شەرقىي تۈركىستاندىكى كۈچىيىۋاتقان زۇلۇم _ بىر ياپون مۇخبىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كۆرگەنلىرى

جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا(شەرقىي تۈركىستان) تېررورىزىمغا تاقابىل تۇرۇش باھانىسىدە زور ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا

غەربىي ياپون ئاگېنتلىقى 

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 8-ئۆكتەبىر

ياپۇنچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئىلئەتمىش

(ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ياپۇن تىلى بۆلىمى پىدائىيسى)

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-01-27

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

   

جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا(شەرقىي تۈركىستان) تېررورىزىمغا تاقابىل تۇرۇش باھانىسىدە زور ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا. ب د ت ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئەندىشىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارىتا «پۈتۈنلەي ئويدۇرما» دەپ ئىنكار قىلغان. غەربىي ياپون ئاگىنتلىقى (西日本新聞社) مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى(شەرقىي تۈركىستان)دىن بىر ئۇيغۇر ئەر بىلەن بولغان زىيارىتىدە بۇ ئەر باستۇرۇش ۋە زۇلۇمنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. (كاۋاخارادا تاكېئو، تۇرپان ۋە قەشقەردىن)

بېيجىڭدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۇيغۇر ئېلى (شەرقىي تۈركىستان). قەدىمكى يىپەك يولىدا مۇھىم تۈگۈن بولۇپ گۈللەنگەن بوستانلىق تۇرپان. سىنتەبىرنىڭ ئاخىرىلىرى ئايروپىلان بىلەن ئۇ يەرگە يول ئالدۇق. ئايروپورت زالىغا كىرگىنىمىزدە مۈرىسىگە مىلتىق ئارتقان قوراللىقلار ئالدىمىزنى توستى. «سىلەر ياپونىيەلىكمۇ، نېمە قىلغىلى كەلدىڭلار؟» مۇخبىرلىق ۋىزىسىدا كەلگەنىمىزنى بىلگىنىدە پوزىتسىيەسى تېخىمۇ قاتتىقلاشتى. ئۇدۇلدىن رەسىمگە تارتىپ تېلېفون نومۇرىمىزنى ئېلىپ بىزنى تەستە ماڭغىلى قويدى. ئەمما ئايروپورتتىن چىققاندا قولىمىزدىكى يانفوننىڭ سىگنالى سەۋەبسىزلا يوقاپ توردىنمۇ ئۈزۈلگەنىدى. بۇ قانداقتۇر كاشىلىدىنمۇ، ياكى دائىرىلەرنىڭ نازارىتىدىنمۇ؟ مېھمانخانىغا يېتىپ كەلگەندە شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى بىزنى «كۈتۈۋېلىش» ئۈچۈن ساقلاپ تۇرغانىكەن. كېيىن ئۇلار بىزگە 24 سائەت ئۈلپەت بولدى.

يەرلىك دائىرىلەرنىڭ سەزگۈرلۈك بىلەن قايتۇرغان بۇ خىل ئىنكاسلىرى بۇ يىل ئاۋغۇستتا ئېچىلغان ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى تۈگىتىش كومىتىتى يىغىنى بىلەن بىرەر مۇناسىۋىتى بارمىدۇ؟ ئامېرىكا ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى باشقا بىر نەچچە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن تەك ئېلان قىلغان دوكلاتلىرىدا، » بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ تېررورىزىمغا تاقابىل تۇرۇش باھانىسى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇلغان » دەپ كۆرسەتكەن. » ئاپتونۇم رايون دائىرىسى ساقچى دۆلىتىگە ئايلانغان.» دېگەن.

جۇڭگو تەرەپنىڭ سۆزلىرىدە بولسا » قارىسىغا تۇتقۇن قىلىش ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىيەت مۇقىم، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىمۇ كاپالەتكە ئىگە» دەپ كەسكىن ئىنكار قىلغان. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە چەتئەل مۇخبىرلىرى قاتتىق كونتىرول قىلنىپ، ھەقىقىي ئەھۋالى يوشۇرۇلغان ئىدى.

