«سالام شەرقىي تۈركىستان» خەشتەگ پائالىيىتى كەڭ قوللاشقا ئېرىشمەكتە!

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى «سالام شەرقىي تۈركىستان» خەشتەگ پائالىيىتى باشلاتقان.
شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئاممىۋى مېدىيالاردا چەتئەللىك ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەشۋىقات پائالىيىتى يېقىندىن بېرى كۆرۈنەرلىك جانلانغان.

ۋولقانى

 

2020-11-19

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

 

 

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى «سالام شەرقىي تۈركىستان» خەشتەگ پائالىيىتى باشلاتقان.
شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئاممىۋى مېدىيالاردا چەتئەللىك ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەشۋىقات پائالىيىتى يېقىندىن بېرى كۆرۈنەرلىك جانلانغان.

 

ئۇلار ئۆتكەن بىر قانچە ئايدا خىتايلارغا قارشى ھەرخىل تىلىدىكى كۆپلىگەن باياناتلارنى ۋە بىزنى قوللىغان غەرب دۆلەتلىرىگە مىننەتدارلىق باياناتى ئ‍ېلان قىلغان. بىر نەچچە قېتىم خەشتەگ پائالىيەتلىرى باشلاتقان.
ئۇلار ئاۋغۇستتا ChinaGetOutFromMyLandEastTurkistan# خىتاي ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت خەشتەگ پائالىيىتىنى باشلاتقان بولۇپ، بۇ پائالىيەت ئىجتىمائى ئالاقە ۋاستىلىرىدە قىزغىن قوللاشقا ئېرىشكەن.

 


ئۇلار بۇ يىللىق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، سالام شەرقى تۈركىستان #SalamEastTurkistan 11.12 خەشتەگ پائالىيىتى باشلاتقان بولۇپ، بۇ خەشتەگ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ قوللاشقا ئېرىشكەن.

 


بۇ خەشتەگ پائالىيىتىنى ئۇلار غوۇور، شەرەپ تۇيغۇسى دەپ ئاتىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ پائالىيەت ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك ئىزاھات بەرگەن.

 


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان سۆيۈملۈك ۋەتەنداشلار، ئالدىمىزدا كېلىۋاتقان ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ قۇتلۇق مۇبارەك كۈنى بولغان دۆلەت بايرىمىڭلارنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە تېنىڭلارغا سالامەتلىك، ھاياتىڭلارغا چىن مەنالارنى تىلەيمىز.

 


ھەممىمىزگە مەلۇم 11-ئاينىڭ 12 -كۈنى مىللىتىمىزنىڭ قەھرىمانلىرى، غورۇر ۋىجدان ساھىبلىرى بولغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان تارىخىدىكى دۆلىتىمىز مۇستەقىللىقىنى قايتىدىن قولىغا ئالغانلىقىدەك شەرەپلىك بەتلىرىنى ئۆز قان ۋە بەدەللىرى بىلەن يېزىپ چىققان ئۇنتۇلماس ئىپپەت، غورۇر كۈنى. ئەسلى بۇ كۈندە باشقا خىل ئۇسۇلدا تەبرىكلەشنى پىلان قىلغان بولساقمۇ، خىتاينىڭ ۋىرۇسى سەۋەپلىك سىرىتقا چىقىش ئىمكانى بولماي قالدى، شۇڭا تور دۇنياسىدە بولسىمۇ مۇشۇ پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت بايرىمىمىزنى تەبرىكلەشنى لايىق كۆردۇق. بۇ قېتىملىق خەتشتەگە پائالىيىتنىڭ تېمىسى : «SalamEastTurkistan

 

11.12 #»

 

ئەھمىيىتى:

 

  1. تۇنجى قېتىملىق خۇش كەيپىيات خەشتەگ(#) ھەرىكتى. غورۇر-شەرەپ تۇيغۇسىنى ئەسلىتىش ھەرىكتى.
  2. ھەرقانداق سىياسىي مەيدان، سىياسىي سەپكە ئورتاق بولغان، ھەممە ئورتاق قىلىدىغان ۋە قىلالايدىغان قەلب ساداسىنىڭ كۆلەملەشكەن ئىزھارى.
  3. خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى قەتئىي بوشاشماس ئىرادىمىز.
  4. ئانا ۋەتىنىمىزگە، دەرد-ئەلەملىك باغرى قان خەلقىمىزگە بولغان چوڭقۇر سېغىنىشىمىز، ھۆرمىتىمىز، سالامىمىز . ئۇلارنىڭ بىزدىكى ھەققىنى ئەسلا ئۇنتۇمايدىغانلىقىمىزنىڭ ۋەدىسى ۋە باشقىلار.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئالما شركىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسنڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنى» نى ماقۇللىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا

شە نويابىر 21 , 2020
ۋاشنگىتون پوچتسىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، دۇنيا بويىچە بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان تېخىنىكا ماگىناتى شركىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنى» نى ماقۇللىشىغا قارشى دەللاللىق قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىغان.

You May Like