شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېر نامىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى

شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېر نامىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 30-نويابىر

ئامىنە سەدەف

ئىستانبۇلدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ، ئۇيغۇر دەۋاسىغا يېقىندىن خىزمەت قىلىۋاتقان بىر گۇرۇپپا ئاكتىۋىست ياشلارنىڭ پىلانلاپ، تەييارلىشى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ قوللىشى بىلەن 20- نويابىر ئىستانبۇل بەيازىتتىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېر باش تېما قىلىنغان چوڭ تىپتىكى رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. 

ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىستانبۇلدىكى بىر قىسىم  ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرى، ئاكادېمىكلار ، ئۇيغۇر ئاكتىۋىستلەر ۋە تۈركىيەدە ياشايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى. ئىيسا يۈسۈپ ئالىپ تېكىن ۋەخپى رەئىسى، دوتسېنت دوكتور ئۆمەر قۇل، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوكتور مۇھىددىن جان ئۇيغۇر ئېچىلىش سۆزى قىلدى. 

بۇ رەسىم كۆرگەزمىسى مۇزېي تۈسىنى ئالغان بولۇپ ، بىر قانچە رايونغا ئايرىلغان. ھەر قايسى رايونلاردا ئايرىم -ئايرىم شەرقىي تۈركىستاندىكى  جازا لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ رەسىملىرى، ۋەتىنىمىزنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەر ۋە بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار ئېسىلغان. بۇنىڭدىن سىرت ۋەخپىنىڭ ئىشخانا ۋە يىغىن زاللىرىنىڭ بەزىلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئاڭلىتىدىغان ھۆججەتلىك فىلىم قۇيۇلسا يەنە بەزىلىرىدە  خىتاينىڭ قېيىن-قىستاقلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سوراق ئۆيلىرى، ھامىلە چۈشۈرۈش ئۆيلىرى تەقلىد قىلىنغان. 

مۇزېي تۈسىنى ئالغان رەسىم كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلىشقا كۆپ ساندىكى يەرلىك تۈركلەر ۋە چەتئەللىكلەر كەلگەن بولۇپ، كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرغۇچى ياشلار ئۇلارغا ھەرخىل تىللاردا ۋەتەننىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى. بۇ كۆرگەزمىنى تەشكىللەشتە ئاكتىپ رول ئوينىغان سەمەرجان سەئىدى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھەرخىل چەتئەل تىلى بىلىدىغان  بىر تۈركۈم ياشلارنىڭ ئۇزۇندىن بىرى ئۆزلىگىدىن تەشكىللىنىپ ، سىرتتىن كەلگەن مۇخبىرلارغا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ، ساياھەتچىلەرگە ۋەتەندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنى ئاڭلىتىش، گۇۋاھچىلار بىلەن مۇخبىرلارنى ئۇچراشتۇرۇش ۋە تەرجىمانلىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىققان كىشىلەرگە ھازىرقى ئەھۋالىمىزنى تېخىمۇ جانلىق تونۇتۇشقا ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگۈچىلەرنى كۆپەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى . ياش پىدائىي سەمەرجان يەنە بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئالتە ئايغىچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقنى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتچىلار، مۇخبىرلار ۋە ساياھەتچىلەرنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدىغانلىقىنى، بۇ يەرنىڭ نوقۇل كۆرگەزمىلا ئەمەس بەلكى مۇخبىرلار بىلەن گۇۋاھچىلارنى ئۇچراشتۇرىدىغان مۇنبەر بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.  

 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

يېڭىدىن ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلەردە نېمىلەر يېزىلغان؟

سە نويابىر 30 , 2021
29-نويابىر گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز ئۆزىنىڭ تۋىتتېرسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى چىقارغان يېڭى بىر تۈركۈم «مەخپىي» ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلىغان. ھۆججەتلەردە شى جىنپىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كومپارتىيەنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستان توغرىسىدىكى 2014-يىلىدىن بۇيان قىلغان مۇھىم يوليورۇقلىرى ئاشكارىلانغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار بۇلارنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك دەپ كۆرسەتكەن.

You May Like