قەشقەردە ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى تەشكىللىگەن جۇڭگو شىنجاڭ ئاسىيا-ياۋروپا ئالتۇن كۆۋرۈك (قەشقەر) خەلقئارا كۆرگەزمىسىنىڭ 6-نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلگەن.

ختاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشغا ئاساسلانغاندا، 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ئاسىيا-ياۋروپا ئالتۇن كۆۋرۈك (قەشقەر) خەلقئارا كۆرگەزمىسى 11-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە قەشقەر خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

جۇڭگو شىنجاڭ ئاسىيا-ياۋروپا ئالتۇن كۆۋرۈك (قەشقەر) خەلقئارا كۆرگەزمىسى ئۇيغۇر كارخانىچى دىلارە قۇربان تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن يەرلىك ۋە رايون خاراكتىرلىك سودا يەرمەنكىسى بولۇپ، 2014-يىلى «سودا نازارىتى»تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى رەسمى تەستىقلانغان.

ختاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ئالتىنچى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ئاسىيا-ياۋروپا ئالتۇن كۆۋرۈك (قەشقەر) خەلقئارا كۆرگەزمىسىدە 300 دىن ئارتۇق خەلقئارا ئۆلچەملىك كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرستان ئىچى-سىرتىدىكى كارخانىلار ۋە قازاقىستان، قىرغىزىستان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 300 دىن ئارتۇق كارخانا كۆرگەزمىگە قاتناشقان. كۆرگەزمە مەزمۇنى ئاساسلىقى تۈرلۈك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، بىيوپەن-تېخنىكا، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى، ئاپتوموبىل بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆرگەزمە مەزگىلىدە، يەنە قەشقەر «بىر بەلباغ، بىر يول» سەنئەت كۆرگەزمىسى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودا بايرىمى، كارخانىچىلار يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى، قىسقا سىن مۇسابىقىسى قاتارلىق كۆپ مەيدان تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلگەن..

ۋېرۇس مەزگىلىدە مەزكۇر يەرمەنگە توختىتىلغان. ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى مەزكۇر يەرمەنكىگە قانچىلىك ئۇيغۇر كارخانىسى ۋە ئۇيغۇر ئاممسنىڭ قاتناشقانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلمىدى، ختايچە تاراتقۇلاردا مسران قېزىلىرى بولۇشى ئېھتىمالى بولغان مسران يېمەك ئىچمەك شركىتى دېرىكتورى شەمشىنۇر ئەكبەر ئ‍سمىلىك بىر كارخانىچىنى زىيارەت قىلغان.

  خەۋەردە دىيشلىچە، جۇڭگو شىنجاڭ ئاسىيا-ياۋروپا ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا كۆرگەزمىسى تەشكىلىي كومىتېتى قەشقەر شەھەرلىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ئاسىيا-ياۋروپا ئالتۇن كۆۋرۈك (قەشقەر) خەلقئارا كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزگەن.

  جۇڭگو شىنجاڭ ئاسىيا-ياۋروپا ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا كۆرگەزمىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دىلارە قۇربان مۇنداق دېگەن: قەشقەردە كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈشتە، قەشقەرنىڭ «بەش پورت سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىش، بىر يول ياۋروپا ـ ئاسىياغا تۇتىشىش»تەك ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى ئارقىلىق، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئىقتىساد-سودا ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشقا قەشقەر كۈچى قوشۇش مەقسەت قىلىنغان.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئ‍ستانبۇلدا يەنە بىر ئىگە-چاقىسز ئۇيغۇر قايتۇرۋىتىش مەركىزىگە قامالغان.نۇرغۇن كىشلەر ئەندىشە قىلماقتا.

شە دېكابىر 2 , 2023
ئ‍ستانبۇلدا يەنە بىر ئىگە-چاقىسز ئۇيغۇر قايتۇرۋىتىش مەركىزىگە قامالغان.نۇرغۇن كىشلەر ئەندىشە قىلماقتا. ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۈچۈن تەييارلىغۇچى: ئەكرەمجان، ئىھسان شۈكران، مۇھەرىرى: تۇرسۇنجان 2-دېكابىر، 2023 -يىلى ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ ئىگەللىشچە، تۈركىينىڭ ئ‍ستانبۇل شەھىرى سافا كۆي رايونىدا ياشايدىغان مۇھەممەت ئەمىن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر 2023 -يىلى 11.ئاينىڭ 30.كۈنى (پەيشەنبە) ساقچىلار تەرپىدىن ئەتتىگەن سائەت 6:00 ئەتراپىدا تۇتۇپ […]
مۇھەممەد ئەمىن

You May Like