«سەتەڭ ھىيلىسى» نىڭ تۈركىيە نۇسخىسى

«سەتەڭ ھىيلىسى» نىڭ تۈركىيە نۇسخىسى

 «سەتەڭ ھىيلىسى» نىڭ تۈركىيە نۇسخىسى 

ئۇيغۇر تۆرە

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 9-فېۋرال

ئۆزىگە «ئاسيا Asya» تەخەللۇسى قويۇۋالغان خىتاي يوۇتۇبېر، خىتاي دۆلەت كونتروللۇقىدىكى  يوۋتۇبې ۋە فەيسبوك سەھىپىلىرىدە beibeiasya تەخەللۇسى بىلەن تۈرك تىلىدا توختىماي ۋىدىيو ئىشلەۋاتقان بولۇپ، ئاساسلىق مەزمۇنلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاقلاش، تۈركلەرنىڭ خىتاي چۈشەنچىسىدىكى قارا داغلارنى يۇيۇپ بېرىش ۋە ۋەتىنىمىز ھەققىدە پوزىتىف تەسىراتلارنى پەيدا قىلىش مەزمۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇ بۇ قېتىمقى تۈركىيەدە سادىر بولغان زور كۆلەملىك يەر تەۋرەش ۋەقەسىدە «geçmiş olsun Türkiye» تېمىسىدا تۈركىيەگە ھېسداشلىق مەزمۇنىدا ۋىدىيو تارقاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ تۈركىيەگە مەقسەتلىك قىلىۋاتقان ياردەملىرىنى پەش قىلغان.

ۋىدىيو ئاستىدىكى ئىنكاسلاردا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تۈركىيەگە ئىچ ئاغرىتقان قىياپەتتىكى ئىنكاسلىرىنى قىستۇرۇپ قويۇش ئارقىلىق ماھىيەتتە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ئاپەتكە بولغان خۇشاللىقى ئىپادىلەنگەن ۋە تېخىمۇ بەتتەر بولۇشىنى تىلىگەن ئىنكاسلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

تەيۋەن‎ پرېزىدېنتى ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنتى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارغا ئايلىق مائاشىنى ھەدىيە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان

پە فېۋرال 9 , 2023
تەيۋەن‎ پرېزىدېنتى ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنتى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارغا ئايلىق مائاشىنى ھەدىيە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان

You May Like