ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى رۇسىيە مەركىزى بانكىسىغا قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ رۇسىيە مەركىزى بانكىسىغا قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى ئېلان قىلدى

 ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ رۇسىيە مەركىزى بانكىسىغا قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى ئېلان قىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 27-فېۋرال

ئارمان

26-فېۋرال كەچتە ياۋروپا پارلامېنتى كومىتېتى، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئەنگلىيە، كانادا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى تور يىغىنى چاقىرىپ مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق بىرلەشمە باياناتىنى ئېلان قىلدى. بۇ باياناتتىن مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە مەركىزى بانكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم رۇسىيە بانكىلىرى خەلقئارا ھېسابات سىستېمىسى يەنى SWIFT سىستېمىسىدىن چىقىرىپ تاشلانغان. ۋەھالەنكى بۇ قارارنامە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن بۇيانقى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەگە قارشى يۈرگۈزگەن ئەڭ ئېغىر دەرىجىدىكى ئىقتىسادى جازاسى ئىكەن.

غەرب رەھبەرلىرى بىرلىكتە ئىمزا قويغان مەزكۇر باياناتتا مۇنداق يېزىلغان: « بىز، ياۋروپا پارلامېنتى كومىتېتى، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئەنگلىيە، كانادا ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىرى بىرلىكتە پۇتىننىڭ ئۇرۇش يولىنى تاللاپ ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىردەك ئەيىبلەيمىز. بىز ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ۋە رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قەھرىمانلارچە تاقابىل تۇرۇۋاتقان ئۇكرائىنا خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز. رۇسىيە باشلىغان بۇ ئۇرۇش، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى خەلقئارادا ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان ئەڭ ئاساسىي قائىدە پرىنسىپلارغا قارشى ھۇجۇم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.بىز ھەر ۋاقىت ئۇشبۇ قائىدە پرىنسىپلارنى قوغداش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييار . بىز چوقۇم رۇسىيەنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىمىز، شۇنداقلا بىرلىكتە بۇ ئۇرۇشتا پۇتىننىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاياغلىشىدىغانلىقىغا كاپالەت بېرىمىز!»

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: « ئۆتۈپ كەتكەن بۇ بىر ھەپتە جەريانىدا، بىزنىڭ ئورتاق ھالدا ئېلىپ بارغان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرىمىز ۋە خىزمەتلىرىمىزنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئۆزىمىزنىڭ چېگرالىرىنى قوغداش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە رۇسىيەنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، بانكا سىستېمىلىرى، ۋە شۇنداقلا بۇ قېتىملىق ئۇرۇشنىڭ ئاساسلىق پىلانلىغۇچىسى ۋىلادىمىر پۇتىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق شەخس ۋە ئورگانلارغا قارشى ئەڭ قەتئىي بولغان جازالاش تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن بولدى…رۇسىيە ئارمىيەلىرىنىڭ كىيېۋ ۋە ئەتراپىدىكى شەھەرلەرگە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىشى بىلەن بىرگە، بىز رۇسىيەنى تېخىمۇ ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىتىش ئۈچۈن يەنىمۇ ئىچكىرىلىگەن ھالدا ئۇلارنى جازالاپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدىن شۇنداقلا بىزنىڭ ئىقتىسادى زەنجىرىمىزدىن يالغۇز قالدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدۇق. بىز كەلگۈسىدىكى بىر قانچە كۈن ئىچىدە بۇ تەدبىرلەرنى يولغا قويدۇرۇش ئۈچۈن كاپالەت بېرىمىز…تەپسىلىي جەھەتتىن ئېيتقاندا تۆۋەندىكى بىر قانچە تەدبىرلەرنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن كاپالەت بېرىمىز:

بىرىنچىدىن: بىز شۇنىڭغا ۋەدە بېرىمىزكى، تىزىملىكتىكى رۇسىيە بانكىلىرىنى SWIFT سىستېمىسىدىن چىقىرىپ تاشلايمىز. بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدىن ئايرىلىپ چىقىشىنى قولغا كەلتۈرىمىز، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خەلقئارادىكى فۇنكسىيەسىنى تالاپەتكە ئۇچرىتىمىز. 

ئىككىنچىدىن: چەكلەش خاراكتېرىدىكى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇلۇشىغا ۋەدە بېرىمىز. بۇ ئارقىلىق رۇسىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىپ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە زاپىسىغا ئېلىپ كېلىدىغان خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز. 

ئۈچىنچىدىن: ئۇكرائىنا ئۇرۇشى جەريانىدىكى ئۇرۇشقا قاتناشقان ياكى رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرۈشلىرىگە قۇلايلىق يارىتىپ بەرگەن شەخسلەرگە قارىتا ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا كاپالەت بېرىمىز. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، بىز ھەرقانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پۇقرالىق سالاھىيىتىنىڭ سېتىلىشىنى چەكلەيمىز، يەنى ئاتالمىش «ئالتۇن پاسپورت» نى چەكلەيمىز. يەنى بۇ ئارقىلىق رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئارقا كۆرۈنۈشى بار دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ تەۋەلىكىمىزدىكى دۆلەت پۇقرالىقىنى بېرىشنى قەتئىي چەكلەيمىز. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ پۇل مۇئامىلە سېستىمىمىزغا سۇقۇنۇپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.

تۆتىنچىدىن: بۇ ھەپتە ئىچىدە ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن بىرنى تەشكىللەشكە ۋەدە بېرىمىز.
بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى: باشقۇرۇش دائىرىمىز ئىچىدىكى چەكلىمىگە ئۇچرىغان شەخس ياكى شىركەتلەرنىڭ ھېساباتىنى ئايرىپ چىقىپ ئۇلارنى توڭلىتىش. بۇ ئارقىلىق ئىقتىسادى ئېمبارگونىڭ  ئۈنۈملۈك ئىجرا بولۇشى ئۈچۈن كاپالەتكە ئىگە قىلىش. بۇ خىزمەتلىرىمىزنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بولغان رۇسىيە ئەمەلدارلىرى ياكى رۇسىيەدىكى سەرخىللار قاتلىمىغا يېقىن كىشىلەر، ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى بىز بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىشقا چاقىرىمىز. بىز يەنە باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بىلەنمۇ ئالاقە قىلىپ قانۇنسىز بولغان ئىقتىسادى ئېلىم بېرىمنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىمىز. بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەخپىي بولغان بايلىقلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىقىمىز.»

باياناتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: « ئەڭ ئاخىرىدا بىز ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ساختا ئۇچۇرلارغا قارشى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. بۇ زۇلمەتكە تولغان ۋاقىتلاردا، بىز ھەر ۋاقىت ئۇكرائىنا خەلقى بىلەن بىرگە. بىز بۈگۈن ئېلان قىلغان تەدبىرلەردىن باشقا يەنە تېخىمۇ ئىچكىرىلىگەن ئاساستا تەدبىرلەرنى قوللىنىپ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقى ئۈچۈن چوقۇم بەدەللەرنى تۆلىتىمىز!»

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

رۇسىيە ۋە خىتاي ئويلىمىغان تاسادىپىيلىقلار ۋە ئاقىۋەت

دۈ فېۋرال 28 , 2022
رۇسىيە ۋە خىتاي ئويلىمىغان تاسادىپىيلىقلار ۋە ئاقىۋەت

You May Like