شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋەكىللىرى دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقىنىڭ يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسېنت دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت، دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى تەرىپىدىن مەككە مۇكەررەم شەھىرىدە چاقىرىلغان قۇرئان ۋە سۈننەتتە ئوتتۇراھاللىقنىڭ ئەھمىيىتى ناملىق يېغىنغا رەسمىي تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-05-28

 

شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن ئۆلىمالار بىرلىكى  رەئىسى دوتسېنت دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت، دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى تەرىپىدىن مەككە مۇكەررەم شەھىرىدە چاقىرىلغان قۇرئان ۋە سۈننەتتە ئوتتۇراھاللىقنىڭ ئەھمىيىتى ناملىق يېغىنغا رەسمىي تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

بىز بۇھەقتە يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئابدۇراھمان قارىھاجىمنى زىيارەت قىلدۇق.

 ئابدۇرەھمان قارىھاجىمنىڭ بىلدۈرشىچە بۇ يىغىن 5-ئاينىڭ 27-كۈنى تۈنۈگۈن باشلانغان بولۇپ، 4كۈن داۋام قىلدىكەن.

بۇ يېغىندا ئاساسلىقى قۇرئان ۋە سۈننەتتە ئوتتۇراھاللىقنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇناقىشە ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

بۇ يېغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 2000دىن ئارتۇق ئالىم ۋە ئۆلىمالار كەلگەن بولۇپ، يېغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىۋاتقان شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋەكىللىرى بۇ يېغىننى، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى ئىسلام ۋە ئەرەب ئەللىرىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن مۇھىم بىر پۇرسەت دەپ بىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇھىم شەخسلەر بىلەن كۆرۈشۈپ شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى ۋە شەرقى تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان ۋە يازما دوكلات تاپشۇرغان.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئەقسا مەسجىدىدە 200 مىڭ كىشى جۇمە نامىزى ئوقۇدى!

سە ماي 28 , 2019
2019-يىلى رامىزان ئىينىڭ بىرىنچى جۇمە كۇنى شەرقى ئىرۇسالىمدىكى مەسجىدى ئەقسادا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن توپلانغان 200مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلمانلار يېغىلىپ جۇمە نامىزىنى ئوقۇدى.

You May Like