رۇسىيە ۋە خىتاي ئويلىمىغان تاسادىپىيلىقلار ۋە ئاقىۋەت

رۇسىيە ۋە خىتاي ئويلىمىغان تاسادىپىيلىقلار ۋە ئاقىۋەت

 رۇسىيە ۋە خىتاي ئويلىمىغان تاسادىپىيلىقلار ۋە ئاقىۋەت

ئەركىن ئۇيغۇر

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 27-فېۋرال

1-ئۇكرائىنا پرېزىدېنت زىلنىۋىكىسى رۇسىيە ھاۋا ھۇجۇمى باشلانغاندىلا قاچىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئىگىسىز قالغان دۆلەتنى قورشاپ ئالىمىز.

نەتىجىدە،زىلنىۋسكى ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ قاتتىق تەلىپىگە قارشى ھالدا پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرۇپ «ۋەتەننى قوغداش يولىدا ئۆلىمەن»دەپ پايتەختتە ئۇرۇش كىيىمىنى كىيىپ قولىغا قورال ئالدى.

2-ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بۇ قەدەر كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدۇ.48 سائەت ئىچىدە پۈتۈنلەي كونترولغا ئالىمىز.

نەتىجىدە: ئۇكرائىنالىقلار رۇسىيە ئارمىيەسىنى ئاجىزلاشتۇردى.

3-ياۋروپا رۇسىيەگە قارشى بۇنچە كۈچلۈك بىرلىككە كەلمەيدۇ،ئىقتىسادى جازا بۇ قەدەر ئېغىر بولمايدۇ.

نەتىجىدە گېرمانىيە ئويغاندى،رۇسىيەگە ئەڭ كۈچلۈك ئىقتىسادى جازا قوللاندى.

4-ئۇكرائىنا خەلقى بۇ قەدەر كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەر ئەمەس، ئۇلار ئۇرۇشقا قاتناشمايدۇ.

5-بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا رۇسىيە ۋە خىتاي يالغۇز قالمايدۇ.

نەتىجىدە :خىتاي ،ھىندىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمىلىكى ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچتى،باشقىلار ھەممىسى رۇسىيەنى ئەيىبلىدى.

6-ئامېرىكا ۋە ياۋروپا قورال  ۋە پۇل ياردىمى قىلمايدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ياۋروپا ئۇكرائىناغا كۈچلۈك قوراللارنى ياردەم قىلدى.

خىتاي رۇسىيەنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن ،دۇنياغا زوراۋان ۋە تاجاۋۇزچى، رەزىل ماھىيىتى تېخىمۇ ئاشكارىلانماقتا.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

پارتلاتقۇچ:پۇتىن يادرو قورالى بۆلۈمىگە تەييارلىق بۇيرۇقى چۈشۈردى

دۈ فېۋرال 28 , 2022
پارتلاتقۇچ:پۇتىن يادرو قورالى بۆلۈمىگە تەييارلىق بۇيرۇقى چۈشۈردى

You May Like