شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان « دەۋا يولىدىكى ياشلار» ناملىق پائالىيەت غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى

«شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى» فەيسبۇك بېتىدىن ئېلىندى

شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 5 – يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن زەيتىنبۇرنۇدا (دەۋا يولىدىكى ياشلار) ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى ئەزالىرىنىڭ سىرتىدا كۆپلىگەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار قاتناشتى. 
پائالىيىتىمىزدە تەشكىلات رەھبەرلىرى، ئۇستازلىرىمىز ۋە پېشقەدەملەرنىڭ ياشلارغا يۈرەك سۆزى، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ 4 يىللىق خىزمەت دوكلاتى، تەشكىلات ئەزالىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان شېئىر ۋە پەرقلىق نومۇرلار ئورۇندالدى. شۇنداقلا تەشكىلاتىمىز قۇرۇلغاندىن بېرى ئاكتىپچانلىق بىلەن خىزمەت قىلغان ئەزالىرىمىزغا تەشكىلات نامىدىن كۆڭۈل سوۋغىسى تەقدىم قىلىندى. ئاخىرىدا يېڭى نەسىل قەسەمنامىسى ۋە دۇئا بىلەن پائالىيىتىمىز غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى. پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىپ بەرگەن تەشكىلاتىمىزنىڭ ئەزالىرى ۋە قېرىنداشلىرىمىزغا، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە بىرلىككە ئەزا تەشكىلاتلارنىڭ رەئىس ۋە ۋەكىللىرىگە رەھمەت ۋە تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز.

ھۆرمەت بىلەن

شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زىلنىسكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۆز قىلدى. كېڭەش پالاتاسى پۇتىننى ئۇرۇش جىنايەتچىسى دەپ جاكارلىدى

چا مارت 16 , 2022
ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زىلنىسكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۆز قىلدى. كېڭەش پالاتاسى پۇتىننى ئۇرۇش جىنايەتچىسى دەپ جاكارلىدى

You May Like