستاندا تۇغۇلغان قازاقىستان نوپوسلۇق قازاق مىللىتىدىن ئىدى. 2009- يىلى ئەر- ئايال ئىككەيلەن قازاقىستانغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان، تۇرسۇنئاي زىياۋدۇن بۇ يەردە بەش يىل تۇرغان بولسىمۇ ، ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن قازاقىستان نوپۇسىغا ئۆتەلمىگەن. 2016 – يىلى كېسەل داۋالىتىش ئۈچۈن ، يۇرتى غۇلجىغا قايتقان مەزگىلدە پاسپورتى يىغىۋېلىنىپ 2017 – يىلى لاگىرغا سولاپ قويۇلغان ۋە بىر ئايدىن كېيىن قويۇپ بېرىلىپ، ئۆيىدە نەزەربەنت قىلىنغان. يولدىشى ئامالسىز قازاقىستانغا قايتقان . 2018- يىلى3- ئايدا تۇرسۇنئاي يەنە بىر قېتىم لاگىرغا تۇتۇپ كېتىلگەن . يولدىشىنىڭ قازاقىستاندا توختىماي داۋا قىلىشى بىلەن شۇيىلى 12- ئايدا قويۇپ بېرىلگەن ۋە بىر يىلدىن كېيىن قازاقىستانغا كېلىپ ئائىلىسى بىلەن جەم بولغان. تۆۋەندىكىلەر تۇرسۇنئاينىڭ ئۆز ئېغىزى بىلەن ئېيتقانلىرى: 2018 – يىلى 3- ئاينىڭ 8- كۈنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىن ئۇچۇر كەلدى، مەن كۆڭلۈمدە مېنىمۇ لاگىرغا سولايدىغان بولدى دەپ ئويلىدىم ۋە دېگەندەك بولدى . ئۇلارنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى مېنىڭ قازاقىستاندا بەش يىل تۇرۇپ قېلىشىم ۋە ئۇ يەردىكى يولدىشىم بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلىشىشىم بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ماڭا قامىلىشىمنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بەرمىدى. لاگىرغا كىرگەندىن كېيىن يالىڭاچلىنىپ سالامەتلىك تەكشۈرۈلدۈم، ئېغىر دەرىجىدە قان ئازلىقىم بار بولۇپ داۋالىنىۋاتقان ئىدىم، ئەمما بۇنىڭ بىلەن كىمنىڭ كارى بولسۇن؟ ئىككەيلەن مېنى ئېلىپ ماڭدى، نۇرغۇن تۆمۈر دەرۋازىلاردىن ئۆتتۇق، بەك قورقۇنچلىقتى (ئۇھ تارتىش يىغلاش). يول بويى تۆمۈر رېشاتكىلارنىڭ كەينىدە نۇرغۇن قىز – ئاياللارنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، مەن كىرگەن قاماقخانىدا ئون ئىككى ھەمشىرە بار ئىدۇق، ھاجەتخانىسى يوق ئىدى. كۈندۈزلىرى ئوپچە ھاجەتكە چىقىرىلاتتۇق ۋە بىر ئىككى مىنۇت ۋاقىت بېرىلەتتى. كېچىلىرى چېلەك قويۇلىدىغان بۇلۇپ ، قاماقخانىنىڭ ھاۋاسى ئىنتايىن بۇزۇلۇپ كېتەتتى. دەسلەپتە بىر ھەپتىگىچە تاماق يېمىدىم، ئەمما كىمنىڭ سېنىڭ ئۆلۈك تىرىكىڭ بىلەن كارى بولسۇن دەيسىز، ھوشۇمدىن كەتسەم كارىۋاتقا تاشلاپ قوياتتى. قاماقتىكى ھەمشىرلەر مېنىڭ تاماق يېيىشىم ۋە ھاياتلا بولساق بىر كۈن چىقىپ كېتەلەيدىغانلىقىمىز ھەققىدە نەسىھەت قىلدى . لاگىردا يەتمىش سەكسەن ياشلاردىكى ياشانغانلاردىن تارتىپ كىچىك قىزلارغىچە بارئىدى. قاماقخانا ناھايىتى سوغۇق، نەم، تاملار تۆمۈر بىلەن قاپلانغان، تۈزۈكرەك يوتقان يوق بولغاچقا، سوغۇق سۆڭەكتىن ئۆتۈپ كېتەتتى، مېنىڭ قېنىم ئاز بولغاچقا سوغۇقتا ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن. دوختۇرخانىدا كۆزۈمنى ئاچسام پۇت قولۇمدا كىشەن تۇرىدۇ، مەن بەك ئۈمىدسىزلىنىپ كەتتىم. مەن نېمە گۇناھ قىلغانلىقىم ئۈچۈن ماڭا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟ دوختۇرخانىدا ئەر تۇتقۇنلارمۇ بار بولۇپ، ھەممىسىنىڭ چىرايلىرى سارغىيىپ، ئورۇقلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان ئىدى. لاگىردىكى بارلىق قىز ئاياللارغا ھەتتا توي قىلمىغان قىزلارغىمۇ مەجبۇرى تۇغۇت چەكلەش ئۈزۈكى سېلىندى. دائىم كېچىلىرى قىز – ئاياللار ئېلىپ چىقىپ كېتىلىپ قايتىپ كەلمەيتتى، نەگە ئىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيتتۇق.

