ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى رۇس ئەسكەرلىرى قارارگاھلىرىغا قاراپ چېكىنگەن

ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى رۇس ئەسكەرلىرى قارارگاھلىرىغا قاراپ چېكىنگەن

 ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى رۇس ئەسكەرلىرى قارارگاھلىرىغا قاراپ چېكىنگەن

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 15-فېۋرال

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ رۇسىيە تەۋەسىدىكى قارارگاھلىرىغا چېكىنىشكە باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىگور كوناشىنكوف بۈگۈن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: « ۋەزىپىلىرىنى تاماملىغان جەنۇبى ۋە غەربى رايون ئارمىيەلىرى بۈگۈندىن باشلاپ تاشيول ۋە تۆمۈر يول ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۆز قارارگاھلىرىغا چېكىنىشكە باشلىدى.» خەۋەرلەردە رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن چېكىنگەنلىكى توغرىسىدا تەپسىلىي ئۇچۇرلار بېرىلمىگەن.

تۈنۈگۈن، يەنى 14-فېۋرال ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىربىي رادىئو زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئۈزلۈكسىز ئەسكەر ئەۋەتىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگەن: « رۇسىيە ئەسكەرلىرى ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ، ئۇلار چېگرادىكى ئەسكەر سانىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، تانكا قىسمى، پىيادىلەر قىسمى، شۇنداقلا ئالاھىدە ئەسكەرلەر قىسمىنىڭ قورال-ئەسلىھەلىرىنىمۇ يېڭىلاۋاتىدۇ. »

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ساغلام ئاخباراتچىلىق خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن:

 

1- بىزگە پىدائىي بولۇڭ؛

 

تېخنىك خادىم، لايىھىلىگۈچى، يازغۇچى، مۇخبىر، تەرجىمان،سوتسىيال مېدىيا باشقۇرغۇچى. ئەسەر ئەۋەتىڭ!

 

2-بىزنى ئىقتىسادى ۋە ماددىي جەھەتتىن قوللاڭ؛

 

ئىشخانا، ئۈسكۈنە، مۇلازىمېتىر، خادىم ۋە پىدائىيلار ياردىمى ئۈچۈن ئىقتىسادى جەھەتتە قوللاڭ.

 

3-ئېلان بىرىڭ؛

 

تور بېتىمىز ۋە سوتسىيال مېدىيا قاناللىرىمىزدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتلىرىڭىزنى تەشۋىق قىلىڭ، ئەرزان باھالىق ۋە ئۈنۈملۈك تەشۋىقات بىلەن تەمىنلەيمىز.

ئالاقىلىشىش ئادرېسى:

info@uyghurtimes.com

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

رۇسىيە ھۆكۈمىتى: ئۇكرائىنا رۇس مىللىتىگە قارشى ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزدى

پە فېۋرال 17 , 2022
رۇسىيە ھۆكۈمىتى: ئۇكرائىنا رۇس مىللىتىگە قارشى ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزدى

You May Like