شەرقىي تۈركىستاندا تاجاۋۇزچى خىتايلارنىڭ قارا قوللىرى مۇسۇلمان ئۇيغۇر قىزلىرىغا سوزۇلماقتا

كىم بىلەن توي قىلىش ئىنسانلىق ئالىمىدىكى ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇق بولسىمۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا بەزى مۇسۇلمان ئۇيغۇر قىزلىرى بۇ ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، خىتاي ئەرلىرى بىلەن مەجبۇرىي توي قىلدۇرۇلماقتا.

نەفىسە

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

كىم بىلەن توي قىلىش ئىنسانلىق ئالىمىدىكى ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇق بولسىمۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا بەزى مۇسۇلمان ئۇيغۇر قىزلىرى بۇ ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، خىتاي ئەرلىرى بىلەن مەجبۇرىي توي قىلدۇرۇلماقتا.

ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ تويلىشىشى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان، ھەتتا يوقدىيەرلىك بىر ھادىسدۇر. ئەمما ئىككى يىلدىن بىرى خىتاي تاراتقۇلىرىدا كۆپلەپ تارقىلىۋاتقان مۇسۇلمان ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن خىتايلارنىڭ توي مۇراسىم فىلىملىرى ۋە سۈرەتلىرىدە ئەڭ بەخىتلىك ۋە خۇشال بولۇشقا تىگىشلىك كۈنلىرىدە چېھرىدىن ئازاب ۋە چارىسىزلىك چىقىپ تۇرغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بىچارە كۆرۈنىشى ۋە ئۆكسۈپ يىغلاشلىرى، ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ مەيۈس ھالىتى، ئۇلارنىڭ بۇ تويغا ئازراقمۇ رازىلىقىنىڭ يوقلۇقىنى، مەجبۇرلانغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ ئەھۋالدىن قاتتىق ئەندىشىلەنمەكتە ۋە نارازى بولماقتا، شۇنداقلا بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسمىلاتسىيە قىلىپ يوقىتىش، خىتايلاشتۇرۇشتىكى بىر قەبىھ ۋاستسى، ئىنسانىي ھوقۇقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىشى دەپ قارىماقتا.

خىتايلار گەرچە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ۋە دىنىي ئەركىنلىكى ، ئىنسانىي ھوقۇقلىرى قوغدىلىدۇ دەپ جارسالسىمۇ، مۇسۇلمان ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايلارغا ياتلىق بولۇشقا مەجبۇرلىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈنلەي خىتاي ئادىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ توي مۇراسىملىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىپقىزىل يالغانچىلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىرلىقىنى ئاشكارىلىماقتا.

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى(CIA)نىڭ كونا دوكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى 1950- يىللاردىن بۇيان باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ

يە نويابىر 18 , 2018
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتى يېقىندا نەشىر قىلغان »خىتاينىڭ ئىدىئولوگىيىدىكى ۋىرۇسنى تازىلاش نامىدا شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىش- پائالىيەتلىرى« ناملىق 117 بەتلىك دوكىلات خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقى

You May Like