شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنىنىڭ در. شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ خىتتايدا گېن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە بەرگەن باياناتىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى:

شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنىنىڭ در. شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ خىتتايدا گېن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە بەرگەن باياناتىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى:

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-04-15

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنىنىڭ در. شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ خىتتايدا گېن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە بەرگەن باياناتىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى:

 

ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ 11-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى ۋە ئورېگېن ساقلىق ۋە ئىلىم-پەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بالىياتقۇ ھۈجەيرىسى ۋە گېن داۋالاش مەركىزىنىڭ مۇدىرى در. شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ خىتتايدىكى بىر شىركەت بىلەن ھەمكارلىشىپ، DNA تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق  تەشۋىشلىنىدۇ. بەزى ئىسپاتلانمىغان گۇمانلارغا كۆرە، خىتتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ خىتتايدىكى تەتقىقاتلىرىنىڭ ئوبيېكتى بولغان. بۇ خەۋەر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ دىئاسپورا جامائەتلىرىدە كۈچلۈك زىلزىلە قوزغىدى.

 

2019يىلى فېۋرالدا «نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلىنىشىچە، خىتتاي DNA ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئىزلايدۇ. ئامېرىكىنىڭ ماساچۇسېتىتتىكى تېرمو فىشېر دېگەن شىركىتى بىلەن يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ داڭلىق گېنېتىكىشۇناسى در. كېنېس كىد باشقىلار بىلەن بىرلىكتە خىتتاينىڭ غايەت زور كۆزىتىش ۋە كونترول قىلىش سىستېمىسىنى قۇرۇشىغا ياردەم قىلغان. ئەگەر در. مۇتەللىپ خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ئىشلەتكەن ئىلمىي مۇئەسسەسىلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا باشقا مۇتەخەسىسلەردەك ياردەم قىلغان بولسا، بۇ نوقۇل ئىلىم مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى يەنە كەسكىن بىر ئەخلاقىي ۋە ئېتىكىلىق مەسىلە بولىدۇ.

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىلىم-پەننىڭ چېگرىسى يوق، شۇنداقلا ئىلمىي بايقاشلار دۇنيانى تېخىمۇ ياخشى جاي قىلىدۇ. ۋەھالەنكى، ئەخلاقنىڭ پرىنسىلىرى بويىچە ئىلىم-پەن بىلەن شۇغۇللىنىش ئىلمىي پائالىيەتلەرنىڭ ئاساسىدۇر. بۇ مەنىدىن، در. مۇتەللىپ—خۇددى باشقا ئالىملاردەك—ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتىنى چوقۇم ئۇنىۋېرسال قىممەتلەر بىلەن پرىنسىپلار دائىرىسى ئىچىدە ئېلىپ بېرىشى كېرەك. شۇنداقلا، در. مۇتەللىپتە چوقۇم خىتتاينىڭ نېمىشقا ۋە قانداق قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئۇچۇرلىرىنى ئۇلارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا قانۇنسىز توپلاپ ئارخىپلاشتۇرۇپ كەلگەنلىكى ۋە ئۇلارنى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان يۈز ۋە ئاۋاز تونۇش سىستېمىلىرىنىڭ كۆزىتىشىگە دۇچار قىلغانلىقى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنجە بولۇشى كېرەك. ئۇ يەنە شۇنىمۇ چوقۇم بىلىشى كېرەككى، DNA نى ئارخىپلاشتۇرۇش خىتتاينىڭ سىياسىي مەقسەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى مۇمكىن—يەنى در. مۇتەللىپنىڭ خەلقىنىڭ كۈلتۈرال قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى مۇمكىن.

 

شۇنداق تۇرۇقلۇق، در مۇتەللىپ تا ھازىرغىچە خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئۇچۇرلىرىنى ئارخىپلاشتۇرۇشىدەك قانۇنسىزلىقىغا پۈتۈنلەي سۈكۈت قىپ كەلدى. تېخىمۇ يامىنى، ئۇ ھازىر خىتتاينىڭ گېن-ئۆزگەرتىش تېخنىكىسىغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ ۋە بۇ تېخنىكىدا خىتتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى تەجرىبە قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارىلىۋاتىدۇ.

شۇنىڭغا دىققەت قىلدۇقكى، ئۇ يەنە خىتتاينىڭ قورقۇنچلۇق جازا لاگېرلىرىدا ئىڭراۋاتقان كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىغىمۇ سۈكۈت قىپ كەلدى. بولۇپمۇ، ئۇ خىتتاينىڭ سېسىق نامى پۇر كەتكەن جازا لاگېرلىرىغا بەنت قىلىنغان در. تاشپولات تېيىپ بىلەن در. خالمۇرات غوپۇردىن ئىبارەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى مەشھۇر ئالىمىنىڭ تەقدىرىگە سۈكۈت قىپ كەلدى. بۇ ئىككى ئالىم ئىلگىرى در. مۇتەللىپنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىلمىي ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشتا مۇھىم روللارنى ئوينىغانىدى.

