تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى مۇھىم ئەسكىرى شۇرا يېغىنى ئاچتى

تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى مۇھىم ئەسكىرى شۇرا يېغىنى ئاچتى

 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى16-نويابىر
 
 تۇرسۇنجان

«تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى» شام شۆبىسى يېقىندا جامائەتنىڭ سىياسىي، ھەربىي ۋە دىنى مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن ئەسكىرى شۇرا يېغىنى ئاچقان بولۇپ، يېغىنغا جامائەت ئەمىرى، دىنى يېتەكچى، سىياسىي رەھبەرلەر، بىخەتەرلىك مەسئۇللىرى قاتناشقان.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، مەزكۇر يېغىن سۈرىيە، تۈركىيە، رۇسىيە،  خىتاي، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىنتېرنېت تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

بىر قىسىم مەلۇماتلارغا كۆرە،  ئىدلىپ رايونىدىكى ھەربىي جىددىيچىلىك كۈچىيىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
«تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى» چەتئەلدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئىچىدە  ئەڭ مۇنتىزىم ھەربىي ئاساسقا ئىگە،  ئاساسلىق نىشانى -شەرقى تۈركىستاندا مۇستەقىل ۋە ئىسلامى دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ تەشكىلاتنىڭ بۇرۇنقى ئاساسى بولغان « شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» 2001-يىلى ئامېرىكا، خىتاي، پاكىستان، ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ «ب د ت» بىخەتەرلىك كېڭىشىگە سۇنغان لايىھىسى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلات تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 2020-يىلى تىرامپ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررور تىزىملىكىدىن چىقىرىلغان.

مەزكۇر تەشكىلات سۈرىيەنىڭ شىمالى قىسمىدا ئاكتىپ ھەربىي ھەرىكەت ئىلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ھازىرمۇ شۇ جايدىكى كۈچلۈك ھەربىي تەشكىلات ھېسابلىنىدۇ، ئەمما سۈرىيە، رۇسىيە بىرلەشمە ئارمىيەسى ۋە باشقا دىنى جامائەتلەر بىلەن بولغان ئىچكى ھەربىي نىزاسى سەۋەبلىك خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مۇنتىزىم باشقۇرۇش ئەندىزىسى، سىياسىي ۋە ھەربىي قىسىملىرى، تەشۋىقات ئاپپاراتلىرى، شەرئى ئورگانلىرى، ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى، مالىيە ئورگانلىرى تەرتىپلەشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

مەزكۇر تەشكىلات خىتايغا  قارشى ھەربىي يۈرۈش ئىلىپ بارالمىغانلىقى، شۇنداقلا سۈرىيە زېمىنىدا بەك كۆپ بەدەل تۆلەپ، نۇرغۇن ياشلارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تەنقىدى ۋە ئۈمىدسىزلىنىشكە سەۋەب بولغان بولسا، مەزكۇر تەشكىلات ئۆزىنى كەلگۈسى ۋەتەن مۇستەقىللىق كۈرىشى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ يولدا بەدەل تۆلەش مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى، خىلافەت ۋە شەرىئەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن جىھاد ۋە جىھاد تەييارلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى  بىلدۈرىدۇ.

بۇ ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەزكۇر تەشكىلات ھەققىدە ئامېرىكا تەرىپىدىن تېررورلۇق تىزىملىكىدىن چىقىرىلغاندىن كىيىن تۇنجى قېتىم خەۋەر بېرىشى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر خەۋەر ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى مۇدىرىيىتى تەرىپىدىن رۇخسەت قىلىندى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

تۈركىيەدىكى مادو شىركىتىنىڭ خوجايىنى خىتايغا بولغان ساداقىتىنى بىلدۈردى

سە نويابىر 16 , 2021
تۈركىيەدىكى مادو شىركىتىنىڭ خوجايىنى خىتايغا بولغان ساداقىتىنى بىلدۈردى

You May Like