سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئۇكرائىناغا يېتىپ كەلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئۇكرائىناغا يېتىپ كەلدى

 سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئۇكرائىناغا يېتىپ كەلدى

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 27-فېۋرال

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فايسال بىن فارھان ئەل سەئۇد 26-فېۋرال تاشقى ئىشلار زىيارىتى ئۈچۈن ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋقا يېتىپ كېلىپ پرېزىدېنت زېلېنىسكى بىلەن كۆرۈشۈشتە بولغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ ئىككى دۆلەت 1993-يىلى رەسمىي مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرىنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان رەسمىي زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

«فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى»نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ۋەزىر فايسال 26-فېۋرال پرېزىدېنت مەھكىمىسىدە ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندرېي يەرماك بىلەن بىرلىكتە ئۇكرائىناغا 400 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ئىنسانىي ياردەم بېرىش ھەققىدە توختام تۈزىگەن.

پرېزىدېنت زېلېنىسكى ۋەزىر فايسال بىلەن بولغان كۆرۈشۈشتىن كېيىن مۇنداق دېگەن: « سىزنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىڭىزگە كۆپ رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز، رۇسىيە قوزغىغان كەڭ كۆلەملىك تاجاۋۇز ئۇرۇشىنىڭ  بىر يىللىقى ھارپىسىدا قىلغان زىيارىتىڭىز، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئۇكرائىنانى قوللايدىغانلىقىنىڭ مۇھىم بىر ئىسپاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ….بىز سىلەرنىڭ ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىقىنى، ھەق ھوقۇقىنى شۇنداقلا تۇپراق پۈتۈنلۈكىنى قوللىغىنىڭلارغا تەشەككۈر ئېيتىمىز، بۇ بىز ۋە خەلقىمىز ئۈچۈن بەك مۇھىم.»

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بلىنكېن ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتى ئۈچۈن قازاقىستانغا يېتىپ كەلدى

سە فېۋرال 28 , 2023
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بلىنكېن ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتى ئۈچۈن قازاقىستانغا يېتىپ كەلدى

You May Like