رەزىل خىتاي ۋىرۇس تەھدىتىگە قارىماستىن ئۇيغۇر ياشلارنى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا ئىچكىرىگە توشۇماقتا

«خوتەن گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە كۆرە، 2-ئاينىڭ 22-كۈنى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيىسى، قارىقاش ناھىيىسى ۋە كېرىيە ناھىيىسىدىن كەلگەن 174 نەپەر ئۇيغۇر ياش ھۆكۈمەت ھۆددىگە ئالغان ئايروپىلان بىلەن خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرىگە قاراپ ئۇچقان بولۇپ، بۇ يىلدىن بېرى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا ئىچكىرىگە يۆتكەلگەنلەرنىڭ تۇنجى تۈركۈمى ئىكەن. بۇيىل پەقەت خوتەن ۋىلايىتىدىنلا 10 مىڭدىن ئارتۇن كىشىنى ئىچكىرىدە ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش پىلانلانغان.

  • ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
  • تەييارلىغۇچى: سەبرى
  • 2020-02-23

 

 «خوتەن گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە كۆرە، 2-ئاينىڭ 22-كۈنى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيىسى، قارىقاش ناھىيىسى ۋە كېرىيە ناھىيىسىدىن كەلگەن 174 نەپەر ئۇيغۇر ياش ھۆكۈمەت ھۆددىگە ئالغان ئايروپىلان بىلەن خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرىگە قاراپ ئۇچقان بولۇپ، بۇ يىلدىن بېرى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا ئىچكىرىگە يۆتكەلگەنلەرنىڭ تۇنجى تۈركۈمى ئىكەن. بۇيىل پەقەت خوتەن ۋىلايىتىدىنلا 10 مىڭدىن ئارتۇن كىشىنى ئىچكىرىدە ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش پىلانلانغان. 

 

 

خۇنەن ئ‍ۆلكىسى بۇ قىتىملىق ۋىرۇس كىرزىسىدا، خىتايدىكى يۇقۇملانغۇچىلار ئەڭ كۆپ چىققان 5- ئۆلكە بولۇپ، 1016 كىشى يۇقۇملانغان 4 كىشى ئۆلگەن (23-فېۋرالغا قەدەر). خۇنەندە ھۆكۈمەت قايتا ئىش باشلاشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، پەقەت 46% شىركەت قايتا ئىشقا چۈشكەن، ئىشقا بېرىش نىسپىتى ئ‍اران 25.8 % بولغان (21-فېۋرال). ئىشچىلار ئ‍ىشقا كەلمەي، زاۋۇتلار ئىش بايلىيالمىغان ياكى ئاز تۈركۈمدە ئىشقا كىرىشكەن. بۇ سەۋەبتىن خىتاي ئۇيغۇر ياشلارنى ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ قېلىش تەھدىتىگە قارىماستىن، «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا ئىچكىرىدىكى خىتاي زاۋۇتلىرىغا توشۇششقا باشلىغان.

 

 

كورونا ۋىروسىنىڭ داۋملىق تارقىلىشى تۈپەيلى ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ ئەجەللىك زەربىگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇمۇميۈزلىك قايتا ئىش باشلاش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن. لېكىن، تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، ئەگەر خىتايدا قايتا ئۇمۇميۈزلۈك ئىشلەپچىقىرىش باشلانسا، ھەر كۈنى 533 مىليون ماسكىغا ئىھتىياجلىق بولىدىكەن. ھازىرقى ماسكا ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىغا قارىغاندا، پەقەت 3.8% ئىھتىياجنى قاندۇرىدىغان بولۇپ، بۇ خىتاي كارخانىلرى قايتا ئىشقا چۈشىشىنىڭ زور خەۋپىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. 

 

مەنبە: 和田日报/天山网/湖南省人民政府网/希望之声

 

  • http://dy.163.com/v2/article/detail/F61JSKGC05149HNF.html
  • http://v.ts.cn/system/2020/02/23/036110950.shtml
  • http://www.hunan.gov.cn/hnszf/hnyw/sy/hnyw1/202002/t20200219_11183646.html
  • https://www.soundofhope.org/post/346000

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى: ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ مېدىيا ئورگانلىرىنى جازالاشنى ئويلىشىۋاتىدۇ

چا فېۋرال 26 , 2020
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، خىتاي «ۋال كوچىسى گېزىتى» (Wall Street Journal) نىڭ ئۈچ نەپەر مۇخبىرىنى قوغلاپ چىقارغانلىقى سەۋەبلىك، ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاي مۇخبىرلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق مېدىيا ئورگانلىرى، ھەمدە خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرىنى جازالاشنى ئويلىشىۋاتماقتا ئىكەن.

You May Like