تۈركىيە نەشر ئىدارىسى ئىستانبۇل «قۇتادغۇبىلىك كىتابخانىسى»دىكى ئۇيغۇرچە كىتابلارنى مۇسادىرە قىلغان
تۇرسۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 14-مارت
تۈركىيەدە، خىتاينىڭ نەشر ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئۇيغۇرچە كىتابلارنى قوغداش ئوتتۇرىدىكى زىددىيەت كۈچەيمەكتە.
ئىجتىمائىي مېديا ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، 14-مارت ئىستانبۇلدىكى قۇتادغۇبىلىك كىتابخانىسىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئاخبارات نەشرىيات ئىدارىسى تەرىپىدىن نەشر ھوقۇقىغا خىلاپ دەپ قارالغان بىر قىسىم كىتابلارنى تىزىملاپ نەشر ھوقۇقى بويىچە تەكشۈرۈشنى باشلىغان.شۇنداقلا بىر قسم كىتاپلارنى مۇسادىرە قىلغان. نەق مەيداندا تارقالغان ۋىدىئولارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر ۋە ئەتراپتىكى كىشلەر دائىرلەرنىڭ كىتاپلارنى مۇسادىرە قىلىشغا قارشىلىق قىلغان،ۋىدىئولاردا ساقچى ماشنلىرىنىڭ كىتاپ مۇسادىرە قىلىشقا ياردەم ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
قۇتادغۇبىلىك كىتابخانىسى 2013-يىلدىن بېرى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرچە كىتاب ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كېلىۋاتقان ئاساسلىق كىتابخانىلارنىڭ بىرى ئىدى.
كىتابخانا خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، كىتابخانىدا ئاساسلىقى ئۇيغۇرچە كىتابلار بار بولۇپ، بىر قىسىم تۈركچە بالىلار كىتابلىرىمۇ بار ئىكەن. بالىلار كىتابلىرى تۈركىيەدىكى چوڭ كىتابخانىلاردىن ئەكەلدۈرۈلگەن بولۇپ، نەشر ھوقۇقى بار ئىكەن.
ئىلگىرى كىتاب ئىشكاپلىرىغا تىزىلغان كىتابلار بىلەن ئامباردا ساقلىنىۋاتقان نەچچە توننا كىتاب نەچچە ئاي ئىلگىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرەپتىن مۇسادىرە قىلىنىپ ئېلىپ كېتىلگەن ئىكەن.
كۆزەتكۈچىلەردىن تۇرسۇنجاننىڭ دېيىشىچە، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەشر ھوقۇقى باھانىسى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتاپ-ئەسەرلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن قىلغان ئۇرۇنۇشى ئىكەن.
ئۇيغۇر ئوقۇرمەن ئەركىنجان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېدى: « ۋەتەندە نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرچە كىتابلار گەرچە خىتاي نەشر ھوقۇقىغا ئىگە بولسىمۇ،ئەمما خىتاي ئۇ كىتابلارنى ھازىر كۆيدۈرۈپ يوق قىلدى.ئەگەر خىتايدىن نەشر ھوقۇقى سورايمىز دېسەكمۇ بەرمەيدۇ. خىتاينىڭ بۇنداق ئەرز شىكايەتلىرى پەقەت ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى چەكلەشتىن ئىبارەت، ئەگەر بۇ كىتابلار ئارىسىدا تۈرك نەشر ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ قوغدىشىدىكى كىتابلار ئئوغرىلىقچە بېسىلغان بولسا ئۇ باشقا گەپ ».
بۇ خەۋەرنى چىقارغۇچى مۇنداق يازغان «نەق مۇشۇ سائەتتە كىتابلار تىزىملىنىپ ھۆكۈمەتنىڭ ماشىنىلىرىغا بېسىلىپ كىتابخانا قۇرۇقدىلىپ قېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ باشلىنىشنىڭ ئىستانبۇلدىكى پۈتۈن كىتابخانىلارنىڭ قۇرۇقدىلىشى بىلەن ئاخىرلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز ئۈچۈن سافا كۆي تەۋەلىكىدىكى قېرىنداشلارنىڭ كېلىپ بىز بىلەن تەڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشىپ بېرىشىنى، يىراقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ھەققىمىزدە دۇئا قىلىپ قويۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن تەلەپ قىلىمىز. كىتابخانىمىزدا نەچچە مىڭ خىل تارىخ، رومان، نەچچە يۈز خىل بالىلار كىتابلىرى بار بولۇپ بۇلارنىڭ 98.5% ۋەتەندە نەشر قىلىنىپ تۈركىيەدە بېسىلىپ كىتابخانىغا قۇيۇلغان يوقالسا ئىككىنچى قېتىم تېپىلىش ئىمكانىيىتى ھېچ بولمىغان كىتابلاردۇر. شۇڭا قولىدىن كېلىدىغان قېرىنداشلارنىڭ ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. »