ئاھالىلەرمۇ قاتتىىق نازارەت ئاستىدا ئىدى. تۇرپاننىڭ كوچىلىرىدا كەزگىنىمىزدە «便民警务站 ساقچى پونكىتى» دەپ ئاتالغان ئەسلىھەلەر كۆزگە چېلىقتى. نەچچە يۈز مېتىرغا بىردىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ خىل ئەسلىھەلەر خۇددى ياپونىيەدىكى «كونبىنى(ماگزىن)» غا ئوخشايتتى. ساقچى پونكىتىنىڭ ئالدىدا كالتەك تۇتقان كۆزلىرى تىكىلگەن ساقچىلار تىزىلغان ئىدى.

كوچىلارنىڭ ھەممە يېرىدە كامېرالار بولۇپ ساياھەت ئورۇنلىرىدىمۇ سانسىز كامېرالار بار ئىدى. مېھمانخانىلار، دۇكانلار، تاللار بازارلىرىنىڭ ئىشىكلىرىدە X نۇرلۇق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىشىكلىرى ئورنىتىلىپ قاراۋۇللار سومكا ئېچىپ تەكشۈرەتتى. چىرايىدىن ئۇيغۇر دەپ قارالغانلار كىملىكىنى تەكشۈرتمىسە ئىچىگە كىرگۈزۈلمەيتتى. بۇ سۈرلۈك ئەھۋالدىن چۆچۈپ كەتتۇق. ئۇيغۇر يولباشچىمىز بىزگە » ھەممىسى دىنىي ئاشقۇنلاردىن قوغدىنىش ۋە بىخەتەرلىك ئۈچۈن، مۇشۇنداق قىلماي ئامال يوق » دەپ پىچىرلىدى. تۇتقۇنلار لاگىرى بارمۇ دەپ سورىغىنىمىزدا يولباشچى قاتتىق بېشنى چايقاپ » بىلمەيمەن، مەندىن سورىماڭلار!» دەەپ سۆزىنى تۈگەتتى.

» تۇتقۇنلار لاگىرلىرى يوق دېگىنى ھەممىسى يالغان گەپتۇر، مېنىڭ 10 غا يېقىن تۇغقىنىم ھازىر شۇ لاگىردا. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەن چەتئەلدىكى تونۇشى بىلەن ئالاقە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىچىدە. » زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەر شۇنداق بايان قىلدى. تۇتقۇنلار لاگىرلىرى » تېخنىكا تەربىيلەش مەركىرى»، » قوش تىل تەربىيەلەش مەركىزى » قاتارلىق ھەرخىل ناملار بىلەن ئاتالغان ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىغا تارقالغان ئىدى. لاگىر ئىچىدە ئۆز تىلىنى سۆزلەش چەكلىنىپ، خىتاي تىلىدا ۋەتەنپەرۋەرلىكنى تەرغىب قىلىدىغان شوئارلارنى ۋە ناخشىلارنى ئېيتقۇزۇش قاتارلىقلارنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ب د ت نىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىغا يوللانغان دوكلاتلاردا گۇۋاھچىلار » ئىككى قولى باغلىنىپ كىچىك ئۆينىڭ ئىچىدە ئولتۇرغۇزۇش، 24 سائەتلەپ ئۇيقۇسىز قويۇش » قاتارلىق خورلاش ئۇسۇللىرىنى ئېيتقان. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەر ئاۋازى بوغۇلغان ھالدا: » ئائىلەمدىكىلەر بىلەن ئالاقەم ئۈزۈلۈپ، ئېنىق ئەھۋالىنى بىلمەيمەن. بىرەر پېشكەنلىككە ئۇچرىمىسىلا بولاتتىغۇ… »

