سەئۇدى ۋەلىئەھدىسى ختتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى جازا لاگىرلىرىنى ئاقلىدى.

ەئۇدى تەشۋىقات مىنىستىرلىكىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ۋەلىئەھدىسى مۇھەممەد سالمان خىتايدىكى زىيارىتىدە، ئىككى دۆلەت مەدەنىيەت، تىجارەت ساھەسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى مەكتەپلەردە خىتايچە ئۆگىنىشنى مۇھىم پىلان قاتارىغا كىرگۈزگەن.

سەئۇدى ۋەلىئەھدىسى: لاگىرلار ھەقلىق، سەئۇدىدا خىتاي تىلى دەرسى ئۆتۈلىدۇ 2019-2-22 ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى، ئىليارۇق قىسقارتىلما تەرجىمىسى مۇھەممەد بىن سالمان خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى ئاقلىدى ئىنگلىزچىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى. تەييارلىغۇچى: ئىليارۇق خىتاي دۆلەتلىك تېلىۋېزىيەسى سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدىسى مۇھەممەد بىن سالماننىڭ جازا لاگېرلىرىنى ئاقلىغان سۆزىنى نەقىل قىلدى. ئۇ بېيجىڭدا خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدا بىلەن مۇنداق دېگەن: « خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تېررورىزىم ۋە رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش ھەققى بار». مۇھەممەد بىن سالمان جۈمە كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان ئىدى. ئۇ يەنە خىتاي پىرېزىدېنتى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مۇھەممەد بىن سالماننى خىتايدىكى زىيارىتىدە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىشقا چاقىرغانىدى. سەئۇدى تەشۋىقات مىنىستىرلىكىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ۋەلىئەھدىسى مۇھەممەد سالمان خىتايدىكى زىيارىتىدە، ئىككى دۆلەت مەدەنىيەت، تىجارەت ساھەسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى مەكتەپلەردە خىتايچە ئۆگىنىشنى مۇھىم پىلان قاتارىغا كىرگۈزگەن. مۇھەممەد سالمان «2030 ئارزۇسى» كەلگۈسى پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ،ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش زۆرۈر دەپ قاراپ، سەئۇدىكى مەكتەپلەردە خىتايچىنى زۆرۈر دەرسلىك قىلىشقا كىلىشكەن.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا قۇرغان چەتئەلدىكى ئىككىنچى ھەربى بازىسى ئاشكارىلاندى

يە فېۋرال 24 , 2019
گەرچە خىتاي كومپارتىيىسى ئىزچىل ھالدا چەتئەلدە ھەربىي بازىسى بارلىقىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئافرىقا دۆلىتى جىبۇتىدا (Djibouti) قۇرغان بازىسى ئاللىبۇرۇن خەلقئالەمگە مەلۇم بولدى،

You May Like