رۇسىيەنىڭ خىتايدىن ياردەم سورىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىنكاسى قانداق بولدى؟

رۇسىيەنىڭ خىتايدىن ياردەم سورىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىنكاسى قانداق بولدى؟

رۇسىيەنىڭ خىتايدىن ياردەم سورىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىنكاسى قانداق بولدى؟ 

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 15-مارت

دۈشەنبە كۈنى ئەنگلىيەنىڭ «مالىيە ۋاقىت گېزىتى» ۋە ئامېرىكىنىڭ «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» ئايرىم-ئايرىم ھالدا ماقالە ئېلان قىلىپ رۇسىيەنىڭ نۆۋەتتە خىتايدىن ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ياردەم سوراۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى ئاشكارىلىدى. «مالىيە ۋاقىت گېزىتىنى» نىڭ بايانىدا دېيىلىشىچە، موسكۋا تەرەپ  ئۇكرائىنا ئۇرۇش مەيدانى ئۈچۈن ئىزچىل ھالدا بېيجىڭدىن ھەربىي ئەشيا، شۇنداقلا ئىقتىسادىي ياردەم تەمىنلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە نۆۋەتتىكى ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا خىتاي تەرەپنىڭ رۇسىيەگە ياردەم بېرىشى ئېھتىماللىققا ناھايىتى يېقىن ئىكەن.

ئۇنداقتا بۇ ئۇچۇرلار تارقالغاندىن كېيىن ئامېرىكا، خىتاي ۋە رۇسىيە ئۈچ تەرەپنىڭ ئىنكاسى قانداق بولدى؟

ئامېرىكا: خىتاي ئېغىر بولغان ئاقىۋەتكە دۇچ كېلىدۇ

دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى Jake Sullivan ئىتالىيەنىڭ رىم شەھىرىدە خىتاي تەرەپ ۋەكىلى ياڭ جيېچى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: « نۆۋەتتە خىتاينىڭ رۇسىيەگە ياردەم بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى دەلىللىيەلمەيمىز، شۇنداقلا تەپسىلاتى توغرىسىدا ئۇچۇرلارنىمۇ بېرەلمەيمىز.»

مۇخبىرنىڭ :« ئەگەر خىتاي راستتىنلا رۇسىيەگە ياردەم بەرگەن بولسا بۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟» دەپ سورىغان سوئالىغا ئۇ :« ھازىرچە خىتاي دۇچ كېلىدىغان كونكرېت ئاقىۋىتىنى بىر نېمە دېمەك تەس» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئەمما سۆھبەت جەريانىدا Jake Sullivan خىتاي ۋەكىللىرىگە ئېنىق قىلىپ «ئەگەر خىتاي رۇسىيەگە ھەرقانداق ياردەم بېرىش يولىنى تاللىسا ئىنتايىن ئېغىر ئاقىۋەتكە دۇچ كېلىدۇ» دەپ ئەسكەرتكەنلىكى ئاشكارىلانغان. ئۇ كېيىنكى دۇچ كېلىدىغان ئىشلارغا ۋاقتى كەلگەندە ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

ئۇ يەنە ئامېرىكا تەرەپنىڭ مەيدانىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن :« بىز بېيجىڭنىڭ ئاللىبۇرۇنلا رۇسىيە پىلانلىغان تاجاۋۇز ئۇرۇشىنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەر تاپقانلىقىغا ئىشىنىمىز، ئەمما بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتلارغا ئىگە ئەمەسمىز. لېكىن خىتاي رۇسىيەگە ياردەم قىلىپ نۆۋەتتىكى خەلقئارالىق ئېمبارگودىن قۇتۇلۇشقا ياردەم قىلىشنى ئويلىسا ئۇ چاغدا خىتايمۇ ئوخشاش ھالدا ئېغىر دەرىجىدىكى ئېمبارگوغا دۇچ كېلىدۇ».

خىتاي: بۇلارنىڭ ھەممىسى «يالغان» ئۇچۇرلار

ياڭ جىيېچى سۆھبەتتىن كېيىن بايانات بېرىپ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىدە خىتاينىڭ ھەرقاچان تىنچلىق بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن ئۇ يەنە نۇقتىلىق قىلىپ خىتاي مەيدانىنى بۇرمىلايدىغان ھەرقانداق يالغان ئۇچۇرلارغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

خىتاي تەرەپ باياناتىدا ئاتالمىش «يالغان ئۇچۇرلار» ھەققىدە تەپسىلاتلارنى بەرمىگەن. ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جاۋ لىجىيەن دۈشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېگەن: « يېقىندا ئامېرىكا تەرەپ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە رەزىللىك بىلەن يالغان ياۋىداق خەۋەرلەرنى تارقىتىۋاتىدۇ.» خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ پېڭيۇ «مالىيە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ شۇ ھەقتىكى سورىغان سوئالىغا «بۇنداق ئىشنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقماپتىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.

رۇسىيە: بىز ئەزەلدىن ھېچقانداق ياردەمگە موھتاج ئەمەس

پۇتىننىڭ باياناتچىسى Dmitry Peskov دۈشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ رۇسىيەنىڭ ھېچقاچان خىتايدىن ياردەم سوراپ باقمىغانلىقىنى، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى دېگەن. ئۇ يەنە: « ھەممە ئىشلار پىلانىمىز بويىچە مېڭىۋاتىدۇ، شۇنداقلا پىلانىمىز ۋاقتى كەلگەندە ئەمەلگە ئاشىدۇ… رۇسىيەنىڭ بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنى مۇستەقىل ھالدا ئاخىرىغىچە ئېلىپ بارىدىغانغا ئىقتىدارى بار» دېگەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان « دەۋا يولىدىكى ياشلار» ناملىق پائالىيەت غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى

چا مارت 16 , 2022
شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان « دەۋا يولىدىكى ياشلار» ناملىق پائالىيەت غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى

You May Like