جۇڭگو ھۆكۈمىتى سۈنئىي ئىدراك (AI) تېخنىكىسىدىكى چىرايدا دەلىللەش قاتارلىقلارنى قوللىنىپ نازارەتنى كۈچەيتكەن. » ئۇيغۇر ئېلى بۇنداق تېخنىكىلارنىڭ تەجرىبە بازىسىدۇر.» دېدى زىيارتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەر. ئۇيغۇرلاردىن «ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش» نامىدا يىلدا ئىككى نۆۋەت قان، بارماق ئىزى، DNA ئەۋرىشكىلىرى يىغىلغان. يېقىندا ئاۋاز ئەۋرىشكىسى، رەڭدار پەردە ئەۋرىشكىسى قاتارلىقلارمۇ يىغىلىشقا باشلىغان. بۇلارنى نازارەت كامېرالىرىغا قويۇپ تەھلىل قىلسا كىمنىڭ قەيەردە نېمە قىلغانلىقىنى  ئاسانلا بىلىش مۇمكىن.

ئۇيغۇر ئېلىدە ساقال قويۇش ۋە ئاياللار ھىجابلىنىش چەكلەنگەن. ئىسلام دىنىدا ھاراق تاماكا چەكلەنگەندۇر. «دائىرىلەر ئۇيغۇرلار ئاچقان دۇكانلارغا ھاراق قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلىپ، دىننى ئاياق ئاستى قىلىۋاتىدۇ.»  كىرىش ئىشىكلىرىدە X نۇرلۇق تەكشۈرۈش ئىشىكلىرى ئورنىتىش بۇيرۇقى بەرگەن،  بۇ خىل ئىشىك ۋە كامېرا ئورنىتىش ئۈچۈن خىتاي پۇلىدا 20 مىڭ يۈەن كېتىدىغانلىقى مەلۇم. ھەم بۇ چىقىمنى دۇكاننىڭ ئىگىسى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەككەن. بۇ چىقىمغا قۇربى يەتمىگەن كىچىك دۇكانلار بولۇپ، ساقچى :» ئەگەر بۇنى قىلالمىساڭ دۇكاننى ئاچما !» زىيارىتمىزنى قوبۇل قىلغان ئەر كۆرگەنلىرىنى بايان قىلدى.

يانفون تەكشۈرۈشلەرمۇ ھەر يەردە. ئۇيغۇر ئېلىدە ساقچىلار USB سىمى بىلەن يانفونلارنى ئۇلاپ يانفون ئىچىدىكى نەرسىلەرن بىلەلەيدىغان ئۈسكۈنىلەرنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈيدىكەن. يانفوندىكى سۆزلىشىش خاتىرىسى ۋە پۇلداننىڭ چقىم خاتىرىسى قاتارلىق ھەر خىل شەخسىي ئۇچۇرلارنى تەكشۈرىدىكەن. » ئەگەر بىرى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلسا بەرمەكتىن باشقا ئامال يوق…»  ئەر سۆزىنى داۋاملاستۇردى.

ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ خىل نازارەتنىڭ كۈچىيىشى 2016-يىلى ئاپتۇنوم رايوننىڭ بىرىنچى ھوقۇقدارى چېن چۈەنگو كەلدىن بېرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.  چېن چۈەنگو تىبەت ئاپتونوم رايونىدا رايون مۇستەقىللىق كۈچلىرىنى قاتتىق باستۇرۇش بىلەن تونۇلغان بىر شەخستۇر. ئامېرىكا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا بېرىلگەن سانلىق مالۇماتلارنى تۆۋەندىكىچە رەتلىگەن: ئۇيغۇر ئېلىدە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ 2014-يىلدىن 2016-يىلغىچە 27 مىڭدىن 34 مىڭغىچە بولۇپ، بۇ سان 2017-يلىغا كەلگەندە، 227 مىڭغا يەتكەن. بۇ دەل چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئېلىدە ھوقۇق تۇتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن.

