رۇسىيە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى.

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائ‍ىناغا قاراتقان تاجاۋزۇچىلىقى بىر يىلغا يېقىنلاشقان مەزگىلىدە، رۇسىيە ئۇكرائىناغا يېڭەلمەيلا قالماستىن، ئالدىنقى سەپتە ئېغىر تالاپەتلەرگە ئۇچرىماقتا…

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2023- يىلى 7-يانۋار

 

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائ‍ىناغا قاراتقان تاجاۋزۇچىلىقى بىر يىلغا يېقىنلاشقان مەزگىلىدە، رۇسىيە ئۇكرائىناغا يېڭەلمەيلا قالماستىن، ئالدىنقى سەپتە ئېغىر تالاپەتلەرگە ئۇچرىماقتا.

يېڭى يىل باشلىنىشى بىلەن ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى رۇسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قاراتقان قايتارما زەربىدە ،بىراقلا 400 رۇس ئەسكىرىنى يوقاتقان بولۇپ، بۇ رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇرۇش روھىنى ئۆلتۈرۈپ، رۇسىيەدە ھۆكۈمكە، ئارمىيەگە ۋە پۇتىنغا بولغان نارازىلىقنى قوزغىغان.

ئامېرىكا، گېرمانىيە، فرانسىيە يېڭى يىل باشلىنىشى بىلەن ئۇكرائىناغا زور كۆلەمدە قورال ياردىمى بېرىشنى باشلىدى. ئامېرىكا ئۇكرائىناغا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى، گېرمانىيە كۈچلۈك تانكا، فرانسىيە برونېۋىكلارنى توشۇشنى باشلىدى.

ئون مىڭلىغان ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى ناتونىڭ ئۆلچىمى بويىچە تەربىيىلىنىۋاتقان بولۇپ، رۇسىيە ئەسكەرلىرى زور ساندا ئۆلۈۋاتقان، ئۇرۇش يېشىدىكى پۇقرالار رۇسىيەدىن قېچىپ كېتىۋاتقان قوشۇن بىلەن سلىشتۇرغاندا، ئۇكرائىنا ئالدىنقى سەپ ۋە قورال تەمىناتىدا زور ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

Uyghur Reporter

Next Post

ئاتالمىش مۇسۇلمانلار دۇنياسنىڭ مۇناپىق لىدىرلىرى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچلىقىنى قوللىغان

دۈ يانۋار 9 , 2023
ئاتالمىش مۇناپىق مۇسۇلمانلار دۇنياسنىڭ لىدىرلىرى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچلىقىنى قوللىغان.

You May Like