«رويتېرس ئاگېنتلىقى»: پومپىيو: ئامېرىكا ب د ت دا باشقا دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىگە قارىتا ‘چاقىرىق قىلىشقا’ دەۋەت قىلىدۇ.

رويتېرس ئاگېنتلىقى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019-يىلى 6-سېنتەبىر

ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-09-07

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيو جۈمە كۈنى مۇنداق دېدى، ئامېرىكا بۇ ئايدا ئېچىلىدىغان ب د ت يىغىنىدىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان سىياسەتلىرىگە قارىتا چاقىرىق قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

كانساس شىتات ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نۇتۇقىدىن كىيىن، ۋاشىنگتون خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىنى توختىتىش ئۈچۈن قانداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى دەپ سورالغاندا، پومپىيو ئۇ يەردىكى تاماشىبىنلارغا مۇنداق دېدى :« تېخى يېتەرلىك ئەمەس، چۈنكى زۇلۇم تېخىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ.»

پومپىيو مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« سېنتەبىر ئېيىنىڭ ئۈچىنچى ھەپتىسى ب د ت يىغىنى ئېچىلىدۇ. بىزنىڭ بىر قانچە ئۇچرىشىشلىرىمىز بولىدۇ، بۇ جەرياندا بىز باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كېلىشىم تۈزۈشكە تىرىشىمىز. بىز بۇ خەلقنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز خىتاي بىلەن كۆپ جەھەتتىن رىقابەتكە دۇچ كېلىۋاتىمىز، لېكىن بۇ بولسا ئۇلارنىڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇقلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. »

 *قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.

مەنبە:

https://www.reuters.com/article/us-usa-china-pompeo-uighurs/us-will-aim-to-persuade-others-to-call-out-china-over-uighurs-at-un-pompeo-idUSKCN1VR25S

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئامېرىكا ئاۋازى: بېيجىڭ ئۈچۈن ئىشلەيدىغان خاككېرلار ئاسىيادىكى تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ سىستېمىسىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۆزەتكەن

شە سېنتەبىر 7 , 2019
2019-09-07 ۋاشىنگىتون- رويتېرس ئاگېنتلىقى مۇنداق دوكلات قىلغان: ئىككى نەپەر ئاخبارات ئەمەلدارى ۋە ئىككى نەپەر تور بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان خاككېرلار ئاسىيادىكى تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ تور سىستېمىسىغا سوقۇنۇپ كىرىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنى ئىز قوغلىغانلىقى ۋە كۆزەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

You May Like