 

شۇنى تەكىتلەيمىزكى، ئەخلاقىي نۇقتىدىن ئالغاندا، در. مۇتەللىپ خىتتاي دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ ئاقىۋەتلىرىگە سەل قارىماسلىقى كېرەك. يەنى، ئۇ خىتتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئۆزىنىڭ كۈلتۈرىدىن ۋاز كېچىشكە زورلىنىپ، غەيرىي ئىنسانىي مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ھەققىدىكى پاكىتقا سەل قارىماسلىقى كېرەك. ئۇ ئىلىم-پەن بىلەن شۇغۇللىنىش نامى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتتاي دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە پىكىرلىنىش مەسئۇلىيىتىدىن ئۆزىنى ئەپ قاچالمايدۇ. خىتتاي دائىرىلىرى ھېچ زامان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكىنى ھۆرمەت قىپ باققان ئەمەس. ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئاقىۋەتتە ئۇنىڭ ئىلمىي ئۇتۇقلىرىدىن پەخىرلەنگەن ئۇيغۇرلارغا غايەت زور زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. بىز ئۇنىڭغا دۇنياغا خىتتايدىكى تەتقىقاتىنىڭ خاراكتېرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىشكە چاقىرىق قىلىمىز. ئەگەر ئۇ بۇ مەسىلىگە ئۇقماي خاتالىق ئۆتكۈزۈپ سالغان بولسا، ئۇ چوقۇم بۇ ھەمكارلىقلىرىنى تېزدىن توختىتىشى ۋە ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشى كېرەك. ئەگەر ئۇ بۇنداق قىلمىسا، ئۇ ئۇيغۇرلارنى خىتتايلار بىلەن قىرىشتا ھەمكارلاشقان بولىدۇ. نەتىجىدە ئۇ خىتتايدىن ئىبارەت ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقان بىر دۆلەت بىلەن ئۆزىنىڭ ئۆز مىللەتداشلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقان بۇ دۆلەت ئىشلىتىۋاتقان پەقەت بىر قولايلىق ۋاسىتە سۈپىتىدىكى ئۇيغۇر ئالىمى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ.

 

ئىنگلىزچىسى: 

For immediate release

 

No: 201901

15 April 2019

 

The Uyghur Intellectuals Forum (UIF) is deeply concerned by the news reported in Uyghur language by the Radio Free Asia (RFA) on 11 April 2019 that Dr. Shoukhrat Mitalipov, a famous Uyghur scientist and the Director of the Center for Embryonic Cell and Gene Therapy at the Oregon Health and Science University (OHSU), has been collaborating with a Chinese company conducting DNA research. There has been some unsolicited suspicion that Uyghur inmates in China’s concentration camps are subjected to his experiments. This news has sent shock waves among Uyghur diaspora communities across the world.

 

In February 2019, the New York Times reported that China uses DNA information to track Uyghurs. Thermo Fisher, a Massachusetts company and Dr. Kenneth Kidd, a prominent Yale University geneticist, among others, helped China create a mega-system of surveillance and control. If Dr. Mitalipov is among these experts assisting China in building scientific facilities to persecute the Uyghurs, then this is clearly not a scientific issue, but a serious moral and ethical issue.

 

One could argue that science has no boundaries and that scientific discoveries make the whole world a better place. However, doing science with principles of ethics is the foundation of scientific activity. In this sense, Dr. Mitalipov, like any scientist, should maintain the boundaries of his scientific research based on, but not limited to, universal ethical values and principles. Moreover, Dr. Mitalipov should have a clear understanding about how and why the Chinese government has been illegally profiling the DNA information of Uyghurs against their will, and subjecting them to other cutting-edge technologies, such as facial and voice recognition systems, on a massive scale. He must know how this DNA profiling could be used by Chinese regime in the future for political purposes, namely the cultural genocide of Dr. Mitalipov’s own people.

 

Despite this, Dr. Mitalipov has so far been utterly silent over the illegal activity of China in regards with the DNA profiling of Uyghurs. Even worse, he is now believed to be helping China with a gene-editing technology, in which the Uyghur inmates are allegedly subjects of these experiments in the concentration camps.

 

We notice that he has also been silent over the mistreatment of the prominent Uyghurs scientists, who are languishing now in these horrific concentration camps in China. In particular, he has been silent over the fate of the two famous Uyghur scientists, Dr. Tashpolat Teyip and Dr. Halmurat Ghupur, currently detained in China’s notorious concentration camps. These two intellectuals had previously played key roles in promoting and facilitating Dr. Mitalipov’s scientific exchanges in East Turkistan (aka Xinjiang Uyghur Autonomous Region).

 

We emphasize that Dr. Mitalipov should not ignore the consequences of his cooperation with Chinese regime from an ethical perspective. That is, he should not ignore the fact of the inhuman treatment of his fellow Uyghurs in the camps, who are forced to denounce their culture. He cannot absolve himself from the ethical responsibility to reflect on the consequences of his cooperation with Chinese regime in the name of science. Chinese regime does not have any respect for the human rights and freedom of the Uyghurs. His action will ultimately cause grave harm to Uyghurs who have previously taken pride in his scientific achievements. We urge him to explain to the world what the true nature of his research in China is. If he has made any unintentional mistakes in this matter, he should stop and denounce these collaborations without delay. If he fails to do so, he is considered as somebody who is complicit in exterminating the Uyghurs with China. Then he negates the difference between China as a perpetrator state suppressing Uyghurs and a Uyghur scientist used by this state as a mere convenient tool to commit atrocities against his own people.

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئامېرىكىدىكى چوڭ مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىنىڭ بىرى بولغان سائوندۋىژىن (SoundVision) شىركىتى چىكاگو شەھىرىدە ئىككى چوڭ پائالىيەت ئۆتكۈزدى

سە ئاپرېل 16 , 2019
ئامېرىكىدىكى چوڭ مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىنىڭ بىرى بولغان سائوندۋىژىن (SoundVision) شىركىتى 12- ۋە 13-ئاپرېل كۈنلىرى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان چىكاگو شەھىرىدە ئىككى چوڭ پائالىيەت ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەتلەرنى ئەشۇ تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ۋە «بېرما ھەرىكەت قوشۇنى» دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر تەشكىلاتنىڭمۇ رەئىسى دوكتور ئابدۇل مالىك مۇجاھىد ئورۇنلاشتۇردى. ب

You May Like