قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى 11- ئاينىڭ 20- كۈنى ئەسلىدىكى پىلاندىن بىر كۈن بۇرۇن باشلىنىدۇ

  خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى مۇسابىقە تەرتىپىنىڭ ئۆزگىرىشى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ئادەتتە ساھىبخان دۆلەت ياكى چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قالغۇچى دۆلەت باشلىنىش مۇراسىمىدىكى مۇسابىقىگە چۈشۈشتەك ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇردى.

شۇ جاي ۋاقتى 11-چېسلا خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى كېڭىشى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 2022-يىللىق قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ بىر كۈن بۇرۇن باشلىنىدىغانلىقىنى، ئەسلىدە بېكىتىلگەن دوھا ۋاقتى 21-نويابىردىن دوھا ۋاقتى 11- ئاينىڭ 20- كۈنىگە سۈرۈلگەنلىكىنى بىردەك قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى مۇسابىقىدە ساھىبخان دۆلەت قاتار بىلەن ئېكۋادور مۇسابىقىلىشىدىغان بولۇپ، دوھا ۋاقتى 20-نويابىر سائەت 19:00 دا (بېيجىڭ ۋاقتى 21-نويابىر سائەت 0:00 دە) ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئەسلىدە سېنېگال بىلەن گوللاندىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى مۇسابىقە دوھا ۋاقتى 21-نويابىر سائەت 19 دا (بېيجىڭ ۋاقتى 22-نويابىر سائەت 0:00 دە) ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى مۇسابىقە تەرتىپىنىڭ ئۆزگىرىشى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ئادەتتە ساھىبخان دۆلەت ياكى چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قالغۇچى دۆلەت باشلىنىش مۇراسىمىدىكى مۇسابىقىگە چۈشۈشتەك ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇردى.

 قاتار دۇنيا لوڭقىسى ئەسلىدە 2022-يىل 11-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان بولۇپ، بۇ تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدۇر.

مەنبەسى:ختتاي خەلق تورى

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

رۇشەن ئابباس: كىشىلىك ھوقۇق ئامېرىكا تاشقىي سىياسىتىنىڭ ئاساسى بولۇشى كېرەك

سە ئاۋغۇست 23 , 2022
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ ئامېرىكىدا چاقىرىلغان <Netroots Nation> ناملىق يىغىندا سۆزلىگەن نۇتۇقىنىڭ تېكستى

You May Like