رۇسىيە قوزغىغان تاجاۋۇز ئۇرۇشىنىڭ 7-كۈنىدە

رۇسىيە قوزغىغان تاجاۋۇز ئۇرۇشىنىڭ 7-كۈنىدە

رۇسىيە قوزغىغان تاجاۋۇز ئۇرۇشىنىڭ 7-كۈنىدە

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 02-مارت

 

ئەسلى مەنبە ب ب س تورى، تەرجىمىدە ئۇيغۇر تېكىن

 

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قوزغىغان تاجاۋۇز ئۇرۇشى بۈگۈن 7-كۈنىگە قەدەم قويدى، بۈگۈن رۇسىيە ھەربىي كۈچلىرى ئۇكرائىنانىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرىگە بولغان ھۇجۇمىنى ئەڭ كۈچەيتكەن كۈن بولۇپ، ئۇرۇش سېپى ئۇكرائىنانىڭ شەرق، جەنۇب ۋە غەربى رايونلىرىغىچە كېڭەيدى.

 

ئۇكرائىنا تەرەپ ئاشكارىلىغان مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، رۇسىيە پاراشوتچى قىسىم ئەسكەرلىرى بۈگۈن شىمالدىكى خاركوف شەھىرىگە ھۇجۇم قوزغىغان بولۇپ، يەرلىك ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلغان.

 

جەنۇبتا، رۇسىيە تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە ئۇكرائىنانىڭ قارا دېڭىزغا تۇتىشىدىغان پورت شەھىرى- خېرسون رۇسىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن كونترول ئاستىغا ئېلىنغان. ئەمما بۇ شەھەرنىڭ شەھەر باشلىقى بۇ ئۇچۇرنى ئىنكار قىلغان، شۇنداقلا بۇ شەھەرنىڭ داۋاملىق ھالدا ئۇكرائىنا تەرىپىدىن كونترول قىلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

 

رۇسىيە تەرەپنىڭ جاكارلىشىچە، ئۇلار ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان  زاپوررىژىيا شەھىرىنىڭ يېنىدىكى ئەڭ چوڭ يادرو ئېلىكتىر ئىستانىسىسىنى كونترول قىلغان.

 

كۆلىمى زور بولغان رۇسىيە تانكا-بروۋنىك قىسمى پايتەخت كىيېۋقا 25 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يەرگىچە يېتىپ كەلگەن.

 

ب د ت نىڭ باياناتىدىن قارىغاندا نۆۋەتتە 800مىڭدىن ئارتۇق ئۇكرائىنالىق مۇساپىرلار ئۆز دۆلىتىدىن ئايرىلغان.

 

ئامېرىكا بايانات ئېلان قىلىپ بارلىق رۇسىيە ئايروپىلانلىرىغا ھاۋا بوشلۇقىنى تاقىغان.

 

دۇنيادىكى داڭلىق شىركەتلەردىن ئالما، گۇگېل، فورت، قاتارلىقلار رۇسىيەگە قاراتقان چەكلىمە دائىرىسىنى كۈچەيتكەن.

 

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جونسوننىڭ دېيىشىچە، ئەگەر پۇتىن ھۇجۇمنى كۈچەيتكەن تەقدىردە ئەنگلىيەمۇ ماس ھالدا ئىمبارگو دائىرىسىنى كۈچەيتىشنى پىلانلىغان.

 

خەلقئارا خام نېفىتنىڭ باھاسى 2014-يىلى 6- ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى باھاغا ئۆسۈپ، ھەر بىر تۇڭىنىڭ باھاسى 113 دوللارغا يەتكەن.

 

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ «قانۇنسىز» تاق تەرەپلىك ئىمبارگو سىياسىتىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا رۇسىيە بىلەن نورمال سودا ئالاقىسىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئىپىدىلىگەن.

 

ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، بۇ بىر ھەپتىلىك ئۇرۇش جەريانىدا 2000دىن ئارتۇق پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان. رۇسىيەنىڭ  ھۇجۇمى جەريانىدا نۇرغۇنلىغان قاتناش ئەسلىھەلىرى، دوختۇرخانا، يەسلى قاتارلىق ئاممىۋىي ئەسلىھەلەر ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ب د ت ئومۇمىي مەجلىسىدە بېلەت تاشلىنىپ رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇز ئۇرۇشىنى دەرھال توختىتىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى

چا مارت 2 , 2022
ب د ت ئومۇمىي مەجلىسىدە مۇتلەق يۇقىرى ئاۋاز بىلەن رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇز ئۇرۇشىنى دەرھال توختىتىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى

You May Like