قسقا خەۋەر: تۈركىيەدىن ئ‍سرائىلىيەگە مال سالىدىغان كېمىلەرنى تەكشۈرۈش قانۇن لايىھىسى ئاق پارتىيە ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيسى تەرىپىدىن رەت قىلىندى.

(ئەسكەرتىش: بۇ خەۋەر تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق تاراتقۇلىرىدا خەۋەر قىلىندى، مەنبەسى جۇمھۇرىيەت گېزىتى تور بېكىتى، بىز خەۋەرنىڭ باش تونۇشتۇرۇلۇشنى ئەينەن تەرجىمە قىلدۇق، ھىچقانداق تەھرىرلىمىدۇق، ئ‍ۆزگەرتمىدۇق، بۇ قانۇن لايىھەسنى رەت قىلغان ئاق پارتىيە ياكى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيسى بىلەنمۇ ھىچقانداق سياسى ياكى ئىقتىسادى ھەمكارلىق ياكى ئالاقىمىز يوقتۇر.)

سائادەت پارتىيسى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈركىيەدىن ئ‍سرائىلىيەگە مال سلىۋاتقان كېمىلەرنىڭ ماللىرى ۋە مىقدارىنى تەكشۈرۈش لايىھەسى ئاق پارتىيە ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيسى تەرىپىدىن رەت قىلىندى.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى-تۈركىيەدىن ئ‍سرائىلىيەگە ئەۋەتىلىۋاتقان تىجارەت بويۇملىرىنىڭ تۈرى، مىقدارى ۋە بۇ تاۋارلارنىڭ گازادىكى ۋەزىيەتكە كۆرستىدىغان تەسىرىنى تەكشۈرۈشنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىدىغان تەكلىپ لايىھىسى-بۈگۈن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى يېغىنىدا مۇزاكىرە قىلىندى ۋە ئاق پارتىيە ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيسى تەرىپىدىن رەت قىلىندى.

ئىگلىنىشىچە، 7-ئۆكتەبىردە باشلانغان ھۇجۇم ۋە ئۇرۇشتىن بۇيان تۈركىيەدىن ئىسرائىلغا 253 كېمە تىجارى مال يېتىپ بارغان بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 7 يۈك كېمىسى ئىسرائىلغا مال توشىغان. بۇ ماللار ئاساسەن خام نېفىت، بېنزىن، پولات تۆمۈر، سىمونت، يىمەك – ئىچمەك ۋە باشقا تاۋارلاردىن تەركىب تاپىدىكەن.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى: شى جىن پىڭ 2027-يىلدىن بۇرۇن تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىققا بۇيرۇغان.شى جىن پىڭ : مەن 2027-يىلى ياكى 2035-يىلى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇغۇنۇم يوق.

شە نويابىر 25 , 2023
تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى،245-نويابىر ب ب سى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شى جىن پىڭ بايدىن بىلەن كۆرۈشكەندە،ئۆزىنىڭ ختاي ئازاتلىق ئارميسىنىڭ 2027-يىلى بولسۇن ياكى 2035-يىلى بولسۇن تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى يوقلۇقىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويغان.ئەمما ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى باشلىقى مۇنداق دىگەن: قولىمىزدا، شى جىن پىڭنىڭ ختاي ئازاتلىق ئارمىيسگە 2027-يىلىدىن بۇرۇن تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق […]
شى جىن پىڭ

You May Like