رەيھان ئەسئەت خانىم «گۈزەل كەلگۈسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان 50 كىشى» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 22-ئۆكتەبىر
ئارمان تەييارلىدى
ئامېرىكىدىكى خەۋەر ئوبزورى ئېلان قىلىنىدىغان داڭلىق تور بەت ۋوكس Vox يېقىندا ئۆز تور بېتىدە «مۇكەممەل كەلگۈسى 50» (Future Perfect 50) تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر تىزىملىككە گۈزەل ۋە مۇكەممەل بولغان كەلگۈسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۆز ساھەلىرىدە تىرىشىۋاتقان دۇنيادىكى 50 شەخس كىرگۈزۈلگەن. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رەيھان ئەسئەت خانىممۇ بۇ تىزىملىك ئىچىدىن ئورۇن ئالغان.
تور بەتتە چۈشەندۈرۈلۈشىچە مەزكۇر تىزىملىك پىلانى بۇنىڭدىن تۆت يىل بۇرۇن ۋوكس تور بېتىنىڭ يازغۇچىسى دايلان ماتتىيېۋ Dylan Matthews تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، مەقسىتى دۇنيادىكى كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىپ تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان دۇنيانى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۆز ساھەلىرىدە تىنماي كۈرەش قىلىۋاتقان پەيلاسوپ، ئالىم، تەتقىقاتچىلار، سىياسەتچى، ئاكتىۋېستلارنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىقىش ۋە بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ دۇنيا كەلگۈسى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇشقا چاقىرىق قىلىش ئىكەن. تۆت يىللىق تەييارلىق ۋە تاللاش باسقۇچلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن تىزىملىك تۇرغۇزۇش ھەيئەتلىكى بۇ يىل 20-ئۆكتەبىر كۈنى ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىنى تور بېتىدە ئېلان قىلغان. بۇ 50 كىشىنىڭ ئىچىگە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىئولوگىيە ئالىملىرى، كەلگۈسى ئەقلىي ئىدراك تېخنىكىسىنى تەتقىقات قىلىۋاتقان ئالىملار، يەرشارى ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ئۈچۈن ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئاكتىۋېستلار، كەلگۈسى بازار تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىقتىسادشۇناسلار قاتارلىقلار كىرگۈزۈلگەن.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات رەيھان ئەسئەت خانىممۇ بۇ تىزىملىككە، يەنى كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىپ مۇكەممەل دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتقان شەخسلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. رەيھان ئەسئەت خانىم بۇ تىزىملىكنىڭ «دۇنياۋى نامراتلىققا شۇنداقلا ئادالەتسىزلىككە قارشى كۈرەش قىلغۇچىلار» كاتېگورىيەسى ئىچىدىن ئورۇن ئالغان.
تور بەتتىكى رەيھان ئەسئەت خانىم تونۇشتۇرۇلغان قىسمىغا: «رەيھان ئەسئەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن خىتاي زۇلۇمىغا قارشى قىلغان كۈرىشى» دېگەن تېما بېرىلگەن بولۇپ، رەيھان ئەسئەت خانىم ۋە تۇتقۇندىكى ئىنىسى ئەكبەر ئەپەندىم توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەندىن سىرت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلۈپ ئۆتۈلگەن.
تور بەتتە يېزىلىشىچە، رەيھان ئەسئەت خانىمنىڭ ئىنىسى تۇتۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن دەسلىپىدە ئۇ خىتاي رېجىمىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە تېخىمۇ كۆپ بېسىملارنى ئېلىپ كېلىشىدىن ئەنسىرەپ سۈكۈتنى تاللىغان، ئەمما 2020-يىلىغا كەلگەندە خىتاي قۇرغان قىرغىنچىلىق كامپىلىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن چەتئەلدىكى تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلار بارا-بارا خىتاينىڭ ۋەھىمىسىدىن قورقماي ئالدىغا چىقىپ ئۆز قېرىنداشلىرى ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىش يولىنى تاللىغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە رەيھان ئەسئەت خانىممۇ باتۇرلۇق بىلەن خەۋەر قاناللىرىدا، ئامېرىكىدىكى شۇنداقلا دۇنيادىكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا گۇۋاھلىق بېرىشنى باشلىغان. تور بەتتىكى ئۇنىڭ ئۈچۈن يېزىلغان باھادا مۇنداق دەپ ئۆتۈلگەن: «ئۇ ئىلگىرىكى مەزگىللەردە ئۆزىنى قەيسەر ئەمەس دەپ ئويلىغان، ئىنىسى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى دۇنياغا ئاشكارىلىسا، خىتاينىڭ ئۇلاردىن ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرىگەن….ئەمما رەيھان ئەسئەت ئۆزىنى قەيسەر ئەمەس دېگەنلىكىگە ئىشەنگۈمىز كەلمەيدۇ، بەلكى ئۇ قەيسەرلىكنىڭ سىمۋولىدۇر. ئۆتكەن ئىككى يىل جەريانىدا ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە، كانادا پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىدا، ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىدا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىنىسى ۋە بارلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىپ كەلدى… ئۇ ئامېرىكا تاموژنا چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ » ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى كونكرېت ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن كۆرسەتمىلىك نەزەرىيەلەر بىلەن تەمىنلىدى. ئۇ يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قانۇننىڭ شىۋېتسىيە، گوللاندىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە يۈرگۈزۈشىنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ…ھەر بىر ئۇيغۇر رەيھان ئەسئەتكە ئوخشاش قانۇن نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ مەسىلىنى تونۇشتۇرۇشتەك قابىلىيەتكە ئىگە ئەمەس، ئەمما ئۇنىڭدەك قەيسەر بولۇش ھەر بىر ئۇيغۇرغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ناھايىتىمۇ ئادەتتىكى بىر ئىش. ئۇيغۇرلار تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە ئازابلارغا يۈز كېلىۋاتىدۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خاس بولغان مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش، جۈملىدىن پۈتۈن ئىنسانىيەتنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ…»
رەيھان ئەسئەت خانىم ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇسىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ: « ياخشىمۇ دوستلار، FuturePerfect50 تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقانلىقىمدىن بەكمۇ شەرەپ ھېس قىلىمەن. بۇ تىزىملىككە ئالىملار، يازغۇچىلار، پەيلاسوپلار ۋە ئاكتېۋىستلار كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلار تېخىمۇ گۈزەل بولغان كەلگۈسىنى قۇرۇپ چىقىۋاتىدۇ. بۇ نۆۋەتتە دۆلەت تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زوراۋانلىققا تاقابىل تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى ۋە قەيسەرلىكىگە بېرىلگەن مۇئەييەنلەشتۈرۈشتۇر. ئالدىمىزدىكى رىقابەت قانچىلىك كۈچلۈك بولسىمۇ، پەقەت بىز بوشاشماي كۈرەش قىلغىنىمىزدا چوقۇم ئۆزگىرىشنى قولغا كەلتۈرىمىز. مېنىڭ سۆيۈملۈك خەلقىم ئۆزىگە خاس بولغان قەھرىمانلىقىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا داۋاملىق تۈردە غۇرۇرىمىزنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى دېمەك باشقا ئىنسانلارنىڭمۇ قۇللۇقتىن ۋە ئېزىلىشتىن ئالدىنى ئېلىشى دېمەكتۇر.»
«ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدىن رەيھان ئەسئەت خانىمنىڭ بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز، شۇنداقلا ئۇنىڭ ۋەتەن، مىللەت ئىشلىرى يولىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمىز.