رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى قوزغىغان تاجاۋۇز ئۇرۇشى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر : 9-مارتقا قەدەر

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى قوزغىغان تاجاۋۇز ئۇرۇشى ۋەزىيىتى: 9-مارتقا قەدەر

 رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى قوزغىغان تاجاۋۇز ئۇرۇشى ۋەزىيىتى: 9-مارتقا قەدەر

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022يىلى 9-مارت

رەتلىگۈچى: ئارمان

9-مارتقا قەدەر رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى قوزغىغان تاجاۋۇز ئۇرۇشى 14-كۈنىگە قەدىم قويدى. ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇرۇش ۋەزىيىتى تۆۋەندىكىچە:

رۇسىيە تەرەپنىڭ دەلىللىشىچە، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Sergei Lavrov بىلەن ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Dmytro Kuleba مۇشۇ پەيشەنبە كۈنى تۈركىيەدە ئۇچراشماقچى. بۇ ئۇرۇش پارتلىغاندىن بۇيانقى ئىككى تەرەپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق كۆرۈشۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن؛

رۇسىيە تەرەپ ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىشى كېلىشىمىگە قوشۇلغاندىن كېيىن 7000 مىڭغا يېقىن پۇقرا ئۇكرائىنانىڭ شەرقى شىمالىغا جايلاشقان Sumy شەھىرىدىن بىخەتەر ھالدا چېكىنىپ چىققان؛

رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ Sumy شەھىرىدە ئېلىپ بارغان بومباردىمانىدىن كېيىن ئۈچ نەپەر بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 22 نەپەر پۇقرا قازا قىلغان؛

رۇسىيە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خەۋەر قاناللىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە، موسكۋا تەرەپ ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 غا قەدەر كىيېۋ، چېرنېف، سۇمى، خاركوف، مارىبور قاتارلىق شەھەرلەردە ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش كارىدورلىرى ئېچىلغان؛

پولشا تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى بارلىق 29M تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى ئۇكرائىناغا ھەقسىز تەمىنلەپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، شۇنداقلا بۇ ئايروپىلانلارنى گېرمانىيەدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىدىن ئۇكرائىناغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان. ئەمما ئامېرىكا تەرەپ بۇ تەلەپنى رەت قىلغان؛

ئەنگلىيە يەنە بىر تۈرلۈك جازا تەدبىرىنى يولغا قويغان. مەزكۇر تەدبىر بويىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە ئۆز دۆلىتى تەۋەلىكىدە ھەرقانداق رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنى چەكلەپ تۇتۇۋېلىش ھوقۇقى بېرىلگەن شۇنداقلا رۇسىيەگە تەۋە ھەرقانداق ئايروپىلانلارنىڭ ئەنگلىيە ئاسمىنىدا ئۇچۇشى قانۇنسىزلىق دەپ بېكىتىلگەن؛

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن بايانات ئېلان قىلىپ رۇسىيەدىن ئامېرىكىغا نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر قاتارلىق ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى پۈتۈنلەي چەكلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان؛

McDONALD, KFC, STARBUCKS, COCA COLA قاتارلىق ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ رۇسىيەدىكى بارلىق دۇكانلىرى مۇلازىمەتنى ۋاقىتلىق توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان؛

9-مارت ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەگە قارشى يەنە بىر نۆۋەتلىك جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ يېڭى جازا تىزىملىكىدە 53 ئورۇن ۋە 862 نەپەر شەخسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ 

رۇسىيە تاشقى ئىشلار باياناتچىسى Maria Zakharova بۈگۈن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىندا ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەتتە مۇئەييەن دەرىجىدە نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە رۇسىيەنىڭ ھېچقاچان ئۇكرائىنا نى بېسىۋېلىش ياكى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇۋېتىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن؛

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇرلار ئۇكرائىنالىقلارغا ھەۋەس ۋە ھەسەت قىلىدۇ!

چا مارت 9 , 2022
ئۇيغۇرلار ئۇكرائىنالىقلارغا ھەۋەس ۋە ھەسەت قىلىدۇ!

You May Like