رابىيە خانىم: ئۇيغۇر پاجىئەسىگە ئىنسانىي مەسئۇلىيەتچانلىق كۆرسەتكەن ئامرىكا ئاۋام پالاتاسىغا رەھمەت ئىيتىمەن!

بۈگۈن ئامرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام پالاتاسى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنىنىڭ تولۇقلانما نۇسخىسىنى تەستىقلاش ئارقىلىق، ئامرىكا دۆلىتىنىڭ دۇنيادىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە يالغۇز پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ قويۇش بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقى، نۆۋىتى كەلسە، جىنايەتچى ھەددىنى بىلمىسە تىگىشلىك تەدبىر قوللۇنۇش ئىرادىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ جاراڭلىق سىگنالىنى بەردى.

رابىيە قادىر: ئەڭ ئېغىر كۈنلىرىمىزدە، دەردىمىزگە قۇلاق سالغان ئامرىكا ئاۋام پالاتاسىغا رەھمەت ئىيتىمەن! 

 

 بۈگۈن ئامرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام پالاتاسى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنىنىڭ تولۇقلانما نۇسخىسىنى تەستىقلاش ئارقىلىق، ئامرىكا دۆلىتىنىڭ دۇنيادىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە يالغۇز پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ قويۇش بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقى، نۆۋىتى كەلسە، جىنايەتچى ھەددىنى بىلمىسە تىگىشلىك تەدبىر قوللۇنۇش ئىرادىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ جاراڭلىق سىگنالىنى بەردى.  ئەلۋەتتە بۇ سىگنالنى ئاڭلىغان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېخىمۇ غالجىرلىشىدىغانلىقى، بۇ غالجىرلىقنىڭ ئىپادىسى يالغۇز بايانات ۋە شۇئاردىلا چەكلەنمەيدىغانلىقى، ئىجرائاتلاردىمۇ كۆرۈلىدىغانلىقى يەنى شەرقىي تۈركىستاندىكى يوشۇرۇن قەسىتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ئالدىرايدىغانلىقى ئېنىق. ئەمما ئىشىنىمەنكى، بۇ سىگنال خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا كۆز يۇمۇۋاتقان، ھەتتا شىرىكلىشىۋاتقان بىر تۈركۈم دۆلەت، تەشكىلات، شىركەتلەرنىمۇ سەگەكلەشتۈرۈرىدۇ. ئۇلارنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يېغىۋىلىش لاگىرلىرىنى، تېخىمۇ توغرىسى ئۆلۈم لاگىرلىرىنى « كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ تونۇشتۇرغانلىقىدەك بۇ ئالدامچىلىقى ئۈستىدە تەكرار ئويلاندۇرىدۇ. نەتىجىدە ئۇلار ھەقنى تونۇيدۇ ۋە زالىم بىلەن شىرىكلىشىشتىن ۋاز كىچىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋازغا ئىرىشكەن بۇ لاھىيە چوقۇم پات يىقىندا تىگىشلىك باسقۇچلاردىن ئۆتۈپ قانۇنغا ئايلىنىدۇ ۋە خىتايغا ھەددىنى بىلدۈرىدىغان تېخىمۇ ئەمەلىي قەدەملەر ئالدىمىزدا بېسىلىدۇ. 

 

بۇ يالغۇز تارىخنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ ۋە ئەڭ قورقۇنۇچلۇق كۈنلىرىنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن بىر ئۈمىد سىگنالى بولۇپلا قالماستىن، دۇنيادىكى ئىزىلىۋاتقان بارلىق خەلقلەر ئۈچۈنمۇ، يەرشارىدا ئىنساىي ئادالەت، ئىنسانىي مىھىر-مۇھەببەت ۋە ئىنساني ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ مەۋجۇتلۇقنىڭ ۋە ئۇنىڭ يوقالمايدىغانلىقىنىڭ سىگنالىدۇر. 

 

شۇڭا مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بۈگۈن بۇ قەدەمنىڭ بېسىلىشىغا ئەمگىكى سىڭگەن بارلىق جاپاكەش كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى، ھەقنى سۆيەر تەتقىاقتچىلار ۋە ئاخباراتچىلارنى تەبرىكلەيمەن! شۇنداقلا، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك دۆلىتىگە مۇناسىپ بىر سەزگۈرلۈكنى، مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايەن قىلغان ئامرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. بولۇپمۇ بۇ قانۇن لاھىيەسىنىڭ سۇنۇلۇشى تەستىقلىنىشىدا كۆپ ئەجرى سىڭگەن ئامرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ماركو روبىئو، كىرسىت سىمىت، بوب مەنەندەز ئەپەندىلەرگە ۋە نەنسى پىلوسى خانىمغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن! 

 

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر 

 

 

 

 

 

 

 

 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ختتاي دۇنياغا ئۇيغۇرلارنى تىرورچى كۆرستىش ئۇچۇن يېڭى ئىنگىلىزچە ھۇججەتلىك فىلىم تارقاتتى.

پە دېكابىر 5 , 2019
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 2019-يىلى 3-دىكابىر «ئۇيغۇر ئ‍نسانى ھوقۇق قانۇن لايىھىسى»نى ماقۇللىغاندىن كىين،ختتاي بارلىق ئىدارە-ئورگانلىرىنى بۇنىڭغا قارشى بايانات ئ‍ىلان قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.

You May Like