 

لاگىردىكىلەر گۇناھىنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىگە قاراپ قىزىل، سېرىق، يېشىل كىيىملەرنى كىيەتتى. مېنىڭ كىيىمىم يېشىل ئىدى، بەزىدە ھاۋا ئالغىلى چىققاندا، چىرايلىرى سارغىيىپ كەتكەن ئەھۋالى ناھايىتى ئېچىنىشلىق قىزىل كىيىملىك تۇتقۇنلارنى كۆرەتتىم. ئۇلارنىڭ قاماق مۇددىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئىسلامدا تەقۋادارلىق قىلغان، ناماز ئوقۇغان، ياغلىق چەككەن گۇناھى بارئىدى. مەن ھويلىدا چۈمۈلىلەرنىڭ تۆمۈر رېشاتكىلاردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندىم. كاشكى بىر چۈمۈلە بولۇپ قالسامچۇ دەپ كەتتىم. ھەر كۈنى ئورۇندۇقتا گەپ – سۆز قىلماي، قىمىرلىماي ئولتۇراتتۇق، ھازىر ئۇ ئورۇندۇقنى كۆرسەم ئىچىم ئېلىشىدۇ. مەن يولدىشىمنىڭ توختىماي ئەرز قىلىشى بىلەن ئاخىرى قويۇپ بېرىلىپ، قازاقىستانغا كېلىۋالدىم. مەن قازاقىستان نوپۇسى بولمىغانلىقىم ئۈچۈن، ئەگەر خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىدىغان ئىش بولسا، ئۆلۈۋالغىنىم ياخشى. ۋەتىنى بولۇش نېمە دېگەن پەخىرلىنەرلىك ئىش. ۋەتىنى بولماسلىق نېمىدېگەن يامان! لاگىردىكى قازاقىستان نوپۇسىدىكىلەرنىڭ بىر ئامال قىلىپ قۇتۇلۇپ چىقالىشىدا ئۈمىد بار. ئەمما مېنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ تەقدىرى قانداق بولار! ؟ ئۇلار ئۈچۈن يۈرىكىم پۇچۇلىنىپ كېتىۋاتىدۇ، كېلەچىكى يوق، ئۈمىدى يوق، قىرىلىپ كېتىۋاتىدۇ (يىغلاش، ئۇھ تارتىش).

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئامېرىكا - خىتاي سودا سۆھبىتى ئاياقلىشىپلا ، خىتاي ئۇششۇقلۇقنى باشلىدى

چا ئۆكتەبىر 23 , 2019
تېنچ، راسىونال ۋە زورانلىق بولمىغان قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى، قارشى تەرەپنىڭ تۆۋەن چېكى بولۇشى كېرەك !

You May Like