ئۇ ئەر يەنە، » ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرى يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن يىغىۋېلىندى.» غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، نازارەتنىڭ كۈچىيىشىدىن ئاۋۋال چەتئەلگە ئوقۇشقا چىققان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن يېنىپ كېلىشكە بۇيرۇلغان، قايتىپ كەلمىسە » ئائىلىسىدىكىلەرنى لاگىرغا تاشلاش» قاتارلىق تەھدىتلەرگە ئۇچرىغانلارمۇ بولغان. » بىزنىڭ بارغۇدەك يېرىمىز قالمىدى.» ئۇ ئەر ئېغىر ئۇھسىنىپ سۆزىنى داۋام قىلدى.

جۇڭگونىڭ ئەڭ غەربىگە جايلاشقان قەشقەرنىڭ 90% نوپۇسى ئۇيغۇردۇر. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ مەسجىد ھېيتىگاھنىڭ ئەتراپىدىكى كوچىدا ماڭغىنىمىزدا، قوراللىق 3 ساقچى ئالدىمىزنى توستى. » بايا بىزنى رەسىمگە تارتتىڭ، مالال كۆرمەي ئۆچۈرۈۋەتكىن.» سۆزلىرى شۇنداق سىلىق ، سۆزۈم بار سۈكۈتكە دۇچار بىر ئاتموسفېرادا قالغان ئىدىم.

دەرۋەقە باياتىن ساياھەت ئورنىنىڭ ئالدىدا بىر نەچچە پارچە رەسىمگە تارتقان ئىدىم، ئەمما ھېچكىم كۆرمىگەن قانداق بىلگەندۇ دەپ ئويلىنىپ قالدىم. توغرا، نازارەت كامېراسى! كامېراغا چۈشكىنىمنى ئىز قوغلاپ كەلگەن بولسا كېرەك. ساقچى ئاخىرىدا «نامۇۋاپىق» دەپ قارىغان 10 نەچچە رەسىمنى ئۆچۈرۈۋەتتى.

بۇ ئىش شۇ يەردە تۈگىگەن بولدى، يانفونۇمدا باشقا رەسىملەر بار ئىدى. تېز يولۇمغا راۋان بولاي دېگەندە ھېلىقى ئۈچ ساقچى يەنە ئەگىشىپ كېلىپ :» ئۆچۈرۈلگەن رەسىملەرنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولامدۇ يوق يەنە تەكشۈرىمىز! » قولىدا يانفون چوڭلۇقىدا بىر ئۈسكۈنە تۇراتتى.

» تەلتۆكۈس ئۆچۈرۈلدى، ھېچنىمە قالمىدى! » دەپ زوكۇنلىشىپ تەستە قۇتۇلدۇم. قارشى تەرەپ يەنە رازى بولمىغاندەك قىلاتتى. سوغۇق تەرگە چۆمۈلۈپ ئىچىمدە:» ئەلپازىدىن ئەگەر مەن ئۇيغۇر بولغان بولسام شۇ يەردىلا تۇتقۇن قىلار بولغىيتتى دېدىم. «

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقۇقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

 

مەنبە:

غەربىي ياپون ئاگىنتلىقى، كاۋاخارادا تاكېئو خەۋىرى، بەزى جايلىرى قىسقارتىلدى.

https://www.nishinippon.co.jp/nnp/world/article/455971

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئامېرىكا مارىلاند شىتاتى مۇسۇلمانلار جامائىتىگە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىلدى

دۈ يانۋار 28 , 2019
‹‹ئۈممەت ئۇيغۇر ئويغىنىش ئىتتىپاقى›› نىڭ ئىككىنچى قېتىملىق پائالىيىتى مارىلاند شىتاتى پىگما ئىجتىمائى رايونىدا ئېلىپ بېرىلدى.

You May Like