ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى
تەييارلىغۇچى: سايئوغلى
2019-5-19
شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسى رەئىسى سىيىت تومتۈرك ئەپەندىم ئۆزىنىڭ ئىجتىمائى تاراتقۇ سەھىپىدە بايانات ئىلان قىلىپ خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلى سۈي ۋېيغا شىددەتلىك رەدىيە قايتۇردى!
خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلى سۈي ۋېي 14-ماي كۈنى مۇخبىرغا خىتاينىڭ بۈگۈنگە قەدەر شەرقى تۈركىستاندا جازا لاگىرى دەيدىغان بىر نەرسە يوق دەپ كەلگەن يالغانچىلىقىنى ئىتراپ قىلغان بولسىمۇ يەنىلا نۇمۇس قىلماي ئۇ لاگىلاردىكىلەرگە پەقەت ئۈچ خىل نەرسە ئۆگۈتىمىز .بۇ ئۈچ نەرسە بەك ئاددى نەرسىلەردۇر دەپ ئىلگىرىكى بارلىق يالغانچىلىقىنى ئىتراپ قىلدى ۋە ئارقىدىنلا يەنە يالغاننى باشلىدى .
سىيىت تومتۈرك ئەپەندىم باياناتىدا خىتاي كونسۇلغا بىرمۇ بىر جاۋاپ قايتۇردى .خىتاي كونسۇلىنىڭ لاگىلاردىكى كىشلەرگە كەسىپ ئۆگىتىمىز دىگەن سەپسەتىسگە لاگىرغا يىغىۋېلىنغان كىشلەرنىڭ ئىسىملىرىدىن ،ئابدۇرەھىم ھېيت ،مۇھەممەد سالىھ داموللام ،ئىلھام توختى ،سەنۇبەر تۇرسۇن ۋە باشقا تەنھەركەت ساھاسىدىكى ئۇيغۇر سەرخىلىرىنىڭ ئىسملىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۈتۈپ بۇنداق ئۆزنىڭ كەسپى ۋە خىزمەتلىرىدا ئۇتۇق قازانغان كىشلەرنىڭ لاگىلاردا نىمە ئۆگۈنىدىغانلىكىنى سوراپ خىتاب قىلدى!
خىتاينىڭ لاگىرلاردىكى كىشلەرگە ھېچقانداق زۇلۇم ۋە جازا يوق دىگەن يالغانچىلىقىغا جازا لاگىلاردىن چىققان قازاق قېرىنداشلارنىڭ شاھىتلىقىنى تىلغا ئېلىپ خىتاب قىلدى . خىتاي كونسۇلى سۈې ۋېي يەنە سۆزىنىڭ بېشىدا شەرقى تۈركىستان خەلقىنى تېرورغا باغلاپ تۆھمەت قىلغان ئىدى، سىيىت تومتۈرك ئەپەندىم ئۇنىڭغاشەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ تېرور بىلەن قىلچە مۇناسىۋتى يوقلىقىنى سۆزلەش بىلەن رەدىيە بېرىش ئارقىلىق ئۇ خىتاينىڭ ئاغىزنىڭ پېيىنى بەردى . خىتاي كونسۇلى سۈي ۋېي يەنە لاگىردا قانۇن ئۆگىتىمىز دىدى .دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە نەچچە مىليۇن ئادەمنى يىغىۋېلىپ قانۇن ئۆگتىدىكەن ؟ باشقا خىتاي پۇقراسى مۇشۇنداق شەكىلدە ئۆگەندىمۇ ؟ خىتاي كونسۇلى يەنە:« لاگىردا خىتاي تىلى ئۆگۈتىمىز ،بىر دۆلەتنىڭ تىلىنى ئۇ دۆلەتنىڭ پۇقراسى سۆزلىيەلمەسىكى ئېغىزدىن چىقارغىلى بولمايدىغان بىر گەپ دىدى .ئۇنداقتا خىتاي پۇقراسىنىڭ ھەممىسى ئۆلچەملىك خىتاي مەركىزى دىئالىكىت (普通话)دا سۆزلىيەلەمدۇ ؟ شىمالى بىلەن جەنۇبىنىڭ خىتايلىرى بىر بىرى بىلەن نورمال پاراڭلىشالامدۇ ؟ ئۆزىنى خىتاي مەن دىگەنلەر بىر بىرى بىلەن پاراڭلىشالامدۇ ؟ خىتاي كونسۇلى يەنە غەرب مىدىيالىرنى يالغانغا چىقاردى .ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي كونسۇلى خىتايلارنىڭ مەسچىتلەرنى يىققانلىقى ئوچۇق بولىشىغا باقماي شەرقى تۈركىستاندا يىقىلغان مەسچىت ،جامىلەر يوق دەپ يالغاننىڭ ئۈستىگە يالغان قاتتى.