شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە-سەپىرىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق سەپىرى ئوسمانىيە ۋە گازەنتەپە پائالىيەتلىرى بىلەن مۇۋاپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە-سەپىرىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق سەپىرى ئوسمانىيە ۋە گازەنتەپە پائالىيەتلىرى بىلەن مۇۋاپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

 

 ئامىنە سەدەف

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 30-ئاۋغۇست

لاگېر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىللىشىدە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان « شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە»  سەپىرى ئوسمانىيە ۋە گازەنتەپەدىمۇ ئىلگىرىكى يەرلەرگە ئوخشاش لېكسىيە سۆزلەش، تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى تارقىتىش، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى تەشكىللەش ۋە  ئىمزا توپلاش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى.

گازەنتەپەدىكى پائالىيەتكىمۇ ئوخشاشلا «تۈرك ئوجاكلارى» يېقىندىن ياردەمدە بولغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن سىرت مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ  گازەنتەپەدىكى باشلىقى، ئىيى پارتىيە گازەنتەپە رەئىسى، داۋا پارتىيەسى گازەنتەپە رەئىسى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى گازەنتەپە رەئىسى قاتارلىق كىشىلەر پارتىيە ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. پائالىيەتچىلەر ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى. 

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ئاناتولىيە سەپىرىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلەردىكى پائالىيەتلىرى توغرىسىدا  «‌ سون دەقىقە »، « خەۋەر تۈرك »، « ئانادولۇ ئاگېنتلىقى » قاتارلىق تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەرلەر تارقىتىلدى.
بۇ قېتىمقى ئاناتولىيە سەپىرىنىڭ تەشكىللىگۈچىللىرىدىن بىرى مەدىنە نازىمى خانىم  زىيارىتىمىزنى قوبۇل‌ قىلىپ -بىرىنچى قېتىملىق سەپەرنىڭ  سەپەرگە چىققۇچىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقى ئۈچۈن ئاخىرلاشقانلىقىنى، بۇ قېتىمقى سەپەر ئارقىلىق نۇرغۇن تەسىراتقا ئىگە بولغانلىقىنى، تۈرك خەلقىنىڭ ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىدىن ئۈمىتلەنگەنلىكىنى ۋە پائالىيەتلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئەسلىگە كەلگەندە پىلان بويىچە ئىككىنچى قېتىملىق سەپەرگە چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى .

Uyghur Reporter

Next Post

كونىيادا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى تۇران ئىللىقلىقى سەنئەت كېچىلىكىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلى سۆزلەندى

دۈ ئاۋغۇست 30 , 2021
كونىيادا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى تۇران ئىللىقلىقى سەنئەت كېچىلىكىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلى سۆزلەندى

You May Like