رۇسىيەنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدا چوڭ تىپتىكى ھەربىي مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلدى

رۇسىيەنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدا چوڭ تىپتىكى ھەربىي مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلدى

 رۇسىيەنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدا چوڭ تىپتىكى ھەربىي مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى6-سېنتەبىر

رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،6-سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنى رۇسىيەنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە ساھىبخانىلىقىدا «شەرق 2022» نامىدىكى چوڭ تىپتىكى ھەربىي مانېۋىر رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان. مەلۇم بولۇشىچە مەزكۇر مانېۋىر 7-سېنتەبىرگە قەدەر داۋاملىشىدىكەن.

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋېلادىمىر پۇتىن بۈگۈن مانېۋىر مەيدانلىرىدىن بىرى بولغان «سېرگېيىۋىسكى» مەشىق مەيدانىغا يېتىپ بېرىپ مانېۋىرنى كۆزدىن كەچۈرگەن. مەزكۇر ھەربىي مانېۋىر رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ رايون ياپونىيە دېڭىزى تەۋەلىكىدىن ئانچە يىراق ئەمەسكەن. 

مەزكۇر مانېۋىر رۇسىيەنىڭ بۇ يىل فېۋرال ئېيىدا ئۇكرائىناغا قارشى تاجاۋۇز ئۇرۇشى قوزغىغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ چوڭ تىپتىكى ھەربىي مانېۋىرى بولۇپ، موسكۋا تەرەپنىڭ دەلىللىشىچە، مانېۋىرغا 50 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر كۈچى ۋە  140دانە كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە 60 دانە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېغىر تىپتىكى قورال ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەر قاتناشتۇرۇلغان.

مانېۋىرغا رۇسىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىدىن بېلارۇسىيە، سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەسكەر ئەۋەتىپ ئىشتىراك قىلىشىدىن باشقا، خىتاي ۋە ھىندىستاننىڭمۇ ئەسكەر ئەۋەتىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتقان. 
  

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

نەنسى پلوسى خانىمنىڭ زىيارىتىدىن كېيىنكى تۇنجى ياۋروپا ۋەكىللەر ئۆمىكى تەيۋەنگە يېتىپ كەلدى

چا سېنتەبىر 7 , 2022
نەنسى پلوسى خانىمنىڭ زىيارىتىدىن كېيىنكى تۇنجى ياۋروپا ۋەكىللەر ئۆمىكى تەيۋەنگە يېتىپ كەلدى

You May Like