سەئۇدى ئەرەبىستان 51 دۆلەتكە ئىلىكتىرونلۇق ۋىزا تۈزۈمىنى يولغا قويدى

سەئۇدى ئەرەبىستان «رىياز» گىزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان يىقىن كەلگۈسى ئىچىدە 50 مىلىيون ئادەم قىتىم ساياھەت ۋە زىيارەت ۋىزىسى تارقىتىشنى نىشان قىلغان بولۇپ، ياۋروپا، ئاسىيا، ئامرىكا قىتئەلىرىدىكى دۆلەتلەردىن كۆپلەپ ساياھەتچى جەلىپ قىلىش، شۇ ئارقىلىق سەئۇدى ئىچكى بازىرىنى جانلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

2019-9-26

ئەرەبچىدىن تەييارلىغۇچى: ئەردەم

  سەئۇدى ئەرەبىستان «رىياز» گىزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان يىقىن كەلگۈسى ئىچىدە 50 مىلىيون ئادەم قىتىم ساياھەت ۋە زىيارەت ۋىزىسى تارقىتىشنى نىشان قىلغان بولۇپ، ياۋروپا، ئاسىيا، ئامرىكا قىتئەلىرىدىكى دۆلەتلەردىن كۆپلەپ ساياھەتچى جەلىپ قىلىش، شۇ ئارقىلىق سەئۇدى ئىچكى بازىرىنى جانلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.   بۇ نىشانغا بىنائەن، سەئۇدى ھۆكۈمىتى 27- سىنتەبىردىن باشلاپ 51 دۆلەتكە ئېلىكتىرونلۇق ۋىزا ياكى ئايدىرومدا ۋىزا ئىلىش قاتارلىق ئىتىبار تۈزۈملەرنى يولغا قويىدىغان بولۇپ، ۋىزا ھەققى 300 رىيال،  تىببىي سۇغۇرتا  140 رىيال، جەمئىي 440 رىيال بولىدىكەن. بۇ ۋىزا ئارقىلىق سەئۇدىدا 90 كۈن تۇرسا بولىدىكەن. ئىلىكتىرونلۇق ۋىزا تەلەپ قىلىشتا سەئۇدى تاشقى ئىشلار ۋازارىتى توربىتى ياكى سەئۇدى ئايدىرومدىكى ئاپتوماتىك ماشىنىدىن ئالسا بولىدىكەن.   ئىلىكتىرونلۇق ۋىزا ئالسا بولىدىغان دۆلەتلەر ئىچىدە ياۋروپا، ئامرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرىدىن باشقا يەنە خىتاي ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بار بولۇپ، چەتئەللەردە خىتاي ياكى قازاقىستان پاسپورتى بىلەن تۇرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا بىرىپ كىلىشىگە قولاي پۇرسەت يارىتىلغان.     مەنبە: http://www.alriyadh.com/1774848    

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

خوڭكوڭ خىتاي تىلى ئۇنىۋېرسىتى ئوقۇغۇچىلىرى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىككى ئ‍ۇيغۇر پروفېسسور ئۈچۈن يىغىلىش ئۆتكۈزدى

پە سېنتەبىر 26 , 2019
2019-يىلى 25-سېنتەبىر، خوڭكوڭ خىتاي تىلى ئۇنىۋېرسىتىدا 200 نەپەر ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى مەكتەپ قورۇسى ئىچىدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىككى ئۇيغۇر پروفېسسورنى مەنىۋى جەھەتتىن قوللاش يۈزىسىدىن يىغىلىش ئۆتكۈزدى.

You May Like