رويتېرس ئاگېنتلىقى: قازاقىستاندىكى خىتايغا قارشى نامايىشتا كۆپ كىشى قولغا ئېلىندى

ئالماتا/نۇرسۇلتان (رويتېرس)- شەنبە كۈنى، ساقچىلار قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئىككى شەھىرىدە خىتاينىڭ بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيىتىدىكى تەسىرىگە قارشى نامايىش پائالىيىتىگە قاتناشقان نەچچە ئون كىشىنى قولغا ئالدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019-يىلى 21- سېنتەبىر

ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-09-22

 

ئالماتا/نۇرسۇلتان (رويتېرس)- شەنبە كۈنى، ساقچىلار قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئىككى شەھىرىدە خىتاينىڭ بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيىتىدىكى تەسىرىگە قارشى نامايىش پائالىيىتىگە قاتناشقان نەچچە ئون كىشىنى قولغا ئالدى.

قوشنا دۆلەت خىتاي ئاللىقاچان قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچىسى ۋە سودا شېرىكىلىرىدىن بىرى. خىتاينىڭ بەزى زاۋۇت-كارخانىلىرىنى بۇ ئىلگىرىكى سوۋىت جۇمھۇرىيىتىگە يۆتكەش پىلانى خەلقنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى.

ئەڭ يېقىنقى نامايىش شەنبە كۈنى فرانسىيەدە پاناھلىقتا ياشاۋاتقان بانكىر مۇختار ئابلىيازوفنىڭ (Mukhtar Ablyazov) قوللىغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ قازاقىستاننىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك رەئىسى نۇرسۇلتان نەزەربايېفنى قاتتىق تەنقىد قىلىدۇ.

نەزەربايېف بۇ يىل مايدا ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى، بۇندىن ئىلگىرى ئۇ مول نېفىت زاپىسى بار بۇ دۆلەتنى 30 يىلغا يېقىن ئىدارە قىلغان ئىدى. لېكىن، بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى نۇر ئوتان (Nur Otan) پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نەزەر بايېف يەنىلا زور ھوقۇققا ساھىپ.

قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئابلىيازوفنىڭ سىياسى ھەرىكىتى رادىكاللىق بولۇپ، ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش جىنايى قىلمىش ھېسابلىنىدىكەن. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر 57 كىشىنى قولغا ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

نۇر سۇلتان ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى باكيتجان مالىبايېف (Bakytzhan Malybayev) مۇخبىرغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« سىز بىلىسىز، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن باشلاپ، قازاقىستاندا چەكلەنگەن سىياسىي پارتىيە «قازاقىستاننىڭ دېموكراتىيەلىك تاللىشى» يىغىلىشقا چاقىرىق قىلدى…بىز (ساقچىلار) كىشىلەردىن تارقىلىشنى تەلەپ قىلدۇق، تارقالمىغانلارنى بولسا ئوبلاستلىق ئىشخانىمىزغا سوراق قىلىش ئ‍ۈچۈن ئېلىپ كەلدۇق. بىز سوراق قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بۇ كىشىلەر قۇيۇپ بېرىمىز.»

رويتېرس مۇخبىرى نۇرسۇلتان ۋە ئالماتادا نەچچە كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىغا شاھىت بولدى. قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتاندا، ساقچىلار قولىدا تاختا كۆتۈرۈۋالغان بىر كىشىنى قولغا ئالغان، تاختىغا «بىز خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە يول قويمايمىز»، « بوۋاي بولسا دۈشمەن» دەپ يېزىلغان بولۇپ، بۇ نەزەربايېفقا قارشى شوئار. بەزى كىشىلەر « سىياسىي جىنايەتچىلەرگە ئەركىنلىك» دەپ توۋلىغان.

بەزى نامايىشچىلار ساقچىلار كېلىشى بىلەن قاچقان ۋە بىر ساقچى ئاپتوبۇسىنىڭ دېرىزىسىنى چېقىۋەتكەن.

ئالماتادا، نامايىشچىلار يۇقىرى ئاۋازدا خىتاي كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى شۇئارلارنى ۋە « بوۋاي، يوقال!» دەپ توۋلاشقا باشلىغاندا، ساقچىلار تەرىپىدىن تېز سۈرئەتتە ساقچى ئاپتوبۇسىغا ئېلىپ كېتىلگەن.

خىتاي قازاقىستاننىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئاساسلىق مەبلەغ سالغۇچى بولۇپ، 18 مىليون بۇپۇسى بار بۇ مۇسۇلمان دۆلىتىدىن نېفىت ۋە تەبىئىى گاز سېتىۋالىدۇ. لېكىن، تەنقىد قىلغۇچىلار بەزى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ، شۇنداقلا بەزى غەرب شىركەتلىرىنىڭ يەرلىكلەرنى ئاز ئىشقا ئالىدىغانلىقىنى، مائاشىنىڭ چەتئەللىك خىزمەتچىلەرگە قارىغاندا بەك ئاز ئىكەنلىكىنى ئەيىبلەيدۇ.

 

 مەنبە:

https://www.reuters.com/article/us-kazakhstan-china-protests-detentions/dozens-detained-in-kazakhstan-at-anti-china-protests-idUSKBN1W60CS

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

گېرمانىيە ئاۋازى: ئامېرىكا ھەرقايسى دۆلەتلەرنى بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىشىنى توسۇشقا چاقىردى

دۈ سېنتەبىر 23 , 2019
9-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئامېرىكا پىرىزدېنتى تىرامپ، نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھاۋا كىلىماتى يىغىنىغا قاتناشماستىن، دىنى ئەركىنلىك يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىمۇ ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى ۋە خىتاي بىلەن يۈزمۇيۈز تۇتىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

You May Like