قازاقىستاندىكى كۈنسېرى جىددىيلىشىۋاتقان ۋەزىيەت توغرىسىدا

3-يانۋار قازاقىستاننىڭ جاناۋزېن (Janauzen) شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ تەبىئىي گاز باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە قارشى باشلىغان نامايىشى قىسقىغىنە 2كۈن ئىچىدە پۈتۈن قازاقىستاندىكى سەككىز چوڭ رايونغا كېڭەيگەن. نامايىشچىلار ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى شۇنداقلا قازاقىستان مىللىي رەھبىرى نۇر سۇلتان نازاربايېفنىڭ مۇتلەق ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 5-يانۋار

3-يانۋار قازاقىستاننىڭ جاناۋزېن (Janauzen) شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ تەبىئىي گاز باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە قارشى باشلىغان نامايىشى قىسقىغىنە 2كۈن ئىچىدە پۈتۈن قازاقىستاندىكى سەككىز چوڭ رايونغا كېڭەيگەن. نامايىشچىلار ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى شۇنداقلا قازاقىستان مىللىي رەھبىرى نۇر سۇلتان نازاربايېفنىڭ مۇتلەق ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

پۈتۈن قازاقىستان مىقياسىدا ئەۋج ئالغان نامايىش دولقۇنىغا قازاق زىيالىيلىرى ۋە يازغۇچىلىرىنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىشى ھۆكۈمەتنى چۆچۈتكەن. ھۆكۈمەت ساقچى كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىپ جاناۋزېن شەھىرىدىكى نامايىشچىلارنى قولغا ئالغان. ئاقتاۋ شەھىرىدە نامايىشچى خەلق ئايرودروم يوللىرىنى قامال قىلغان. 4-يانۋار كېچىدە ئالمۇتا شەھىرىدە نەچچە ئونمىڭلىغان خەلق كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلغان بولۇپ، ئۇلار پرېزىدېنت توقايېفنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى ياش ئاققۇزۇش بومبىسى قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق نامايىشچىلار بىلەن تىركەشكەن.
نامايىش باشلانغاندىن كېيىن قازاقىستان دائىرىلىرى كۆچمە ئالاقىلىشىشى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىغا چەك قويغان. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى(Human Rights Watch) پرېزىدېنت توقايېفنى قازاقىستان پۇقرالىرىنىڭ ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا ۋە ئۆكتىچىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشكە چاقىرغان.

ئامېرىكا ئاۋازى ئۆزبېكچە قانىلىنىڭ 5-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۈگۈن قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم جومارت توقايېف ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپا بېرىش ھۆججىتىگە ئىمزا قويغان بولۇپ، ئالىخان سىمايىلوف ۋاقىتلىق باش مىنىستىرلىققا تەيىنلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قازاقىستاننىڭ بىر تۈركۈم بىخەتەرلىككە مەسئۇل خادىملىرىمۇ ئالماشتۇرۇلغان.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئاۋسترالىيە بىلەن ياپونىيە ئىمزالىماقچى بولغان بىخەتەرلىك شەرتنامىسى خىتاينى بىئارام قىلغان

چا يانۋار 5 , 2022
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 5-يانۋاردىكى خەۋىرى، ئاۋسترالىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىمزالىماقچى.

You May Like